خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۆت تەدبىر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ھەر جەھەتتىكى تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ تۇرمۇشتا پەيدا بولۇشى نىسبىتىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا، «روھىيەتتىكى زۇكام» دەپ ئاتالغان بۇ خىل كېسەللىكنى نۇرغۇن كىشىلەر تازا دېگەندەك چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، يەنە ئۆزىنىڭ مۇشۇ كېسەلگە ئۇيغۇن بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، تۆۋەندە خامۇشلۇق كېسىلى ھەققىدە توختىلىمىز.

خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى؟

بىرىنچى، كەيپىيات.

ئەگەر ھەمىشە كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى ھېس قىلسا، مەيلى قانداقلا ئىشقا يولۇقسۇن، ھەممىسىگىلا ھەسرەتلىنىدۇ، بىرەر ئىشقا يولۇقسا ھەمىشە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ئەيىبلەيدۇ، روھىي جەھەتتىن ئاسانلا ئازابلىنىدۇ، ئاسانلا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، زىيادە  سەزگۈرلىشىپ، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ ئارتۇقچە ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئۈمىدسىز، چارىسىز ھالەتتە بولۇپ، دائىم ئۆزىنى بەكلا تەنھا ھېس قىلىپ، قاتتىق ئازابلىنىدۇ. شۇڭا دائىم قاتتىق ئەنسىزلىك ئىچىدە، ئۆزىنى يارامسىز ۋە كېرەكسىز ئادەم قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ.

ئىككىنچى، تەپەككۇر.

بەزى ئادەملەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتى پەيدا بولىدۇ، ئۆزىدە يەنە داۋاملىق ياشاشقا ئەرزىگۈدەك سەۋەب يوق دەپ قارايدۇ، تۇرمۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشقا ئەرزىگۈدەك نىشان يوقتەك تۇيغۇدا بولىدۇ، مەسىلىلەرگە يولۇققاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىنكاسى نېمىشقا ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلالماسلىقى ھەققىدە قايغۇرۇش بولۇپ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، مەيلى نېمىلا ئىش قىلسۇن، دائىم ئاسانلا بەزى پاسسىپ كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

ئاللىقاچان ھاياتتىن قول ئۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا ئەھۋال بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، ئۆزىدە كۆرۈلگەن مەسىلىنى بايقاپ، ۋاقتىدا دوستلىرى ياكى كەسپىي خادىملارنى ئىزدەپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.

ئۈچىنچى، تەن.

خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەزىلەردە ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلىدۇ، كېچىسى ئۇخلىيالمايدۇ، كۈندۈزى يەنە بالدۇر ئويغىنىپ كېتىدۇ، بەزىلىرىدە يەنە مۈگدەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، دائىم ئىچ-ئىچىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ئۇيقۇسىغا قانالمىغاندەك، سەگەك ھالەتنى ساقلىيالمايدۇ، ماغدۇرسىزلىق چىرمىۋالىدۇ، بەزىدە كارىۋاتتىن تۇرغۇسىمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھېچنېمىگە قىززىقماس بولىۋالىدۇ، بەزىلىرى يەنە پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ، يەپ تويمايدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە جىنسىي ھەۋىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ياكى ھەتتا جىنسىي سوغۇققانلىق كۆرۈلىدۇ، ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھەيز كېسىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، قەي قىلىش، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.

تۆتىنچى، ئىجتىمائىي ئالاقە.

دائىم سىرتقا چىقىشنى خالىمايدۇ، ئۆيدىلا ئولتۇرغۇسى كېلىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ھەتتا قۇياش نۇرىنىمۇ كۆرگۈسى كەلمەي، پەردىلەرنى يېپىۋالىدۇ، دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنتايىن يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، لېكىن دوستلىرى بىلەن بىللە بولغاندا يەنە ئۆزىنى ناھايىتى بىئارام ھېس قىلىدۇ، سەپرا مىجەز بولۇپ قالىدۇ، بەزى بىمارلارنىڭ ھەتتا نورمال خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

دالا پائالىيىتى.

مۇۋاپىق تۈردىكى دالا پائالىيىتى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈملۈك چارىدۇر، بۇ ئارقىلىق ئىشخانا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزىنىڭ دالىدا پائالىيەت قىلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

سۈپەتلىك ئۇيقۇ.

ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىشقا بولىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن خامۇشلۇق كېسىلى ئۇيقۇسىزلىقتىن كېلىپ چىققان.

ساغلام ئوزۇقلىنىش.

ساغلام ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىچكى مۇھىتىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۈچەيدىكى مىكرو ئورگانىزملار  چوڭ مېڭە ئىقتىدارى ۋە كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە چەمبىرىكىنى كېڭەيتىش.

كۆپرەك دوستلىشىش تۇرمۇشقا خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ ئۇنۇتۇلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر