ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


1.  روھىي ئامىللار ۋە خاراكتېر ئامىللىرى
1)  روھىي جىددىيلىك ۋە پاسسىپ روھىي ھالەت
ئادەتتە، ئەر بىلەن خوتۇن ئوخشاش يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئەمما ئەرنىڭ تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى خوتۇنىغا قارىغاندا بەش ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئانىلىق ھورموننىڭ خۇتوننى قوغداش رولىنى ئوينىغانلىقىدىن سىرت، مۇھىمى، ئەرنىڭ روھىي توسالغۇسى ۋە ئىجتىمائىي بېسىمىنىڭ خوتۇننىڭكىگە قارىغاندا ئېغىر بولۇپ، تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىدا چوڭ رول ئوينىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ھازىرقى زامان كىشىلىرى تۇرمۇش بېسىمى، خىزمەت بېسىمى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن دەم ئالالمايدىغان بولۇپ قالدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، %15 سېمىزلىكنى زىيادە روھىي جىددىيلىك ياكى روھىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەم روھىي بېسىمغا ئۇچرىغاندا ياكى روھىي جەھەتتە جىددىيلەشكەندە، بەدەندىكى ئاداشقان نېرۋىلار زىيادە ھەرىكەتلەنگەچكە ھەم مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلانغاچقا، بەدەن ئاجراتمىلىرى كۈچىيىپ، ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە ياكى روھىي بېسىمغا ئۇچرىغاندا، دىققىتىنى چېچىش  كويىدا كۆپ غىزالىنىۋېلىشمۇ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. روھىي جىددىيلىك ۋە روھىي بېسىم قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سېمىزلىكتىن ئېھتىيات قىلىش، « ئورۇقلاش » ئۈچۈن ئالدى بىلەن « بېسىمنى ئازايتىش » كېرەك. سېمىزلىك ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى شەھەرلەردە ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىنىدىغان، بازار ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. تاجىسمان ئارتېرىيەنىڭ قېتىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئادەم روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە ياكى ھاياجانلانغاندا ۋە ياكى ئاچچىقلانغاندا، سىرتقى ئەتراپ قان تومۇرلىرى قىسقىرىپ، ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ قېلىنلىشىشى، تومۇر كانىلىنىڭ تارىيىشى، قان بېسىمىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ كۈچلۈك قىسقىرىشى قان تومۇر ئىچكى پوستلاق ھۈجەيرىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ. قاندىكى خولېستېرىن ئارتېرىيە دىۋارىنىڭ ئىچىگە ئولتۇرۇشۇۋېلىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك جىددىيلىك قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، قان پىلاستىنكىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، قان نۆكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ بۇ ئامىللار يىغىلىپ ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بىزگە مەلۇم، بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا قوماندانلىق قىلىدىغان چوڭ مېڭە پوستلىقى « قوماندانلىق ئىشتابى » سىمپاتىك نېرۋا ۋە قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋىنى ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلار ئىككىلىسى ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ئىچكى ئەزالار نېرۋىسى بولۇپ، يۈرەك ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىمپاتىك نېرۋا يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىش، تاجىسىمان ئارتېرىيەنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھالبۇكى، قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى ئاستىلىتىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيەنى قىسقارتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، بۇ ئىككى نېرۋا بىر- بىرىنى كونترول قىلىپ ۋە بىر-بىرى بىلەن قارشىلىشىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، يۈرەكنى نورمال ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئادەم خىزمەت، تۇرمۇش ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە داۋامىدا غىدىقلىغۇچى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، چوڭ مېڭە پوستلاق « ئىشتابى » نىڭ فۇنكسىيەسى ئاسانلا قالايمىقانلىشىپ، سىمپاتىك نېرۋا بىلەن قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، سىمپاتىك نېرۋا جىددىيلىشىدۇ ۋە غىدىقلىنىدۇ. بۇ يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە ئۇيۇشۇۋېلىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئادەم ئۇزۇن مۇددەت، تەكرار روھىي جىددىيلىك ھالىتىدە تۇرسا، بۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ ياكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى نورمال دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە ياكى ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھىي غىدىقلىنىش ھالىتىدە تۇرسا، كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ؛ بولۇپمۇ روھىي كەيپىيات جىددىي تۇراقسىزلاشقاندا ئاسانلا يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەتتە ئادەم خۇشال، ئۈمىدۋار يۈرسە، روھىي كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىشىشى، غەم- ئەندىشە، زىيادە روھىي جىددىيلىكتىن ساقلانسا، تاجىسمان ئارتېرىيەلىڭ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭ تېخىمۇ ئەدەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ۋە جىددىي قوزغىلىشىنى ئازايتىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.
يېقىندىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، پاسسىپ روھىي كەيپىيات، مەسىلەن، قايغۇ- ھەسرەت، ئۈمىدسىزلىك، تەشۋىشلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنى زەخىملەندۈرۈپ، تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. نورمال ئەھۋالدا، يۈرەك تاشقى مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ رىتىملىق سوقىدۇ، پاسسىپ روھىي كەيپىيات يۈرەكنىڭ بۇ خىل رىتىمىنى بۇزۇپ، يۈرەككە بېسىم چۈشۈرىدۇ، ئادەمنىڭ 45~55 ياشلىق دەۋرى ئادەم ئۆمرىدىكى ئالاھىدە دەۋر بولۇپ، بۇ ياشتىكى كىشىلەرنىڭ روھىي يۈكى ۋە ئىقتىسادىي يۈكى ئوخشاشلا ئېغىر بولىدۇ، ساغلاملىقى ناچارلىشىپ بارىدۇ، بۇنىڭغا پاسسىپ كەيپىيات قوشۇلۇپ، ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى، بولۇپمۇ تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇنغىچە چۈشكۈن يۈرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى پائال تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.
2)  A تىپلىق خاراكتېر
ئادەم خاراكتېرىمۇ تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز، مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئەھۋالنى بايقايسىز: شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر باركى، ئۇلار كۈن بويى جىددىيلىك ۋە بېسىم ئاستىدا ئۆتىدۇ. ئۆزىنىڭ كەسپىنى ۋە نەتىجە قازىنىشىنىلا ئويلايدۇ، كەسىپچانلىقى تولىمۇ كۈچلۈك، ھەر قانداق ئىشتىن قانائەت تاپمايدۇ، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلمەيدۇ، شەخسىي ساغلاملىقىغا دائىم دېگۈدەك سەل قارايدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە ئىشنى تېز ھەم كەسكىن قىلىدۇ، ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدۇ، كۈن بويى چېپىپلا يۈرىدۇ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك؛ بۇنداق ئادەملەر ئالدىراقسان كېلىدۇ، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ چېچىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئادەملەر باركى، ئۇلار تۇرمۇشىنى ئازادىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، خىزمىتىگە، كەسپىگە جىددىي قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىسمانىي كۈتۈنۈشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چىقىشقاق كېلىدۇ، باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، تۇرمۇشتىن قانداق ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ، بېسىم ئىچىدە تۇرغاندىمۇ ئۆزىنى ئەركىن تۇتالايدۇ، ئىشلەش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ. بۇلار بىر- بىرىگە مۇتلەق ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل تىرىكچىلىك (جاھاندازچىلىق ) ۋە ياشاش ئۇسۇلى بولۇپ، يۈرەك كېسەللىكى مۇتەخەسسىسلىرى ئالدىنقىسىنى A تىپلىق خاراكتېردىكى كىشىلەر، كېيىنكىسىنى B تىپلىق خاراكتېردىكى كىشىلەر، دەپ ئاتايدۇ.  تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، A تىپلىق خاراكتېردىكى كىشىلەرنىڭ تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى B تىپلىق خاراكتېردىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ھالبۇكى، ھازىرقى جەمئىيەتتە A تىپلىق خاراكتېردىكى ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كويىدا ھەمىشە بېسىم ئاستىدا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ ئەرلەرنىڭ تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.



2.  زىيادە چارچاش
ئادەم زىيادە چارچاپ كەتسە بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش يېشى تۆۋەنلەپ 30 ياشقا چۈشكەن. 30 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئىجادچانلىق كۈچى ۋايىغا يېتىدىغان بولغاچقا، بارلىق قىزغىنلىقى ۋە زېھنىي كۈچىنى خىزمەتكە بېغىشلايدۇ، ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ۋە چارچاپ كېتىشى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزۇن مۇددەت جىددىي ئىشلەش، زىيادە چارچاش، يېتەرلىك چېنىقماسلىق ئادەمگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن غايەت زور بېسىم ئېلىپ كېلىپ، بەدەن ساپاسىنى تۆۋەنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، بۇ ياشانغانلار كېسەللىكىنىڭ بالدۇر باشلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئىختىساسلىقلاردا ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدىكەن. يېقىندا، دۇنياغا مەشھۇر بىر كارخانىنىڭ باش خوجايىنىنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولۇشى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلارنىڭ ساغلاملىقى مەسىلىسىنى ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندۇردى. تۇرمۇش ئادىتىنىڭ نورمالسىزلىقى جىسمانىي بېسىمنى تەدرىجىي ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ياشلار ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەش، ئەمما يېتەرلىك ئارام ئالماسلىق ۋە ئۇخلىماسلىق ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىپ، يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەپتىسىگە 60 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىغان، ئۇزۇن مۇددەت يېتەرلىك ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇدا ئىككى كېچىلىك ئۇخلاش ۋاقتى بەش سائەتكە توشمايدىغانلاردا يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش ئېھتىماللىقى نورمال ئەھۋالدىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر نورمال خىزمەت ۋاقتىنىڭ ھەپتىسىگە 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى، خىزمەت بېسىمى ئېغىرلارنىڭ ئارام ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز، ھەر خىل « تۇرمۇش ئادىتى كېسەللىكلىرى » نى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى؛ سېمىزلەر ۋە قېنىدا ماي كۆپىيىپ كەتكەن، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلەر بەدەن ئېغىرلىقى، قاندىكى ماي مىقدارى، قان بېسىمىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈشى؛ تاماكىنى ئاز چېكىپ، تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك. كېسەللىكنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇزۇن بىر جەريان كېتىدۇ، كېسەللىك ئۆزگىرىشى جەريانىدا، كېسەللىك بېشارىتىنى بالدۇر بايقاپ، مۇۋاپىق مۇداپىئە تەدبىرلىرى قوللىنىلسا،  كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ ياكى ئۇنى كېچىكتۈرۈپ، يامان ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، تاجىسمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق « تۇرمۇش ئادىتى كېسەللىكلىرى » نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ- ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە.

تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما نۇرغۇن تەتقىقاتلار ۋە تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىنى قايتۇرغىلى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ دائىرىسىنى داۋالاش ئارقىلىق چەكلىگىلى ۋە كىچىكلەتكىلى، يۈرەك سانجىقىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ. ھايۋانات تەجرىبىسىدە ھايۋانلارنى ياغ، خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى يەم- خەشەك بىلەن بېقىشنى توختاتقاندا، ھايۋانلاردىكى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاستىلىغان، ھەتتا تامامەن يوقالغان. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچىمۇ كىشىلەر توپىدا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوخشىمامدىكەن: ئەقلىي ئەمگەكچىلەردە جىسمانىي ئەمگەكچىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى يۇقىرى، يېنىك جىسىمانىي ئەمگەكچىلەردە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكچىلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەكنىڭ يۈرەكنى قوغداش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، ياخشى تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىڭ يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بالىلىق دەۋردىلا باشلىنىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىمۇ بالىلىق دەۋردىن باشلاش كېرەك. بەزى ماتېرىياللاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيەسى نورمال بولۇپ، كېيىنچە تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، بەش يېشىدا تەخمىنەن ئۇچتىن ئىككى قىسىم بالىدا تاجىسىمان ئارتېرىيە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە قاتىدىكەن. 15 يېشىدا تامامەن نورمال تاجىسىمان ئارتېرىيەسىنى تاپقىلى بولمايدىكەن. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار بار ئىئىلىدىكى بالىلار تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قان بېسىمى، قان مېيى، قان شېكىرىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، زىيادە ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ساقلىنىپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش لازىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، خەۋپلىك باسقۇچتىكى بىر گۇرۇپپا ياشانغانلارنىڭ ساغلام تۇرۇش ئادىتى ۋە ھەرىكىتىگە ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىنىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %20 ۋە %18 تۆۋەنلىتىلگەن. ئەمەلىيەت، بۇ يېتەكلەش پىرىنسىپىنى، مەسىلەن، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، ئۈچ ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا پارچە- پۇرات يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كېچىلىك جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئازايتىش، ۋىتامىن  A، C ، E تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، سۇنى كۆپ ئىچىپ چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش؛ تەرتىپلىك بەدەن چېنىقتۇرۇپ، مەدەنىي پائالىيەتلەرگە مۇۋاپىق قاتنىشىپ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ، كۈنىگە يەتتە- سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈش، تازىلىققا رىئايە قىلىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى ئىچمەسلىك ياكى ئاز ئىچىش؛ روھىي توسالغۇلارنى تۈگىتىش، ئۈمىدسىزلەنمەسلىك ۋە روھسىزلانماسلىق؛ مىجەزى ئۇچۇق- يورۇق، باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان، قانائەتچان، خۇشخۇي، بىرەر ئىشقا قىزىقىدىغان بولۇش، بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشى، جۈملىدىن ئىناق- ئېجىل جىنسىي تۇرمۇشى بولۇش، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلارنى تۇرمۇشتا ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن ئاسان. كۆزىتىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، كۆپ خىل ساغلام ھەرىكەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلغانلار مەلۇم بىر قانچە تۈرگىلا رىئايە قىلغانلارغا قارىغاندا 11 يىل ئەتراپىدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىكەن. « نادانلىق، بىلىمسىزلىكتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى » - بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەممەيلەن ئۈچۈن چىقارغان مۇراجىتى. تۇرمۇش قائىدىلىك، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇلسا، ئىلمىي، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتى تۇرغۇزۇلسا، نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەر، جۈملىدىن، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. تۇرمۇش ئادىتىدىكى ساغلاملىققا تەھدىت سالىدىغان ئامىللارنى تۈگىتىش- ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر