بالىلاردىكى ئۈچ خىل چىش دەۋرى قايسىلار؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


چىشنىڭ پۈتۈن ئۆسۈش جەريانىنى يەنى سۈت چىشى دەۋرى، ئارىلاشما چىش دەۋرى ۋە توراقلىق چىش دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل چىش دەۋرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1. سۈت چىشى دەۋرى: سۈت چىشى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، بىرىنچى تۇراقلىق چىش چىقىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ( ئالتە ئايلىقتىن ئالتە ياشقىچە ) سۈت چىشى دەۋرى دېيىلىدۇ. سۈت چىشى ئۆسمۈرلەرنىڭ بىردىنبىر چايناش ئەزاسى بولۇپ، يېتەرلىك چايناش ھەرىكىتى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە چايناش ھەرىكىتىنىڭ غىدىقلىشى ئارقىلىق ئېڭەك سۆڭىكى ۋە چىش ئەگمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، سۈت چىشى دەۋرىدە، سۈت چىشىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، بۇ دەۋردە سۈت چىشنىڭ چىرىپ كېتىشى يۈز بېرىدىغان ھەمدە سۈت چىشنىڭ يىلدىن- يىلغا كۆپىيىدىغان ۋاقتى بولۇپ، بالدۇر بايقاپ ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، چىش چىرىش ئېغىرلىشىپ چىش يىلىكى كېسەللىكى ياكى يىلتىز ئۇچى كېسەللىكىگە ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم دەۋرى بولغاچقا، سۈت چىشنىڭ بۇرۇن چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، تۇراقلىق چىشنىڭ رەتسىز، قالايمىقان، غەيرىي چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
2. ئارىلاشما چىش دەۋرى: بىرنەچچە تۇراقلىق چىش چىققاندىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكۈچە بولغان مەزگىل ( ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە ) ئارىلاشما چىش دەۋرى دېيىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئېغىز بوشلۇقىدا سۈت چىشى ھەم تۇراقلىق چىشمۇ بولىدۇ. بۇ تۇراقلىق چىشنىڭ چىرىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ، تۇراقلىق چىشنىڭ چىرىشىنى بالدۇر بايقاش ناھايىتى مۇھىم. بۇ مەزگىل يەنە بالىلارنىڭ ئېڭەك سۆڭىكى ۋە چىش ئەگمىسى يېتىلىدىغان، تۇراقلىق چىشنىڭ چىشلىشىشى شەكىللىنىدىغان مۇھىم باسقۇچ بولغاچقا، غەيرىي چىشلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر غەيرىي چىشلەش بايقالسا، بالدۇر تۈزىتىش كېرەك.
3. تۇراقلىق چىش دەۋرى: 12 ياش ئەتراپىدا سۈت چىشنىڭ ھەممىسى ئالمىشىپ، تۇراقلىق چىشلاردىن ئۈچىنچى ئېزىق چىشتىن باشقىلىرى ئاساسەن چىقىپ بولىدۇ. دەسلەپتە چىققان تۇراقلىق چىشنىڭ ئاناتومىيە شەكلى ۋە توقۇلما تۈزۈلۈشىدە بەزىبىر ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. مەسىلەن، چىشنىڭ چايناش يۈز ئويمىنى بىرقەدەر، ئېمال ماددىسىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ۋە كىسلاتاغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولۇش قاتارلىقلار. بۇ مەزگىلدە چىش چىرىش كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئىمكانقەدەر تۇراقلىق ئېزىق چىشىنى ياخشى ئاسراشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى قوللىنىش مۇشۇ مەزگىلدىكى مۇھىم پىرىنسىپ ھېسابلىنىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر