دىيابېت كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغان 10 خىل كىشىلەر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

1. دىيابېت كېسەللىكى جەمەت تارىخى بارلار. ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، دىيابېت كېسەللىكى جەمەت تارىخى بارلارنىڭ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا بەش ھەسسىدىن ئارتۇقراق بولىدۇ.
2. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى سېمىزلەر، بولۇپمۇ قورساق قىسمى سەمرىگەن كىشىلەر. ئوتتۇرھال سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتى تۆت ھەسسە، ئىنتايىن سېمىز كىشىلەرنىڭ بولسا 30 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
3. ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى نورمال بولماسلىق ياكى گىلۇكوزىغا چىدامچانلىقى توسالغۇغا ئۇچراش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر.

4. يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بالدۇر قوزغالغانلار.

5. ھەرىكەت مىقدارى ئاز، تەنھەرىكەت بىلەن دائىم شۇغۇللانمايدىغانلار.
†6. ھامىلىدارلىقتىكى دىيابېت كېسەللىكى ياكى تۇغقان بوۋىقى تۆت كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەنلەر.

7. ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولغان ( بويىدىن ئاجراش، ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش، باش سۈيى زىيادە كۆپلۈك، ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، ئۆلۈك تۇغۇش ) ئاياللار.
ˆ8.  يېشى 45 تىن ئاشقانلار.

‰9. ئۇزاق مەزگىل ھاراقكەشلىك قىلغانلار. چۈنكى ھاراقكەشلەر كۆپ ھاللاردا ئىسپىرتلىق ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ھاراقكەشلىك قىلسا، ئىسپىرت جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ ھەمدە ئىسپىرتلىق ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ، دىيابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
Š10. تۇرمۇش ئۇسۇلىدا بىرقەدەر زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلەر.
مەسىلەن: يېزىدىن شەھەرگە كىرگەن، كەمبەغەللىكتىن باياشاتلىققا ئېرىشكەن، جىسمانىي ئەمگەكتىن ئەقلىي ئەمگەك قىلىشقا ئۆزگەرگەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا تېز ئۆزگىرىش بولۇپ، جىسمانىي كۈچ سەرپىياتىنىڭ تۇيۇقسىزلا كۆپلەپ ئازىيىشىمۇ دىيابېت كېسەللىكى بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر