ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ جىددىي قوزغالغاندىكى ئىپادىسى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ جىددىي ئېغىرلىشىش مەزگىلىدە بىماردا يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش خېلىلا ئېغىر بولىدۇ. يىرىڭسىمان يېپىشقاق بەلغەم كۆپىيىپ، كېچىسى قىزىپ پۈتۈن بەدىنى ئاغرىيدۇ. دەسلەپكى تىپىك ئىپادىسى، بىماردا ئالدى بىلەن زۇكامداپ ماغدۇرسىزلىنىش، كۆكرىكى سىقىلىش، قىسمەن بىمارلاردا يەنە قىزىش، گېلى ئاغرىش، يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئەمما، ساغلام كىشىلەردە « يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش » ئىپادىسى يېنىكرەك بولىدۇ. ھەتتا قىسمەن بىمارلاردا دەسلەپتە زۇكامدىغاندەك بولۇپ، بىراقلا ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىنىڭ ئېغىرلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىماردا يۆتەل كۈچىيىپ، كۆكرىكى سىقىلىدۇ، شىلىمشىق كۆپۈكچە بەلغەم كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇ نەپەس يولىنىڭ ۋىرۇسلۇق يۇقۇملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل يۇقۇملىنىش 3 ~ 2 كۈن داۋاملاشسىلا بىمار ئاق يىرىڭسىمان بەلغەم تۈكۈرىدۇ. كېسەل تەكرار قوزغىلىپ تۇرغان قىسمەن بىمارلار بولسا سېرىق ياكى كۆك يىرىڭسىمان بەلغەم تۈكۈرىدۇ. بەلغەمنىڭ رەڭگى ۋە ئاز- كۆپلۈكى بىماردىكى ياللۇغ پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

يىرىڭلىق بەلغەم ئادەتتە بىمارنىڭ نەپەس يولىنىڭ يىرىڭ پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىسمەن بىمارلار زۇكامداپلا يىرىڭلىق بەلغەم تۈكۈرىدۇ. بۇ بىمارنىڭ نەپەس يولى ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن يۇقۇملاندۇرغۇچى ۋىرۇسىنىڭ تېز كۆپەيگەنلىكى ۋە نەپەس يولىدا ئەسلىدىلا باكتېرىيە پارازىتىنىڭ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ بىمارلارنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكى ياخشىلانسىمۇ، قىسمەن خەپرۈك كانايچىدا قالغاچقا، باكتېرىيە پارازىتى خەپرۈك بىلەن بىرگە نەپەس يوللىرىدا ساقلىنىپ قالىدۇ. مۇبادا زۇكام ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بىمارنىڭ نەپەس يولى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلىسا، نەپەس يولىدىكى باكتېرىيە دەرھال تېز كۆپىيىپ، كانايچە شىللىق پەردىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ ۋە چىرىتىدۇ.

شۇڭا، بىمار يىرىڭسىمان بەلغەم تۈكۈرۈپ، دېمى سىقىلىدۇ. باكتېرىيە زور مىقداردا كۆپىيىپ كانايچىدا ياللۇغ پەيدا قىلغاندا كانايچە شىللىق پەردىسىدە قان ئۇيۇشۇپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، كانايچىنىڭ تارىيىشىنى، باكتېرىيە پەيدا قىلغان زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىرىدىن كانايچە مۇسكۇلىنىڭ قورۇلۇشىنى پەيدا قىلىپ، كاناي بوشلۇقى تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە نەپەس يولىدا پەيدا بولغان ۋىرۇسلۇق بەلغەم كانايچە يوللىرىنى توسۇۋالىدۇ. يۇقىرىقى ئامىللار ھاۋانىڭ كانايچىدا ئەركىن ئېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، بىمارنىڭ نەپسى بوغۇلىدۇ، شۇڭا بىمار نەپەسلەنگەندە قىرقىرىغان، كۇرۇلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىمار چوقۇم جىددىي داۋالىنىشى كېرەك.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر