ياش پەرقى تۈپەيلى ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
ئۇيقۇسى قاچقان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاسان ئۇخلىيالمايمەن دەپ ئاغرىنىدۇ. بىراق ئۇخلاپلا قالسا ناھايىتى ياخشى ئۇخلاپ كېتىدۇ؛ ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان ياشانغانلاردا بولسا ئۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، ئۇلار ئوڭاي ئۇخلاپ قالىدۇ، بىراق كېسەللىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيقۇسى سەگەكلىشىپ كېتىدۇ. تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، ياشلار كېچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.8 قېتىم ئويغىنىدىكەن. ياشانغانلار بولسا 21 قېتىم ئويغىنىدىكەن، ياشانغانلارنىڭ ئويغىنىپ كېتىشى ياشلارنىڭ 3.6 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. دېمەك، ياشلارنىڭ ئۇيقۇسى نىسبەتەن تۇراقلىق، ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسى بىرقەدەر تۇراقسىز بولۇپ، ئارىلىقتا ئويغىنىپ تۇرىدۇ. بەزى ئورۇنلارنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە ياشانغانلارنى قويۇشىدىكى سەۋەبمۇ شۇ بولسا كېرەك.


ئۇيقۇنىڭ ئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدىكى پەرقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى تەڭ قۇراملىقلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۇيقۇدا خېلى پەرق بولىدۇ. بەزى ئوتتۇرا ياشتىكى ساغلام كىشىلەر بىر كېچىدە ئۈچ سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئۇخلايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نورمال ھېسابلىنىدۇ؛ بەزىلەر ئون سائەتتىن ئون ئىككى سائەتكىچە ئۇخلايدۇ، ناۋادا يەتتە سائەت ئۇخلاپ قالسا ئۇيقۇسى قانماي مۈگدەپ كېتىدۇ.
ئادەم ئوخشىمىغان ياش مەزگىلىدە زادى قانچىلىك ئۇخلىسا فىزىيولوگىيەلىك تەلەپكە ئۇيغۇن بولىدۇ؟ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئادەتتە ئېمىتىلگەن ۋە زاكىسى يۆتكەلگەندىن باشقا چاغدا ئۇخلايدۇ، ئۇلار كۈنىگە ئون سەككىز سائەتتىن يىگىرمە ئىككى سائەتكىچە ئۇخلىسا بولىدۇ؛ بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار 13-14 سائەت؛ ئىككى ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلار 12 سائەت، تۆت ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلار 11 سائەت؛ يەتتە ياشتىن ئون بەش ياشقىچە بولغان بالىلار 9-10 سائەت؛ ئون بەش ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان ياشلار ئۆسمۈرلەر 8-9 سائەت؛ قورامىغا يەتكەنلەر 8 سائەت ئەتراپىدا؛ ياشانغانلار 5-6 سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ.

بەزىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ( ئالتە ياشتىن ئون سەككىز ياشقىچە ) نىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە 8 سائەتتىن؛ ئون توققۇز ياشتىن ئەللىك بەش ياشقىچە بولغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ يەتتە سائەتتىن؛ 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە ئۇخلاش ۋاقتى ھەر كىمنىڭ تەن ساقلىقى، ئوزۇقلۇق ئەھۋالى، تۇرمۇش شارائىتى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگىكىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇخلاش ۋاقىتلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر