جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى بۇ 5 خىل كېسەللىكتىن پەرقلەندۈرۈڭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كىلىنىكىلىق ئالامىتىگە ئاساسەن ئېنىق دىياگنوز قويۇش تەس ئەمەس. دىياگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتا ئاساس قىلىنىدۇ.
1. كېسەللىك تارىخى
 زىيادە يەپ ئىچىش، مەينەت يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ھاراقكەشلىك، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش تارىخى بولىدۇ. پاكىزلانمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش تارىخى بارلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەنلەردە كېسەللىك يۈز بېرىدۇ.
2. كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى
كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى جىددىي بولىدۇ. يۇقىرىقى قورساق قىسمى توساتتىنلا بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى ياكى ئىچى سۈرۈش بىللە كېلىدۇ. ئىچى سېرىق سۇدەك كېلىدۇ. ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامىتى بىللە كەلسە يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغى دەپ قارىلىدۇ. دائىم قىزىش بىللە كېلىدۇ. قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولغانلار سۇسىزلىنىدۇ ۋە كىسلاتا- ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ. ئاساسلىقى يۇقىرىقى ھەزىم قىلىش يولى قاناش ئالامىتى كۆرۈلسە يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ قارىلىدۇ.
3. لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر
كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىسى نورمال بولىدۇ ياكى سەل يۇقىرىلايدۇ. سالمونىللا باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سەل تۆۋەنلەيدۇ. قۇسۇق ياكى گۇمانلىق يېمەكلىكلەردىن باكتېرىيە يېتىلدۈرگەن كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ، قاندىن باكتېرىيە يېتىلدۈرگەندە مەنپىي خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك پەيدا قىلغان يېمەكلىكلەر ئېنىق بولسا ياكى يېگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭلا كېسەل بولسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەنگە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئېنىقلىغىلى ھەمدە پاتولوگىك ھېستولوگىيە دىياگنوزىنى قويغىلى بولىدۇ.
ئاشقازان ئەينىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ۋە قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى كلىنىكىدا كېسەللىك سەۋەبى ۋە پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاددىي ئاشقازان ياللۇغى، جىددىي چىرىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، جىددىي يىرىڭداش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كىلىنىكىدا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئانتىبېيوتىكلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەچكە جىددىي يىرىڭداش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.

جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى قايسى كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟
1.  جىددىي چىرىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى
كۈچلۈك كىسلاتا ( گۈڭگۈرت كىسلاتاسى، تۇز كىسلاتاسى، ئازوت كىسلاتاسى )، كۈچلۈك ئىشقارلار ( ناترىي گىدوركسىد، كالىي گىدوركسىد ) ياكى لىزول قاتارلىقلارنى ئىچىش تارىخى بولىدۇ. ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش يولى كۈيۈشىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق، تۆش سۆڭىكى ئارقىسى ۋە ئۈستۈنكى قورساق قىسمىدا قاتتىق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يېمەكلىك يۇتقاندا ئاغرىيدۇ، يۇتۇش قىيىن بولىدۇ، دائىم كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ. ئېغىر بولغاندا يەنە قان قۇسىدۇ. قۇسقان قاندا چىرىگەن شىللىق پەردە بولىدۇ. بەدەن ئاجىزلايدۇ، شوك بولۇپ قالىدۇ ياكى قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان تېشىلىدۇ. ئېغىز، يۇتقۇنچاقنىڭ ئۇچراشقان ئورۇنلىرى ياللۇغلىنىش، قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق، شەلۋەرەش، نىكروزلىنىپ شىللىق پەردە تۆكۈلۈش، يارا بولۇش يۈز بىرىدۇ ياكى قارا، ئاق رەڭلىك قەقەچ كۆرۈلىدۇ.
2. جىددىي خاراكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈڭچە ياللۇغى
بۇ كېسەللىكتە دەسلەپتە قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. ئەمما، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجىي ئوڭ قورساق قىسمىغا يۆتكىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم بولغان بېسىلىپ ئاغرىش ۋە تەتۈر سىلكىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە قىزىش، ئاق قان دانچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى يۇقىرىلاش، نېيترال دانچىلىك ھۈجەيرە روشەن يۇقىرىلاش بىلەن كۆرۈلىدۇ.
3. ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش
قورساق قايتا- قايتا ئاغرىغاندا ئادەتتە ئوڭ تەرەپ ئۈستى قورساق ئاغرىپ، ئوڭ تاغاق قىسىمىغا تەسىر قىلىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە كۆز ئېقىغا، تېرىگە سېرىقلىق چۈشۈپ قېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم. ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىيدۇ، مورفېي يىغىندا ئالامىتى مۇسبەت بولىدۇ ياكى ئۆت خالتىسى يوغىنايدۇ،  تىپلىق ئۇلترا دولقۇنلۇق ئاۋاز تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا ئۆت خالتىسى ئىچىگە تاش چۈشكەنلىكىنى ياكى خالتا تېمىنىڭ پارقىرىمىغانلىقىنى، قاندىكى بىلىروبىنىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، سۈيدۈكتىكى ئۈچ خىل ماددىنى تەكشۈرۈشنىڭ دىياگنوز قويۇشقا ياردىمى بولىدۇ.
4. جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
جىددىي قوزغانغاندا قورساق ئاغرىيدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، قورساق ئاغرىقى ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنىڭ مەركىزى ياكى سەل سول تەرەپتە بولىدۇ. بىمارلار ئاغرىقنىڭ بالدۇرراق يېنىكلىشىنى ئۈمىد  قىلىپ، قايتا- قايتا قۇسىدۇ. ئۈستۈنكى قورساق قىسمى تويغاندەك كۆپىدۇ ياكى مۇسكۇل جىددىيلىشىدۇ. ئوتتۇرىسى ياكى سەل سول تەرەپ باسسا ئاغرىيدۇ. قاننى ياكى سۈيدۈكنى خىمىيەلىك تەكشۈرگەندە ئامىلازا روشەن يۇقىرىلىغان بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا تېرە ئاستىغا قان تولىدۇ، شوك بولىدۇ، نەپەسلىنىشى ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.
5. كۆكرەك بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
ئەگەر چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى، جىددىي خاراكتېرلىك كۆكرەك پەردە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر دەسلەپتە كۆرۈلگەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلار كۆرۈلۈپ، دائىم جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ياكى جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. كېسەللىك تارىخىنى، بەدەن ھالىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە زۆرۈر بولغان رېنتىگېن بىلەن كۆكرەكنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئېلېكتىرو كاردىئوگىراممىدا قوشۇمچە تەكشۈرگەندە بۇنى پەرقلەندۈرۈش تەس ئەمەس.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر