چۈش كۆرۈش ۋە جۆيلۈشنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

كىشىلەر چۈش كۆرۈشىنىڭ ئۇيقۇغا بولغان پايدا- زىيىنى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلاردا بولۇپ كەلمەكتە. بەزىلەر چۈش چوڭ مېڭىنىڭ تولۇق دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا كۆپ چۈش كۆرۈش سالامەتلىككە زىيانلىق، دەپ قارايدۇ. لېكىن، گېرمانىيەلىك مېڭە نېرۋا ئىلىمى مۇتەخەسسىسى كوھېن ھۇبېلنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چۈش كۆرۈش مېڭىگە پايدىلىق بولغان نورمال فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەت بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىسى بار ئىكەن.


چوڭ مېڭىنىڭ بىر قىسىم ھۈجەيرىلىرى ئادەم ئويغاق چاغدا ئىشلىمەيدىكەن، ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەيدىكەن. بۇ بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر ئىشلىمەي تۇرىۋەرسە زەئىپلىشىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت بولۇشى كېرەك ئىكەن، شۇ ۋەجىدىن بۇ جەرياندا چۈش پەيدا بولىدىكەن. چۈش- ئۇخلاش جەريانىدىكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تاشقى مۇھىت تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ نەتىجىسى. چۈش- ئادەم ئۇخلىغاندا تىزگىنلەنمەيدىغان چوڭ مېڭە پوستلىقى ھۈجەيرىلىرىنىڭ خىزمەت قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. چۈش كۆرگەندە كۆز ئالمىسى يۇمۇق قاپاق ئاستىدا مىدىرلاپ تۇرىدۇ، بۇ چاغدا مېڭە نىسىپىي تىنچ ھالەتتە تۇرسىمۇ، ھەرىكىتى توختىمىغان بولىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ ھەرىكەت سىجىللىقى كۈندۈزدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ؛ مېڭىدە بىر خىل نېرۋا مەركىزى بار، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئادەم چۈش كۆرگەندە تەندىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىنى تورمۇزلاپ، چۈشىدىكى ھەرىكەتنى مەنىۋى دائىرىدىن ھالقىتىپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكتۇر.
بەزىلەر كېچىسى چۈش كۆرگەندىن كېيىن ئەتىسى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنى پىسخىكىلىق ئامىل پەيدا قىلغان. چۈش كۆرگۈچى چۈشنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىنىڭ ناچار كەيپىياتىغا باغلىۋېلىپ، ئىدىيەۋى يۈك پەيدا قىلىۋالىدۇ، چۈش كۆرۈش ھارغىنلىقنى تۈگىتىدىغان دەم ئېلىش، ئۇنى ئەسلىگىلى بولىدۇ، ئۇ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن تورمۇزلىنىشىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئاكتىپ دەم ئېلىش جەريانىدۇر. فىزىيولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش جەريانى نىسپىي تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك ئىكەن، بۇ ئىككى خىل ئۇيقۇ ھالىتىنىڭ نۆۋەت بىلەن پەيدا بولۇشى ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىپ تۇرغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن. قېنىق ھەم چۈشسىز ئۇيقۇ تورمۇزلىنىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياندا چوڭ مېڭە تولۇق دەم ئېلىپ، ئېنېرگىيە تولۇقلىنىپ ھاردۇق چىقىدۇ؛ چۈش كۆرۈش باسقۇچىدا چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئاز بىر قىسىم ھۈجەيرىلەر قوزغىلىپ چوڭ مېڭىنى رىتىملىق غىدىقلاپ، مەلۇم قوزغىلىش ھالىتىنى ساقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارى ناھايىتى زور بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت 4/1 قىسمىلا ئىشلىتىلىدىكەن، قالغان 4/3 قىسمى ئاڭسىزلىققا يوشۇرۇنغان بولىدىكەن، چۈش كۆرۈش تىپىك ئاڭسىز پائالىيەت ئىكەن. چۈش كۆرۈش ئارقىلىق بىلىمىنى قايتا تەشكىللەپ، يېڭى بىلىملەر بىلەن كونىلىرىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىرى خاتىرە ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، بۇ بىلىملەرنى ئەقىل ۋە قابىلىيەتكە ئايلاندۇرىدىكەن.
چۈش كۆرۈش ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تۇغما قابىلىيىتى، ياخشى چۈش كۆرگىنىمىز ئۈچۈن خۇش بولۇپ، يامان چۈش كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ھەر كېچىسى دېگۈدەك جۆيلۈپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمىغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.

جۆيلۈشنىڭ ئۇيقۇغا بولغان تەسىرى
جۆيلۈش ئۇيقۇلۇق ھالەتتە سۆزلەش ياكى مەلۇم ئاۋاز چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بەزىدە سۆزى ئېنىق بولىدۇ، بەزىدە غۇدۇرىغاندەك قىلىپ، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. جۆيلۈمەيدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك، بەزىلەر ۋارقىراپمۇ قويىدۇ، بەزىلەر يېنىدا ياتقان كىشى بىلەن قىسقىچە گەپلىشىدۇ.


يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، جۆيلۈش ئۇيقۇنىڭ ھەرقانداق باسقۇچىدا پەيدا بولىدىكەن، يەنى بىرىنچى، ئىككىنچى باسقۇچتىكى يېنىك ئۇيقۇ ۋە ئۈچىنچى، تۆتىنچى باسقۇچتىكى قېنىق ئۇيقۇدا پەيدا بولىدىكەن، كۆپىنچە ھاللاردا يېنىك ئۇيقۇ باسقۇچىدا پەيدا بولىدىكەن. ئۇ بەزىدە راۋان جۈملە بولۇپ چىقسا، بەزىدە ئاۋازسىز كالپۇك مىدىرلاش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ نورمال ھادىسە بولۇپ، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر