جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ 4 خىل ئەگەشمە كېسەللىكلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/05/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:


كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش- جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. قۇسۇش ناھايىتى بىئارام قىلىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ:
1. سۇسىزلاندۇرىدۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.كۆپ ۋە قايتا- قايتا قۇسۇش ئادەم تېنىنى كۆپ مىقداردىكى بەدەن سۇيۇقلۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئورگانىزملارنى سۇسىزلاشتۇرىدۇ ۋە تۆۋەن كالىي، تۆۋەن خىلور قاتارلىق ئېلېكتىرولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە مېتابولىزم خاراكتېرلىك ئىشقاردىن زەھەرلىنىش ياكى مېتابولىزم خاراكتېرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمارلاردا تىت- تىت بولۇش، ئۇسساش، تېرىسى قۇرغاقلىشىش، ۋېنا ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، سۈيدۈك ئازلاش ۋە يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا يەنە روھىي سولغۇنلۇق، خامۇشلۇق، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا شوك بولۇپ قالىدۇ.


2. ئاشقازان تۈۋى ۋە ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى شىللىق پەردە يىرتىلىدۇ.
قاتتىق قۇسقاندا، بولۇپمۇ ھۆ تۇتقاندا ئاشقازان تۈۋى شىللىق پەردىسى بىلەن قىزىلئۆڭگەچنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى شىللىق پەردە تۇيۇقسىز يۇقىرىلىغان ئاشقازان ئىچكى بېسىمى ۋە تارتىشىش كۈچى سەۋەبىدىن يىرتىلىدۇ. ئاشقازان تۈۋىدىكى بوشىغان شىللىق پەردىمۇ ئاشقازان ئىچكى بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز يۇقىرىلىشى سەۋەبىدىن ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىغا قايتىپ كىرىپ كېتىدۇ. ئاشقازان تۈۋى شىللىق پەردىسى نۇقتىسىمان قانايدۇ، جىددىي قۇرۇق ھۆ كۆپ تۇتىدۇ. قۇسۇق توختىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. قايتا- قايتا جىددىي قۇرۇق ھۆ تۇتۇش سەۋەبىدىن قىزىلئۆڭگەچنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى شىللىق پەردە يىرتىلىپ قانايدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى شىللىق پەردىنىڭ يىرتىلىپ قانىشى ھەزىم قىلىش يولى قاناشنىڭ تەخمىنەن %10 نى ئىگىلەيدۇ. قاناشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېغىر بىمارلاردا كۆپ مىقداردا قاناش كۆرۈلىدۇ. شوك بولۇپ قالىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ. بەزى بىمارلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى پەردىسى يىرتىلىپ قىزىلئۆڭگەچنىڭ كۆكرەك قىسمىدىكى پەردىسى يىگلەيدۇ، مەيدىسىگە يەل كېلىۋالىدۇ، كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا قان ۋە يەل يىغىلىۋالىدۇ، كۆكرەك چىڭقىلىدۇ ۋە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى شىللىق پەردە يىرتىلىپ قانىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا ئاۋۋال ھۆ تۇتقانلىقى ياكى قانسىز ئاشقازان ئىچكى ماددىلىرى، ھەتتا ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ياندۇرغانلىقىغا، قاتتىق قۇسۇشتىن كېيىن روشەن قىزىل رەڭلىك قان سۇيۇقلۇقى پەيدا بولغان- بولمىغانلىقىغا قارايمىز. يېنىك بولغاندا قانلىق داغ ياكى كىچىك قان ئۇيۇتمىسى پەيدا بولىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا چوڭ- چوڭ ئېنىق قان كۆرۈلىدۇ. بىمارلار ناھايىتى تېزلا شوك بولۇپ قالىدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ، تومۇر سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
3. چىرىتكۈچى ماددىلار قىزىلئۆڭگەچنى قايتىدىن زەخىملەندۈرىدۇ.كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار قاتارلىق چىرىتكۈچى ماددىلارنى خاتا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قۇسىدۇ. چىرىتكۈچى ماددا قۇسۇق ماددىلىرىغا ئەگىشىپ يەنە قىزىلئۆڭگەچنى زەخىملەندۈرۈپ كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
4. يۇتۇپ سېلىش ۋە سۈمۈرۈشتىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى بالىلار ۋە ياشانغانلارغا بولۇپمۇ مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسىلى ۋە ياشىنىپ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەنلەرنىڭ قۇسۇشتىن يىرگىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلىغاچقا ياكى زەخىملەنگەچكە قۇسۇقنى يۈتۈپ سېلىپ، قېقىلىپ يۆتىلىپ كېتىدۇ، ھەتتا سۈمۈرۈشتىن ئۆپكە ياللۇغلىنىدۇ. بىمارلار قۇسۇپ بولغاندىن كېيىن كۆكرەك چىڭقىلىش، يۆتىلىش ۋە قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دېۋەڭلىكنىڭ تۈرلىرىدېۋەڭلىكنىڭ تۈرلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : كىلىنىكىدا دېۋەڭلىك بىرلەمچى خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئاساسىي پاتولوگىيەلىك جەھ
  • جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ 4 خىل ئەگەشمە كېسەللىكلىرىجىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ 4 خىل ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش- جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. قۇسۇش ناھايىتى بىئارام قىل
  •  سەكتە بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر سەكتە بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: ئادەتتە، بىز مېڭە ئارتېرىيەسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكى، ئارتېرىيە ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېت
  •  دىيابېت كېسەللىكى ۋە ئىرسىيەت دىيابېت كېسەللىكى ۋە ئىرسىيەت ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : ئالاقىدار تەتقىقات كۆزىتىشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بول
  • بوغۇم ئۆسۈكى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىرىشىبوغۇم ئۆسۈكى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى قورۇلۇپ تارايغاچقا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلاردا، مەسىلەن، كىچىك بوغۇمدىكى بوغۇم خالتىلىرى، تىكەنلىك ئۈس