راك كېسىلى قوزغىلىشىنىڭ دەسلەپكى ئون چوڭ ئالامىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/07/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بىرىنچى، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، كۆكرەك ئاغرىش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: كۆكرەك تەكشۈرتۈش، تۆۋەن دوزىلىق سپىرال سىزىقلىق CT ئاپپاراتى، ئۆپكە راكىدىن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ گېن تەكشۈرتۈشى.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. ئۇزاق مۇددەت بۇلغانغان مۇھىتتا تۇرغانلار، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەنلەر، ۋاسىتىلىك تاماكا چەككۈچى (ئىسلىنىش)لەر؛

2. ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى (ئۆپكە تۇبېركۇليوز، ئۆپكىگە كرېمنىي چاڭلىرى چۆكمىلىشىش، توزان ئۆپكە قاتارلىقلار)؛

3. ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئامىللار (مەسىلەن جەمەت ئېرسىيىتى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار).

ئىككىنچى، ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش، ئىشتىھا ناچار بولۇش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش، ئاشقازان راكىدىن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ گېن تەكشۈرتۈشى.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. جەمەتىدە ئاشقازان راكى، ھەزىم قىلىش يولى راكى بولغانلار؛

2. جەمەتىدە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان مۇنچاق گۆشى، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا كېسەللىك تارىخى بولغانلار؛

3. ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى بارلار؛

4. ھاراق ئىچىدىغانلار، يېشى 40تىن چوڭلار؛

5. روھىي بېسىمى زىيادە ئېغىرلار، ئۇزاق مۇددەتلىك خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش كېسىلى بارلار.

ئۈچىنچى، چوڭ تەرەت ئادىتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلەر، قانلىق تەرەت قىلغۇچىلار.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: ئۈچەي ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈش، مەقئەتكە بارماق ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇپ تەكشۈرۈپ، تۈگۈنلۈك تۈز ئۈچەي راكىدىن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ گېن تەكشۈرتۈشى.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. ئۇزاق مۇددەت زىيادە مايلىق، زىيادە ئاقسىللىق، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغانلار؛

2. 40 ياشتىن چوڭ، ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەنلەر، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانلار.

3. سوزۇلما يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، چوڭ ئۈچەي بەز ئۆسمىسى، جەمەت خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي بەز ئۆسمىسى كېسىلى، چوڭ ئۈچەي مۇنچاق گۆش قاتارلىق سوزۇلما يارا خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى بارلار؛

4. جەمەتىدە چوڭ ئۈچەي راكى بارلار.

تۆتىنچى، جىگەر رايونى ئاغرىش، ياغدىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: جىگەرنى رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش، قان زەردابى ھامىلە ئاقسىلىنى تەكشۈرۈش (AFP)، يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. سوزۇلما خاراكتېرلىك B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بارلار؛

2. جەمەتىدە جىگەر راكى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار بولغانلىرى؛

3. 30 ياشتىن چوڭ ئەرلەردىن ئۇزاق مۇددت ھاراق ئىچكەنلەر؛

4. جىگەرنى ماي قاپلا، جىگەر قېتىشىش؛

5. ئۇزاق مۇددەت تۇزغا چىلانغان، ئىسلانغان، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر.

بەشىنچى، يېمەكلىكنى يۇتقاندا گالغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك سېزىمدا بولۇش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. جەمەتىدە ئېرسىيەت كېسەللىك تارىخى بارلار؛

2. قىززىق يېمەكلىك ۋە قىززىق چاي ئىچىشنى ياقتۇرىدىغانلار؛

3. تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا نىتروئۇس كىسلاتا تۇزى بولغان چىلىغان كۆكتاتلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار؛

4. دائىم كۆكىرىپ قالغان، ئىسلىغان، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار.

ئالتىنچى، سۈت بېزى تېرە ئۆسمىسى، سۈت بېزى توپچىسى ئۆزگىرىش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: سۈت بېزى رەڭلىك رېنتىگىنى، بەز مولبىدىننى نىشانلىق تەكشۈرۈش.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. جەمەتىدە سۈت بېزى راكى كېسەللىك تارىخى بولغان ئاياللار؛

2. تۇنجى ھەيز ۋاقتى زىيادە بالدۇر بولغانلار (12 ياشتىن كىچىك) ياكى ھەيز كېسىلىش ۋاقتى زىيادە كېچىككەنلەر (55 ياشتىن چوڭ)؛

3. پەرزەنت كۆرمىگەنلەر، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر (تۇنجى پەرزەنتى 35 ياشتىن كېيىن بولغان) ياكى بالا ئېمىتىپ باقمىغان ئاياللار؛

4. سۈت بېزى نەيچىسى ۋە كىچىك يوپۇرماقسىمان تىپسىز ئۆسمىسى بارلار؛

5. دائىم تەركىبىدە ھورمون بولغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىش .

يەتتىنچى، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قاناش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: TCT (سۇيۇقلۇق ئاساسىيدىكى ھۈجەيرە ئىلمىي تەكشۈرۈشى)، HPV-DNA (ئادەم سۈت بېزىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش)، جىنسىي يول ئەينىكىدە تەكشۈرۈش.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. جەمەتىدە بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىك تارىخى بارلار؛

2. جىنسىي تۇرمۇشىنى زىيادە بالدۇر باشلىۋالغانلار، كۆپ تۇغقانلار، بالدۇر تۇغقانلار ياكى بىردىن ئارتۇق جىنسىي ھەمرىيى بولغان ئاياللار؛

3. بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان (ئۇزاق مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار) ئاياللار؛

4. ئىلگىرى كۆپىيىش يولى ئادەم سۈت بېزى توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ئاددىي قوقاق ۋىرۇسى ياكى باشقا جىنسىي كېسەللىكلىرى بولغان ئاياللارنىڭ؛

5. يۇقىرى خەۋپتىكى كەنجى تىپلىق ئادەم سۈت بېزى توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى (HPV)دىن ئىزچىل يۇقۇملانغۇچىلار.

سەككىزىنچى، قورساق ئاغرىش، سېرىقلىق چۈشۈش.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT ياكى يادرو ماگنىتلىق رېزونانس تەكشۈرتۈشى.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن، ھاراق ئىچكەنلەر؛

2. ئاستا خراكېترلىك ئىنسۇلىن بېزى كېسەللىكلىرى بولغانلار؛

3. دىئابېت بىمارلىرى.

توققۇزىنچى، قىززىتىش، كەم قانلىق، سۆسۈن داغ.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: دائىملىق قان تەكشۈرۈش.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى: 

1. زور مىقداردا بېزەش ماتېرىيالىدىن بۇلغانغان ھاۋانى سۈمۈرگەنلەر؛

2. تۇغما، ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكى بارلار؛

3. ئۇزاق مۇددەت ياكى ئاستا خاراكتېرلىك خمىيىلىك ئىشقار ياكى دورىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغانلار؛

ئونىنچى، ئاغرىقسىز خاراكتېرلىك لىمفا تۈگۈنى ئىششىقى.

تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەكشۈرتۈش تۈرلىرى: رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى، CT، قان تەكشۈرۈش، تىرىك توقۇلما تەكشۈرۈش.

يۇقىرى خەۋپتىكى كىشىلەر توپى:

1. خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىرلار، دائىم تۈنەيدىغانلار، ئۇزاق مۇددەت زىيادە چارچاپ كەتكەن ئەمگەكچىلەر؛

2. دائىم ئېلىكترونلۇق رادىئاتسىيە مۇھىتى ياكى ئېلىكترونلۇق نۇر مۇھىتىدا تۇرىدىغانلار؛

3. دائىم ناچار چاچ بوياقتا چېچىنى بويايدىغانلار؛

4. دائىم تەركىبىدە بېنزول ياكى ئورگانىك ئېرىتكۈچى خىمىيىلىك دورىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغانلار.

مەنبە : xiaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر