چىش ئەتراپى توقۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


چىش ئەتراپى توقۇلمىسى دېگىنىمىز، چىش يىلتىزىنى قاپلاپ تۇرغان توقۇلمىلار ھەم بىر قىسىم چىش تاجى ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەتتە چىشنى تىرەپ تۇرغۇچى توقۇلما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چىش ئەتراپى توقۇلمىسى چىش مىلىك، چىش ئوقۇر سۆڭىكى ۋە چىش ئەتراپى پەردىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.چىش: چىش ئوقۇر سۆڭىكى بىلەن چىش بوينىنى قاپلاپ تۇرغان بىر خىل شىللىق پەردە توقۇلمىسىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بىراق، ئۇ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ باشقا ئورۇنلىرىدىكى شىللىق پەردىگە ئوخشىمايدۇ. ئالدى بىلەن چىش مىلىكىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە شىللىق پەردە ئاستى قەۋىتى بولمايدۇ. لېكىن، چىش مىلىكىنىڭ ئېپتېلىيە قەۋىتىنىڭ ئۈستىدە مۈڭگۈزلىشىش ئەھۋالى بولىدۇ. چىش مىلىكىنىڭ ئېپتېلىيە قەۋىتى بولسا كۆپ قەۋەتلىك تەڭگىسىمان ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا چىش ئەتراپى توقۇلمىسىنى قوغداش رولى بولىدۇ. چىش مىلىكىنىڭ خاس قەۋىتى قوشقۇچى توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن. تىزىلىشى زىچ، ئارىلىقىدا نېرۋا، قان تومۇر ۋە لىمفا نەيچىسى جايلاشقان بولىدۇ. ئادەتتە چىش مىلىكى فىزىكىلىق، خىمىيەلىك ياكى تاشقى مەنبەلىك باكتېرىيەلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ۋە تاجاۋۇز قىلىشىغا ئاسان ئۇچراپ تۇرىدۇ.
2.چىش ئوقۇر سۆڭىكى: ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئۇنىڭ سىرتى زىچ بولغان سۆڭەك تاشقى پىلاستىنكىسىدىن تۈزۈلگەن. ئىچكى قەۋىتى چىش ئەتراپى پەردىسى بىلەن تۇتاشقاچقا، بىرقەدەر زىچ بولىدۇ. ئىككى قەۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆڭەك پور ماددىسى بولۇپ، ئىچىدە سۆڭەك لىمچىسى ۋە بىلىك بولىدۇ. ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە بولسا قىزىل يىلىك بولىدۇ. ئۇ قان ئىشلەش رولىنى ئوينايدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە بولسا ماينى ئۆز ئىچىگە ئالغان سېرىق يىلىك بولىدۇ.
چىش ئوقۇر سۆڭىكى چىشنى تىرەپ تۇرىدىغان مۇھىم توقۇلما، چىش ئوقۇر سۆڭىكى چىشنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يېتىلىدۇ، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى چىش رولىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، چىش چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن چىش ئوقۇر سۆڭىكىمۇ يىگلەپ كېتىدۇ.
3.چىش ئەتراپى پەردىسى: چىش ئەتراپى تارىمۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ چىش يىلتىزى بىلەن چىش ئوقۇر سۆڭىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوشقۇچى توقۇلما، يىپقا ئوخشاش چىش بىلەن چىش ئوقۇرىنى باغلاپ، چىش ئۈستىگە ئالغان چايناش بېسىم كۈچىنى پەسەيتىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.
چىش ئەتراپى پەردىسى بولسا بىر خىل كوللاگېن تالاسىنى ئاساس قىلغان توقۇلما، ئۇ چىش بىلەن چىش ئوقۇر سۆڭىكى، چىش مىلىكىنى باغلاپ تۇرىدۇ. بۇ تالالار رەتلىك بولۇپ، چايناش بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرىش ۋە چىشنى تىرەپ تۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇ چىش يىلتىزى بىلەن چىش ئوقۇر سۆڭىكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل قاتتىق توقۇلمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۇمشاق سېلىنچىغا ئوخشايدۇ. يېمەكلىكنى چاينىغاندا چىش ئەتراپى پەردىسىنىڭ بېسىم كۈچى تەسىرىنى پەسەيتىدۇ ۋە بېسىمنى چىش ئوقۇر سۆڭىكىگە تەكشى تەقسىم قىلىدۇ.
چىش ئەتراپى پەردىسىدە يەنە بىر قىسىم شالاڭ، تىزىلىشى رەتسىز بولغان تالالار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا قان تومۇر، نېرۋا ۋە لىمفا نەيچىسى بولىدۇ. چىش ئەتراپى پەردىسىنى ئېغىز بوشلۇقىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. رېنتىگېن ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ.

چىش ئەتراپى توقۇلمىسىنىڭ رولى
چىش ئەتراپى توقۇلمىسىنىڭ ئاساسلىق رولى چىش ئوقۇر سۆڭىكىنىڭ مۇھىم تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چىشنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى تولۇق يانجىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چىش ئوقۇر سۆڭىكى بىلەن چىش يىلتىزىنى چىش ئەتراپى پەردىسى باغلاپ تۇرىدۇ. ساغلام چىش ئەتراپى پەردىسى چىش مىلىكىنىڭ مۇقىم ئۆسۈپ تۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر چىش ئەتراپىدا ياللۇغلىنىش كۆرۈلسە، چىش ئوقۇر سۆڭىكى سۈرۈلۈپ چىش ئەتراپى ئارىلىقى كېڭىيىپ، چىش ئەتراپى خالتىسى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىش بوشاپ ياللۇغلىنىش ئېغىرلىشىدۇ، يىرىڭلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چىش ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر