سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش دېگەن نېمە؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان قوزغىلىش تەرتىپلىك بولماي، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكى روشەن ھالدا بىردەم تېز، بىردەم ئاستا بولۇشى سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىك دېيىلىدۇ. كىلىنىكىدا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ:
1) نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى: نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بالىلاردا، ياشلاردا ۋە ياشانغانلاردا كۆپرەك، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ئازراق كۆرۈلىدۇ. نەپەسلىنىش خاراكتېرلىك سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ يۈز بېرىش مېخانىزمى شۇكى نەپەسلىنىش جەريانىدا ئاداشقان نېرۋا بىلەن سىمپاتىك نېرۋىنىڭ سەزگۈلېرىدە ئۆزگىرىش بولغاچقا، سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ قانۇنىيىتىدە دەۋرىيلىك، قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. نەپەس ئالغاندا سىمپاتىك نېرۋىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئاشىدۇ، يۈرەك سوقۇش قېتىمى تېزلىشىدۇ. نەپەس چىقارغاندا ئاداشقان نېرۋىنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ. يۈرەك رىتىمىنىڭ تېزلىشىپ-ئاستىلاپ ئۆزگىرىش دەۋرىيلىكى بىر نەپەسلىنىش دەۋرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، نەپەسلىنىشتىن توختىغاندا يۈرەك رىتىمى تەرتىپكە چۈشىدۇ.
2)نەپەسلىنىش خاراكتېرىدە بولمىغان سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى: نەپەسلىنىش خاراكتېرىدە بولمىغان سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.كونكرېت سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئاچچىقلىنىش، كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى ياكى بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش ( دىگىتالىس، مورفىن قاتارلىق ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.
3) سىنۇس دالانچە تۈگۈنىدىكى يۆتكىلىشچان رىتىم: قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولۇش نۇقتىسى سىنۇس دالانچە تۈگۈنى ئىچىدە يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېلېكتروكاردىئوگراممىدىكى  دولقۇنىنىڭ ھالىتى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە يۆنىلىشىدە تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولىدۇ.
4) يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىشى، قان سىقىپ چىقىرىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى: بۇ خىل يۈرەك رىتىمسىزلىقى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىشى، قاننى سىقىپ چىقىرىشى نورمال بولماسلىقىدىن سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تەكشى بولماي سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىشچانلىقىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن بولىدۇ.
5) غەيرىي ئورۇنلۇق يۈرەك رىتىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى: غەيرىي ئورۇندىكى قوزغىلىش، بولۇپمۇ يۈرەك دالانچىسىدىن كېلىدىغان غەيرىي ئورۇنلۇق قوزغىلىش بەزىدە سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوزغاپ، سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىردەملىك غەيرىي ئورۇن مەنبەلىك سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى كۆرىلىدۇ.


سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاش زۆرۈرمۇ؟
سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقىلا بولسا داۋالاش ھاجەتسىز.
ئەگەر، سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى بىلەن روشەن ھالدىكى سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش بىللە كېلىپ، بىمارلاردا ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇنى داۋالاش كېرەك. داۋالاش ئۇسۇلى: دورا ئارقىلىق داۋالىنىش، ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك يۈرەك قوزغاتقۇچ ئورنىتىش قاتارلىقلار.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر