ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى تۈزۈلۈشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېبىىي ساۋات :
ئېغىز بوشلۇقى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ باشلىنىش ئورنى ئۇنىڭ ئالدى تېمى ئىككى كالپۇك بولۇپ، ئېغىز يوچۇقى ئارقىلىق سىرت بىلەن تۇتىشىدۇ، كەينى بولسا يۇتقۇنچاق تۆشۈكى ۋە ئېغىز- يۇتقۇنچاق قىسمىغىچە بىر- بىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستى تېمىنىڭ ئالدى قىسمى قاتتىق تاڭلاي، كەينى قىسمى يۇمشاق تاڭلاي بولىدۇ. ئۇنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا تىل بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ سىرتىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاناتومىيەدە دائىم چىش مىلىكى قوۋۇز شىللىق پەردىسى، كالپۇك شىللىق پەردىسى، تىل، قاتتىق تاڭلاي، يۇمشاق تاڭلاي ۋە ئېغىز ئاستى شىللىق پەردىسى قاتارلىق قىسىملارغا بۆلۈنىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلىرىدا ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىقى تۈزۈلۈشى شىللىق پەردە ئېپىتېلىيەسى ۋە خاس قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى نېگىز پەردە ئايرىپ تۇرىدۇ. خاس قەۋەت شالاڭ بولغاچقا، شىللىق پەردە ئاستى قەۋىتى ئارقىلىق چوڭقۇرلۇقتىكى توقۇلما بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ.


ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنىڭ ئورتاق بولغان ھېستولوگىيەلىك تۈزۈلۈشى بولىدۇ. بىراق ئېغىز بوشلۇقى ھەرقايسى ئورۇنلىرىنىڭ رولى ۋە تۈزۈلۈشىدە مەلۇم پەرق بولغانلىقتىن، ھەرقايسىسنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
1) چايناش شىللىق پەردىسى: بۇ چىش مىلىكى ۋە قاتتىق تالاي شىللىق پەردىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ شىللىق پەردىلەر يېمەكلىكنى چاينىغان ۋاقىتتا كۈچلۈك بولغان بېسىم كۈچى ۋە سۈركىلىشكە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
2)  ياپقۇچى شىللىق پەردە: بۇ ئادەتتە قوزغىتىش خاراكتېرىنى ئالغان شىللىق پەردىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل شىللىق پەردىلەر كالپۇك قوۋۇز شىللىق پەردىسى، ئېغىز بوشلۇقى دالانچىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن قىسمىدىكى گۈمبەزسىمان شىللىق پەردە، چىش ئوقۇرى شىللىق پەردىسى، تىل قورسىقى شىللىق پەردىسى، ئېغىز ئاستى ۋە يۇمشاق تاڭلاي شىللىق پەردىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3) ئالاھىدە شىللىق پەردە: ئالاھىدە شىللىق پەردە تىل شىللىق پەردىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ جايلىشىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر