سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/06/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك زىيادە ئاستىلاش دېگەن نېمە؟
سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمى ھەر مىنۇتتا 60 قېتىمدىن تۆۋەن بولسا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش دېيىلىدۇ. بۇ، تېنى ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەردە، بولۇپمۇ تەنھەرىكەتچىلەردە، ياشانغانلاردا ئۇخلىغان ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ. باشقا سەۋەبلەر، مەسىلەن،  ئىچكى بېسىمى يۇقىرىلاش، قاندىكى كالىي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھەمدە دىگىتالىس، β قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسۇش دورىسى، رېزېرپىن، گۇئانىدىن، مېتىل دوپا قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەزا مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىرىدە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى، ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى ۋە كېسەللىك ھالەتتىكى سىنۇس دالانچە تۈگۈنى يىغىندى ئالامىتى، سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.


سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشنى داۋالاش كېرەكمۇ؟
ئەگەر يۈرەكنىڭ ئالىي قوماندانلىق مەركىزى-سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان سىگنال چاستوتىسى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن تۆۋەن بولۇپ قالسىلا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش دېيىلىدۇ. سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشنى فىزىيولوگىيەلىك ئامىلمۇ، پاتولوگىيەلىك ئامىلمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە دوختۇرلار دائىم يۈرەك سوقۇش قېتىمى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تەنھەرىكەتچىلەر ياكى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما يۈرەك ھەر قېتىم سوققاندا سىقىپ چىقارغان قاننىڭ مىقدارى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇ خىل يۈرەك رىتىمسىزلىقى فىزىيولوگىيەلىك خاراكتېرگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى داۋالاش ھاجەتسىز. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە ئاستا بولۇشى قالقانسىمان بەزنىڭ مىقدارى ئاجىزلاش، مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاش، باش ئىچى بېسىمى ئېشىپ كېتىش، كېسەللىك ھالىتىدىكى سىنۇس دالانچە يىغىندى ئالامىتىنى پەيدا قىلغان يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ياللۇغلىنىش، كەم قانلىق، قېرىغاندا ئىقتىدار ئاجىزلاش قاتارلىق ئامىللار سىنۇس دالانچە تۈگۈنىگە تەسىر قىلغاندا سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، تەبىئىي قوزغىلىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ھەر مىنۇتلۇق قوزغىلىش سۈرئىتى ئازلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلايدىغان كېسەللىك ئالامىتى ئېنىق كۆرۈلىدۇ.


1) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلىغانلار ئىچىدە، يۈرەك سوقۇش قېتىمى مىنۇتىغا 50 قېتىمدىن تۆۋەنلەپ كەتمىگەن، ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغانلارنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق.
2) ئەگەر يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 40 قېتىمدىن تۆۋەن بولسا ھەمدە ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى بولسا يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىدىغان دورىلار، مەسىلەن، ئاتروپىن، ئېفېدرىن ياكى ئىزوپرېنالىن ئىشلەتسە بولىدۇ.
3) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش بىلەن سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك سوقۇش توختاش روشەن ھالدا ئەڭ كۆرۈلىدىغان ھەمدە ھوشىدىن كېتىدىغان بىمارلار يۈرەك قوزغاتقۇچ ئورنىتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
4) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاشنى پەيدا قىلىدىغان بىرلەمچى كېسەللىكلەرنى ئاكتىپ داۋالاش لازىم.
5) كېسەلگە قاراپ داۋالاش، قۇۋۋەتلەندۈرۈپ داۋالاش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر