سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى دېگەن نېمە؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادى تېببىي ساۋات :


سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى قوزغىلىش مەنبەسى يەنىلا سىنۇس دالانچە تۈگۈنىدە بولغان، ئەمما سۈرئىتى ۋە رىتىمىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
1) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش:

سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ رىتىمچانلىقى ئېشىپ، نورمال سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمىنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، يەنى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىشى، بالىلارنىڭ مۇناسىپ ياش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىشى سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش دېيىلىدۇ.


2) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش:

سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن ئاز بولسا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش دېيىلىدۇ. سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلىغاندا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى تەڭ كۆرۈلىدۇ.


3) سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشى:

سىنۇس دالانچە تۈگۈنى بىر ياكى كۆپ قېتىملىق يۈرەك ھەرىكىتى تەكرارلانغاندا ئىمپۇلس ھاسىل بولمىسا ھەمدە يۈرەك دالانچىسى ياكى يۈرەك تولۇق قوزغالمىسا سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشى دېيىلىدۇ.


4) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى:

سىنۇس دالانچە تۈگىنىنىڭ تەرتىپسىز قوزغىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان يۈرەك دالانچىسى ۋە يۈرەك قېرىنچىسىدە كۆرۈلىدىغان رىتىمسىز ئۆزگىرىش سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.


5) سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈلۈشى توسۇلۇش:

سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان قوزغىلىش سىنۇس دالانچە تۈگۈنى ۋە يۈرەك دالانچىسىدىكى مۇسكۇل توقۇلمىسىنىڭ تۇتىشىش رايونى ئارقىلىق تۇتىشالماسلىقى سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈلۈشى توسۇلۇش دېيىلىدۇ.

سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەشنىڭ ئېلېكتىرو-كاردىئوگرامما ئالاھىدىلىكى قانداق بولىدۇ؟

سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەشنىڭ ئېلېكتىرو-كاردىئوگرامما ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
1) P دولقۇنىدا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمىنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ.
2)  P-R ئارىلىق دەۋرى 0.20 ~ 0.12 سېكۇنت ئارىلىقىدا بولىدۇ.
3) يۈرەكنىڭ سوقۇشى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىر
ياش ئىچىدىكى بالىلارنىڭ مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن؛  6 ~ 1 ياشلىق بالىلارنىڭ مىنۇتىغا 120 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ؛ 6 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئادەتتە مىنۇتىغا 150 قېتىمغا يېتىدۇ. P-R ئارىلىقىدا ئازراق رىتىمسىزلىق بولىدۇ، ئەمما ئادەتتە 0.12 سېكۇنتتىن ئاز بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر