قان بېسىمنى توغرا ئۆلچەش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


قان بېسىمىنى ئۆلچەشتىن بۇرۇن، كەيپىيات تىنچ ھالەتتە بولۇشى لازىم. ھاياجانلانغان چاغدا ۋە تەنھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلىپ بولۇپلا قان بېسىمىنى ئۆلچىتىشكە بولمايدۇ. يول مېڭىپ كېلىپ ئون مىنۇت ئارام ئالغاندىن كېيىن ئاندىن قان بېسىمىنى ئۆلچەتسە بولىدۇ. بولمىسا ئۆلچەش نەتىجىسى توغرا چىقمايدۇ. دوۋساق زىيادە بولغان بولسا، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا قان بېسىمىنى ئۆلچەشتىن بۇرۇن دوۋساقتىكى سۈيدۈكنى تولۇق چىقىرىۋېتىش لازىم. قان بېسىمىنى ئۆلچەشتىن 30 مىنۇت ئىلگىرى تاماكا چېكىش ياكى چاي، قەھۋە قاتارلىق قوزغاتقۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىش مەنئى قىلىنىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچەملىك ئورنى يۇقىرىقى بىلەكتە بولۇپ، يۇقىرىقى بىلەك ئارتېرىيەسىنىڭ قان بېسىمى ئۆلچىنىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، قان تومۇرنىڭ بېسىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەڭلىك كىيىمىنى سېلىۋېتىش لازىم.

    قان بېسىمىنى ئۆيدە ئۆلچىگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۆلچەنگۈچى كارىۋاتتا يېتىۋالماي، بەلكى بىلەكنى تومپۇچكا ئۈستىگە قويۇشى ياكى كارىۋاتقا قىيپاش تايىنىپ، بىلەكنى پەسكە ساڭگىلىتىشى لازىم. بۇ ئىككى خىل قىياپەتتە ئۆلچەنگەن قان بېسىمىنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقىسىدا ئوڭايلا تۆۋەنرەك، كېيىنكىسىدە ئوڭايلا يۇقىرىراق چىقىپ قالىدۇ. توغرا قىياپەت قان بېسىمىنى ئۆلچەتكۈچى بىلىكىنى يۈرىكى بىلەن پاراللېل ھالدا قويۇپ، ئەڭ ياخشىسى ئولتۇرغان پېتى ئۆلچىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قان بېسىمى ئۆلچىگۈچنىڭ يەل خالتىسىنى جەينەك ئويۇقىدىن ئىككى-ئۈچ سانتىمېتىر يۇقىرىسىدا چىڭ-بوشلۇقىنى مۇۋاپىق قىلىپ باغلاش، ئۇنىڭ ئاستىدا بىر-ئىككى بارماق پاتقۇدەك بوشلۇق قالدۇرۇش لازىم؛ بەك بوش ياكى بەك چىڭ باغلانسا ئۆلچەش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. يەل خالتىسىنىڭ رېزىنكە شارچىسى يۇقىرىقى بىلەكنىڭ ئالدى تەرىپىدە تۇرۇشى لازىم. ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىمى ئۆلچىگۈچنىڭ يەل خالتىسىدا ئاۋاز سېزىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك تەخسە بولۇپ، ئۇمۇ يۇقىرىقى بىلەكنىڭ ئالدى ئىچى تەرىپىدە تۇرۇشى لازىم.

    تىڭشىغۇچنى قۇلاققا تاقاپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى جەينەك ئويۇقىنىڭ ئىچى تەرىپىگەرەك قويۇپ، رېزىنكە شارچىسىنى سىقىپ يەل خالتىسىغا يەل بېرىپ، سىماب تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى مۆلچەرلەنگەن يۇقىرى بېسىمدىن ئىككى-ئۈچ مىللىمېتىر ئۆرلىتىلىدۇ. قان بېسىمى مۆلچەرلەنمىگەن بولسا، سىماب تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 200 مىللىمېتىر تۈۋرۈكىدىن ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم، ئاندىن كېيىن يەل ئاستا-ئاستا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتى تومۇر بىر سوقسا سىماب تۈۋرۈكى بىر سىزىق تۆۋەنلەيدىغان سۈرئەتتە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تومۇر سوقۇشنىڭ بىرىنچى ئاۋازى ئاڭلانغان چاغدىكى سىماب تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى قىسقىرىش بېسىمى بولىدۇ، يەلنى داۋاملىق قويۇپ بەرگەندە، تومۇرنىڭ سوقۇشى تۇيۇقسىز ئاڭلانمايدىغان چاغدىكى سىماب تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى كېڭىيىش بېسىمى بولىدۇ.
    ئەڭ توغرا قان بېسىمىنى قانچە قېتىم ئۆلچەش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس، بەزىلەر قان بېسىمىنى دوختۇرخانىدا يېتىپ ئۆلچەتكەندە، ئۇدا ئۈچ كۈن ئەتىگەندە قان بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىچە سانىنى ئاساس قىلىش كېرەك دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بىر كۈن ئىچىدە ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ئۆلچىگەن قان بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى ئاساس قىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. قىسقىسى، تاسادىپىي بىر قېتىملىق قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاراپ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
    قان بېسىمىنى بىر قېتىم ئۆلچەپ بولۇپ دەرھال ئىككىنچى قېتىم ئۆلچىسە، ئالدىنقىسىدىن تۆۋەن چىقىدۇ. شۇڭا، قان بېسىمىنى ئىككى قېتىم ئۆلچەشكە توغرا كەلسە، بىرقانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلچەش لازىم. يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە دىياگنوز قويغاندا « ئوخشا بولمىغان كۈندە تەكرار ئۆلچەش » ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، قاتتىق ھەرىكەت قىلغان ياكى ھاياجانلانغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئۆتكۈنچى يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق بەزى فىزىيولوگىيەلىك قان بېسىمى داۋالغۇشنى خاتا ھالدا يۇقىرى قان بېسىمى دەپ قاراشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە، ئەگەر بىر كۈن ئىچىدە قان بېسىمىنى بىرقانچە قېتىم ئۆلچىمەكچى بولسا، ئەتىگەنلىك، چۈشتىن كېيىنكى ۋە كەچلىك قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچىسە بولىدۇ، بەزىدە كېچىدە يەنە بىر قېتىم ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئەگەر ئالاھىدە تەلەپ بولمىسا، قان بېسىمىنى بىر قانچە كۈندە بىر قېتىم ياكى بىر-ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆلچىسە كۇپايە قىلىدۇ. بەك تولا ئۆلچەۋەرسە، جىددىيلىك كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، داۋالاشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى باشقا خىل يېڭى دورىغا ئالماشتۇرسا، قان بېسىمىنى بىرقانچە كۈندىن بىر-ئىككى ھەپتىگىچە ئۆتكەندە ئۆلچەش لازىم. چۈنكى، بەزى دورىلار بىرقانچە كۈن ياكى بىر-ئىككى ھەپتە ئىچكەندىن كېيىن ئۈنۈم بېرىدۇ.

    شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ھازىر بازاردا خىلمۇخىل ئېلېكتىرونلۇق قان بېسىمى ئۆلچىگۈچلەر بار بولۇپ، ئۇلار تىڭشىغۇچ ئىشلەتمەسلىك، مەشغۇلات قىلىش ئوڭاي بولۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما سىمابلىق قان بېسىمى ئۆلچىگۈچتەك تۇراقلىق ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆلچەش نەتىجىسىنى سىمابلىق قان بېسىمى ئۆلچىگۈچكە سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش لازىم.
 


iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر