ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بىمارىنى تەكشۈرگەندە قانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقىلىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

1.بەدەن تەكشۈرۈش:
بىمار ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋە كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىم بولغان مەزگىلىدە غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ كانايچە ياللۇغى جىددىي قوزغىلىپ، كۈچەيگەندە ياكى يۇقۇملانغاندا تىڭشىغۇچتا تىڭشاپلا، ئۆپكىدىن چىقىۋاتقان قۇرۇق، ھۆل خىرىلداشنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بەزىدە بىمارنىڭ ئۆزىمۇ دېمى سىقىلغاندا نەپەس يولىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك دەم سىقىلىش تىپىدىكى كانايچە ياللۇغى قوزغالغاندا، دەم سىقىلىپ، ئۆپكىدىن خورۇلدىغان ئاۋاز چىقىدۇ. ھەر قېتىملىق نەپەسلىنىش ئاستا ھەم ئۇزاقراق بولىدۇ. مانا بۇ خىل ئالامەتلەر كانايچىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆپكە يۇقۇملانغان بولسا، ئۆپكىدە خىرىلدىغان ئاۋاز كۈچلۈك بولۇپ خەپرۈك قايناپ تۇرىدۇ. شۇڭا، دوختۇر يۇقىرىقى ئالامەتلىرىدىن بىمارنىڭ ئۆپكىسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىقلاپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.
2.كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش:
كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرگەندە، ئۆپكە ئىككى قانىتىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا يىرىڭ سىزىقچىسىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشى كۈچەيگەنسېرى، ئۆپكىدىكى سىزىقچىلار قالايمىقان يىرىڭ بولۇش بىلەن بىللە ئۇششاق داغچىلار پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ كانايچىنىڭ ياللۇغلىنىشى بىلەن ئاجرالمىلارنىڭ كانايچىدا تىقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كانايچە ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رېنتىگېندىلا تەكشۈرگەندە كېسەللىك ئەھۋالى پەقەت %50 ئېنىقلىنىدىغان بولغاچقا، تەكشۈرۈشنى بۇنىڭلىق بىلەن توختىتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
3.ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش:
بۇ خىل تەكشۈرۈشتە كېسەللىكنىڭ باشلىنىشىدا ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا، ئىنچىكە كانايچىلارنىڭ تارىيىشى بىلەن كانايچىلاردا توسۇلۇش ئالامىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. كېسەللىك ھالىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۆپكىنىڭ ھاۋانى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، ئۆپكىدە يەللىك ئىششىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش يېڭى باشلانغان ئۆپكە يەللىك ئىششىقىغا دىياگنوز قويۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى. شۇنداقلا كېسەللىكنى دەرىجىگە ئايرىشنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى ھېسابلىنىدۇ.
4.خىمىيەلىك ئانالىز قىلىپ تەكشۈرۈش:
بىمارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى يېنىكلىگەن مەزگىلدە، قېنىنى دائىم قائىدە بويىچە تەكشۈرگەندە غەيرىي ئۆزگىرىش بايقالمايدۇ. پەقەت كېسىلى جىددىي قوزغالغاندا، يۇقۇملانغاندا ئاق قان ھۈجەيرىسى بىلەن ناتۇرال ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك دېمى سىقىلىش تىپىدىكى كانايچە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ قېنى ۋە بەلغەمدە كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرە كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەلغەمنى ئەينەك يۈزىگە سۈركەپ ياكى باكتېرىيە يېتىشتۈرۈپ تەكشۈرسە، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە بىلەن كېسەللىك ۋىرۇسىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر