يۇقىرى قان بېسىمى ئاسان قوزغىلىدىغان 10 خىل ۋاقت

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
 
ياخشى تۇرمۇش ئادىتى دېگىنىمىز تەن ساغلاملىققا پايدىلىق،
كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا پايدىسىز ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىشتىن يەكۈنلەنگەن تەجرىبە بولۇپ، ئۇ بىزگە نېمىنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى، نېمىنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ مەلۇم بىر ۋاقىتتا قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
 كىشىلەر تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتى، خىزمەت ئالاھىدىلىكى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىق ھەرقايسى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا بەزى ئادەت خاراكتېرلىك قانۇنىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان يېتىلدۈرگەن ئادەتلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسىز بولغان، بەزىدە ھەتتا كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرىدىغان ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر تەدبىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1) ئاي تولغان كۈن
بىر ئاي ئىچىدە ھاياتلىققا ئەڭ تەھدىت سالىدىغان مەزگىل ئاينىڭ ئوتتۇرىسى، يەنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئاينىڭ 15-كۈننىڭ ئالدى-كەينى بولۇپ، كېچىدە ئاسماندا تولۇن ئاي كۆرۈنىدۇ. ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولغانلىقتىن، ئۇ دېڭىز سۈيىنى دولقۇنلاتقانغا ئوخشاش ئادەم بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇققىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ھالبۇكى ئادەم بەدىنىنىڭ %80 ىنى سۇ تەشكىل قىلىدۇ. ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا تولۇق ئاي چىققان چاغدا، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ بېسىمى تۆۋەنلەپ، قان تومۇر ئىچى ۋە سىرتىدىكى بېسىم كۈچىنىشى پەرقى چوڭىيىپ، ئوڭايلا مېڭە قان تومۇرلىرىدا تاسادىپىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن توققۇزغىچە
ئادەم ئۇخلىغاندا قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلاپ، قان بېسىمى ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ چاغدا بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇپ، قان قويۇقلىشىپ، يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، قان نۆكچىلىرى ئاسان شەكىللىنىدۇ ھەمدە قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسى ئاسان پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ياكى سۈت ئىچسە ھەمدە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا، قان نۆكچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئۈنۈملۈك تۈردە ساقلانغىلى بولىدۇ.

3) تاماق يەپ بىر سائەتتىن كېيىن
كىلىنىكىدا بەزى ياشانغانلارنىڭ تاماق يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مېڭىسىدە قان نۆكچىلىرى ھاسىل بولۇپ، يارتا پالەچ بولۇپ قالغانلىقى كۆپ ئۇچرايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېنىقلىشىچە، يەپ-ئىچىش پائالىيىتى قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىنى پەيدا قىلىدىكەن، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بار ياشانغانلاردا قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسى 30 ~ 20 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگە يېتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلىشىپ، قان تومۇر ئىچىدە قان ئۇيۇپ قېلىپ، قان نۆكچىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن؛ يەنە يۈرەك مۇجۇپ ئاغرىش، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قاتارلىقلارنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، ياشانغانلار تاماق يېگەندە مۇۋاپىق ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى لازىم، ئاچ كۆزلۈك بىلەن يەپ-ئىچىشكە زادى بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ؛ بولمىسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.


4) كۈچەپ تەرەت قىلغاندا
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ چوڭ تەرەت قىلغان چاغدا، قورساق بېسىمى زورىيىدىغانلىقتىن، قان بېسىمى بىردىنلا ئۆرلەيدۇ. بولۇپمۇ، قەۋزىيەتتە بەك كۈچەنگەندە ياكى ئۇزاق كۈچەنگەندە، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار، قان تومۇرلار قىسقىرىپ، بىرقەدەر كۆپ قان باشتىكى قان تومۇرلارغا بولىدۇ. بۇ چاغدا ۋېنا تومۇردىكى قاننىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، باش قان تومۇرلىرىدىكى بېسىم جىددىي ئېشىپ، كۆپ ھاللاردا مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا، كۆكتات، قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ، سۇنى كۆپ ئىچىپ، قەۋزىيەت بولۇپ قالماسلىق، ھەر كۈنى قەرەللىك تەرەت قىلىش، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

5) يۇيۇنغان چاغدا
يۇيۇنۇۋاتقان چاغدا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر تاسادىپىي ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىقى تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ۋە قان تومۇرنىڭ قىسقىرىش فۇنكسىيەسىمۇ بىرقەدەر ناچار بولۇپ، ئىسسىق سۇ ياكى سوغۇق سۇنىڭ غىدىقلاش تەسىرىدە قان بېسىمى ئاسان داۋالغۇپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر تاسادىپىي ۋەقەسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئىسسىق سۇ ۋاننىسىغا ئۇزاق ۋاقىت چۈشسىمۇ، ئاسانلا كوللاپس ( يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى ) يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلاردا يۇيۇنغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولماسلىقى، يۇيۇنۇش ۋاقتىمۇ بەك ئۇزاق بولماسلىقى كېرەك.

6)ئىنتايىن ھاياجانلانغان چاغدا
پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولدىكى، ئادەم غەزەپلەنگەن، قايغۇرغان، قورققان ياكى بەك خۇشال بولغان چاغلاردا قان بېسىمى بىردىنلا ئۆرلەپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ئاچچىقلىنىش، ئالدىراقسانلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

7) تېلېۋىزورنى ئۇزاق ۋاقىت كۆرگەن ۋە ئويۇن ئوينىغان چاغدا
تېلېۋىزورنى ئۇزاق ۋاقىت كۆرگەن ۋە ئۇنىڭدا ئويۇن ئوينىغان چاغدا، بولۇپمۇ ئېكراندا ۋەقەلىكى جىددىي ۋە نېرۋىنى غىدىقلايدىغان كۆرۈنۈشلەر ئۇدا چىقىپ، روھىي جەھەتتىن دىققەتنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش ئەھۋالى قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى، يۈرەك رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ياشلار-ئۆسمۈرلەردە كۆرۈلگەن « تور يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى » دەل مۇشۇ سەۋەبتىن يۈز بەرگەن، ياشانغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، تېلېۋىزور كۆرگەندە ئازادە، شاد-خۇرام نومۇرلارنى كۆرۈش، تېلېۋىزورغا كۈن بويى ئەسىر بولۇپ كەتمەسلىك لازىم.

8) ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرگەندە

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلىگەن چاغدا، بەدەندە ئارېنالىننىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى كۆپىيىپ، قان تومۇرلار قىسقىرىپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر قېتىملىق سوغۇق ئېقىم ئۆتۈپ كەتكەندە، مېڭىگە قان چۈشۈش كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى ھەر يىلى ئەتىياز، قىش پەسلى كەلگەندە سوغۇقتىن ئالاھىدە ساقلىنىپ، مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە لايىقلىشىشى لازىم.

9)ھاراق ۋە تاماكا چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە
ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش يۇقىرى قان بېسىملىق سەكتىگە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. تاماكا ۋە ھاراق ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى بىۋاسىتە غىدىقلاپ، يۈرەك رىتىمىنى تېزلەشتۈرۈپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، بارلىق كىشىلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بار بىمارلار بۇنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، بىرەر تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى لازىم.


10) بەزى دورىلارنى ئىشلەتكەندە

تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلغان، چىش تارتقان چاغدا ئىشلەتكەن ناركوز دورىسى قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن؛ بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى ئىچىدىغان ئىندومېتاتسىن ( 消炎痛 ) دېگەن دورىمۇ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ؛ بۇرۇنغا كۆپ ئىشلىتىدىغان دىۋىگان ( 滴鼻净 ) نىڭ تەركىبىدە ئېفېدرىن ( 麻黄素 ) بولۇپ، زىيادە كۆپ تېمىتىلسا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى دوختۇرغا كۆرۈنگەندە كېسەللىك ئەھۋالىنى تولۇق ئېيتىپ، قان بېسىمىنىڭ دورىنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر