دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەن ھامان، كېسەللىك ئازابىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن قۇتۇلۇشقا ئالدىراپ، دائىم دوختۇرلاردىن دىيابېت كېسەللىكىنى ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىشنىڭ چارىسى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ. بۇ خىل جىددىي كەيپىيات ھەممىدە بولىدىغان ھېسسىيات بولۇپ، كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ھەرقانداق ئادەم ئەڭ ياخشى داۋالاشقا ئېرىشىپ، كېسەلدىن پۈتۈنلەي ساقىيىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىرغا قەدەر دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئۇنى بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن: زۇكام ۋە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئوخشاش دورا يېيىش ياكى كىچىك ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق يىلتىزىدىن ساقايتقىلى ياكى يىلتىزىدىن قۇرۇتقىلى بولمايدۇ.
ئەمما دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى بۇنىڭدىن ئارتۇقچە غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن مۇۋاپىق پەرھىز تۇتۇپ، تەنھەرىكەت بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىپ، دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا، دىيابېت كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى يەنىلا ناھايىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ؛ بىمارنىڭ قان شېكىرى نورمال قىممەتتە كونترول قىلىنسىلا، ئۆمرى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. دورا يېيىش، ئوكۇل سېلىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈشلەردە بەزى ئاۋارىچىلىك بولغاندىن باشقا، باشقا جەھەتلەردە قانداقتۇر زور ئازاب بولمايدۇ. شۇڭا، دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدىغان- بولمايدىغانلىقى بىمارنى دائىم غەمگە چۆمدۈرىدىغان مەسىلە بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، جەمئىيەتتە بەزى مەسئۇلىيەتسىز تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ياكى ئېلانلار « دىيابېت كېسەللىكىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدۇ » ۋەھاكازا، دەپ جار سالماقتا، بۇ خىل سۆزلەرگە پەقەتلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ھەممىلا يەردىن « يىلتىزىدىن ساقايتىش » چارىسىنى ئىزدەپ يۈرگۈچە، يېمەك-ئىچمەك، ھەرىكەت بىلەن دورىنى قانۇنىيەتلىك ھالدا ئىشلىتىشتىن پايدىلىنىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىش لازىم.


ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە دىيابېت كېسەللىكى

دىيابېت كېسەللىكى بىر خىل يۇقمايدىغان كېسەللىك بولۇپ، گەرچە مەلۇم ئىرسىيەت ئامىلى رول ئوينىسىمۇ، ئەمما ھالقىلىق رول ئوينىغاندىن كېيىن پەيدا بولغان تۇرمۇش ئامىلى ۋە مۇھىت ئامىلىدىن ئىبارەت. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى دىيابېت كېسەللىكى، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش-بولماسلىقى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى ئون خىل كېسەللىك ئىچىدە، بىمارلار توپىنىڭ %44.7 ى ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن كېسەل بولغان، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى توپىنىڭ تېز كېڭىيىشىمۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى كۈنلەردىكى ئىلمىي بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

روھىي ئامىل ۋە دىيابېت كېسەللىكى

يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى روھىي ئامىلنىڭ دىيابېت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى رولىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈردى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئاساسەن چوڭ مېڭە سىستېمىسى يەنە ئىچكى ئاجراتما ۋە ۋېگېتاتىۋ نېرۋىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، روھىي ئامىل چوڭ مېڭە چەت سىستېما ۋە ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ئارقىلىق ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش ياكى چۆچۈش قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا تۇرغان چاغدا، سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىمپاتىك نېرۋا يەنە بۆرەك ئۈستى بېزى ئىلىك ماددىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى كۆپەيتىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىپ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋاسىتىلىك ھالدا چەكلەيدۇ. ئەگەر بۇ خىل ناچار روھىي ئامىل ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا، ئاشقازان ئاستى بېزى B ھۈجەيرىلىرىنىڭ خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرسىز بولۇش يۈزلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قويىدۇ-دە، دىيابېت كېسەللىكىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ناچار كەيپىياتمۇ دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم بىر سەۋەبتۇر.
ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە تۇرمۇش رىتىمى ناھايىتى تېز بولۇپ، ھەربىر كىشى دائىم نۇرغۇن پۇرسەت ۋە تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، ۋەھالەنكى، ھەربىر خىل تاللاشنىڭ ياخشى ۋە يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ. كونىلاردا « ئادەم يۇقىرىغا ماڭىدۇ، سۇ پەسكە ئاقىدۇ » دېگەن گەپ بار، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق تېز رىتىملىق تۇرمۇش ئۇسۇلى كىشىنى ئاسانلا جىددىيلىك ۋە تەشۋىش ئىچىدە تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مەسىلەن: بەزىلەر بەلكىم پۇلنى سىزدىن كۆپ تېپىشى، ئەمىلى تېز ئۆسۈشى، باياشات ياشىشى مۇمكىن، سىز بۇنىڭدىن ئادالەتسىزلىك ھېس قىلىپ، غەمگە پېتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ بەزىلەر ئادەتتە پۇل تېپىشقا ئۇستا بولسىمۇ، ئەمما خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، مېڭىسى كۈن بويى تەشۋىش بىلەن تولۇپ، ھەرقاچان خىزمەتتە بىرەر چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ يۈرۈشى مۇمكىن؛ بەزىلەر ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي، كەيپىياتى ھامان ناھايىتى بىئاراملىققا تولغان بولۇشى مۇمكىن ۋەھاكازا. بۇنداق ناچار كەيپىياتلار ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەممىلا ئادەمنى ناچار كەيپىيات ۋە روھىي ئامىل تۈپەيلىدىن دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ناچار روھىي ئامىلنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ چىقىشقا بولغان تەسىرى ئاساسەن ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ياش بۆلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، ئاشقازان ئاستى بېزى B ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تەدرىجىي ئازىيىپ،  ئىقتىدارى سۇسلاشقان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ناچار كەيپىيات ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغان كىشىلەرنى ئوڭايلا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كەيپىياتنىڭ ئادەتتىكى ناچارلىقى دىيابېت كېسەللىكىگە دۇچار قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ كۈچلۈك دەرىجىدە غىدىقلاپ، بەدەنگە تەكرار ۋە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەندىكى ئاشقازان ئاستى بېزى  ھۈجەيرىلىرى ۋە قان شېكىرىنى ئۆرلىتىدىغان باشقا ئىچكى ئاجراتما بەزلىرى يۇقىرىقى غىدىقلاشلارغا ئالاھىدە سەزگۈر بولغاندىلا ئاندىن دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ.

1. بىلىمسىزلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكى
ھازىر ئېلىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسمەكتە. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئۆز ساغلاملىقىنى ئاسراش ئېڭى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىمى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە ئۆسكىنى يوق. ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراش بىلىمى يەنىلا بىرقەدەر كەمچىل بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر دىيابېت كېسەللىكىگە خەۋپ-خەتىرىنى بىلمەيدۇ، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قانداق داۋالاشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ھامان دىيابېت كېسەللىكى باشقىلارنىڭ ئىشى، دوختۇرلار ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئىشى، مېنىڭدىن تېخى خېلى يىراقتا دەپ قاراپ، دائىم قالايمىقان يەپ -ئىچىپ، تېخى ئۆزىنى « باياشات تۇرمۇش » كەچۈرۈۋاتىمەن دەپ ئويلايدۇ، ئەزەلدىن بەدەن چېنىقتۇرماي، تېخى خىزمەت ئالدىراش، ۋاقىت يوق، دېگەندەك نۇرغۇن باھانىلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزىلەر يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە پەرۋا قىلماي، ئۇنى بىر ئاۋارىچىلىك، ھەقىقەتەن ئارتۇقچە بىر ئىش دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئادەتتىكى كۈنلەردە خىزمەت بىلەن ئالدىراپ-تېنەپ، بەدىنىدە بەزى بىئاراملىق كۆرۈلگەندە ئۆزۈم تاقابىل تۇرالايمەن دەپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشكە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ؛ بەزىلەر « ئۈچ كۆپ، بىر ئاز » كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندىمۇ يەنىلا « سالامەتلىكىم ياخشى، يەپ-ئىچەلەيمەن، ئورۇقلۇقنى سېتىۋېلىپ نېمە قىلاتتىم » دەپ كۆرەڭلىشىدۇ. ئۆزىنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان چاغدا، ئەمەلىيەتتە كۆپ يىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولىدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قوشۇمچە كېسەللىكلىرىگە ئاللىقاچان گىرىپتار بولۇپ بولغان بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا دىيابېت كېسەللىكى بىرلەشمىسى ئاللىبۇرۇنلا، يەنى 1995-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 14-« دۇنيا دىيابېت كېسەللىكى كۈنى » دىلا « دىيابېت كېسەللىكى ھەققىدىكى بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن تۆلەنگەن بەدەلنى يېنىكلىتىش » چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى دىيابېت كېسەللىكى بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەشنى مۇراجىئەت قىلغانىدى.
نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە دىيابېت كېسەللىكىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىش نىسبىتى پەقەت %20 بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز بەدىنىگە « مىنا كۆمۈلگەن » بولسىمۇ، يەنىلا « ئالدام خالتىغا چۈشكەن » پېتى يۈرمەكتە. بۇ، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا ناھايىتى پايدىسىز. شۇڭا، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر سىزگە: سەمرىپ كېتىپ بەل بىلەن يوتا ئوخشاش توملۇققا يەتكەندە، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى ئىچىدە تۇرۇۋاتىسىز، ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈپ، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن بالدۇرراق ساقلىنىڭ، دەپ مۇراجىئەت قىلىدۇ.

2.  ناچار خۇمار ۋە دىيابېت كېسەللىكى
1) تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى. زور كۆپچىلىك كىشىلەر پاپىرۇس قۇتىسىنىڭ ئۈستىگە ئېنىق قىلىپ يېزىلغان « تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق » دېگەن سۆزگە دىققەت قىلغاندۇر. تاماكا چەككۈچىلەردە راك كېسەللىكى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئېنىق پاكىت. لېكىن، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماكىغا « ئالاھىدە ئىشق-مۇھەببىتى » بولۇپ، ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ زادى قانداق زىيىنى بار؟
تاماكا ۋە ئۇ كۆيگەندە ھاسىل بولغان ئىستا 4000 خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددىلار بار. تېببىي نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، بۇ زىيانلىق ماددىلارنى تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: ئۇلار كاربون چالا ئوكسىدى، نىكوتىن، غىدىقلىغۇچى ماددىلار، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردىن ئىبارەت. تاماكىنىڭ خەۋپى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، ھاسىراش، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىق كېسەللىكى، قان زەردابىدا كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك زىيىنى ئاساسلىقى كېسەللىك ۋە ئۆلۈمگە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، يۈرەك كېسەللىكى قوزغىلىش، سەكتە، ئۆپكە راكى ۋە باشقا راك كېسەللىكلىرى ( كېكىردەك راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، يۇتقۇنچاق راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، دوۋساق راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، ئاق قان كېسەللىكى ) ۋە سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


تاماكا چېكىش بىلەن دىيابېت كېسەللىكىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟
ئامېرىكا ھاۋاي ئىشتاتلىق سەھىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن ئۆسمە تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈشىدىن ئىسپاتلاندىكى، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قەھۋە، ئىسپىرت، گۆش تۈرىدىكىلەر ۋە تۇخۇم ئىستېمال مىقدارى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا روشەن ھالدا يۇقىرى بولىدۇ. ھالبۇكى، يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال مىقدارى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن %40 تۆۋەن بولۇپ، ۋىتامىنلار ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدۇ، بۇ ھال تاماكىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى بېرىكمىلەرنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا چەككۈچىلەر ئاڭسىز سالدا زىيادە كۆپ گۆش، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، دىيابېت كېسەللىكى ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرىدۇ.
ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ. بەزىلەر « تاماقتىن كېيىن بىر تال تاماكا چەكسە، ئەۋلىيادەك ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ » دەيدۇ، ئەمما تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكسە، تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ ئاسان كىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تاماقتىن كېيىن چېكىلگەن بىر تال تاماكىنىڭ زەھەرلەش مىقدارى ئادەتتە چەككەن ئون تال تاماكىنىڭ زەھەرلەش مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭ بولىدىكەن.
2) ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى. كونىلاردا: ھاراق بولمىسا زىياپەت دېگىلى بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. ئىجتىمائىي پائالىيەتتە، ھاراق كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان ۋاسىتىدۇر؛ ھېيت-بايراملار ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر يىغىلغان چاغدا ئاز-پاز ھاراق ئىچىش كىشىنى خۇش قىلىدىغان ئىشتۇر. ئەمما ھاراق ئىچىشنىڭ ئۆلچىمى ئىگىلەنمەي، بەك كۆپ ئىچىلسە، ھەتتا بولۇشىغا ئىچىلسە، ئادەمنى ئىنتايىن پەرىشان قىلىدۇ.
ئىسپىرت ئادەم بەدىنىدە ئاساسەن جىگەردە باشقا ماددىلارغا ئايلىنىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەر كۈنى ئىچىلگەن ھاراقنىڭ مىقدارى 80 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ زور كۆپچىلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن خەتەرلىك مىقدار ھېسابلىنىدۇ. ئۇدا ھەر كۈنى ھاراق ئىچىشنىڭ زىيىنى ئارىلاپ ئىچكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ زور بولىدۇ. ئىسپىرتنىڭ زىيانلىق تەسىرى ئىچكەن ھاراق تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
جىگەر بىلەن مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ئىسپىرتنىڭ زەھەرلەش رولى تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق نىشان ئەزا بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ھاراقكەشلىك قىلىش ئىسپىرتلىق جىگەر كېسەللىكى ( جۈملىدىن مايلىق جىگەر، ئىسپىرتلىق جىگەر، جىگەر قېتىش، جىگەر ئىقتىدارى زەئىپلىشىش ) ۋە نېرۋا روھىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى، يۈرەك قاتارلىق باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپ خىل تۇغما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھاراقنىڭ ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ھەربىر گىرام ئىسپىرت 300 كىلو جوئۇل ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ مىقدارى كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەگەر، ھاراق ئىچكەندە مايلىق يېمەكلىكلەر قوشۇپ يېيىلسە، ئادەمنى سەمرىتىپ، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
3)  ھاراق بىلەن تاماكا دوست بولسا، زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ. امېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كونىلار ئېيتقان « ھاراق بىلەن تاماكا بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىق » كىشىلەرنىڭ روھىي ھالەت ئادىتى بولماستىن، بەلكى فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبتىن بولۇپ، نىكوتىن بىلەن ئىسپىرتتىن ئىبارەت بۇ بىر جۈپ « سەزمەس قىلغۇچى » نىڭ قوشۇلۇشى، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ بەك زىيان يەتكۈزىدىكەن.
ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق ئىلىمى مەركىزىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى 7-ئايدا نەشر قىلىنغان ئىلمىي ژۇرنال « ئىسپىرت بىلەن زەھەرلىنىشنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتى » دا ماقالە ئېلان قىلىپ، ھايۋانات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە نىكوتىننىڭ قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەتكەنلىكى مەلۇم بولغانلىقىنى، شۇڭا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھاراق ئىستېمال مىقدارىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھاراقكەشلەر بىر خىل « زەھەرلىنىش » ئۈنۈمىنى قوغلىشىدىكەن. نىكوتىن قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكەنلىكتىن، تاماكا چېكىدىغان ھاراقكەشلەر بۇ خىل سېزىمغا تېز ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاراقنى تېخىمۇ كۆپ ئىچىدۇ. ۋەھالەنكى، نىكوتىن گەرچە ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقىنى چۈشۈرەلمىسىمۇ، ئەمما ئىسپىرت پارچىلانغاندا ھاسىل بولغان ئاتسېتالدېگىدنى ئازايتالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتسېتالدېھىد چوڭ مېڭە ۋە جىگەر، يۈرەك ھەمدە باشقا ئەزالارنى تېخىمۇ كۆپ زەھەرلەيدۇ.
يۇقىرىقى بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دىيابېت كېسەللىكى، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ھاياتىمىزدىكى نۇرغۇن ناچار تۇرمۇش ئۇسۇللىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئامىللارمۇ دىيابېت كېسەللىكىنىڭ سەۋەبچىسى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئادەم تۇغۇلغاندا ۋە بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن، ئوزۇقلىنىشى ناچار بولسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئىنسۇلىن ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمى بىرقەدەر كىچىك بولۇپ قالىدۇ-دە، دىيابېت كېسەللىكى ئاسان پەيدا بولىدۇ؛ مۇھىت ئامىللىرىدىن ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، شاۋقۇن ۋە جەمئىيەتتىكى رىقابەت قاتارلىقلار دىيابېت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئامىلى قاتارلىقلارمۇ دىيابېت كېسەللىكىنى قوزغايدىغان ئامىلدۇر. ئەمما، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سۇ ئىلگىرى سۈرگۈچى ئامىللىرىنىڭ پۈتكۈل دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى توپىدا ئىگىلىگەن سالمىقى يەنىلا كىچىك بولۇپ، زور كۆپچىلىك كىشىلەردىكى دىيابېت كېسەللىكىنى ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر