ۋىرۇس خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

 ۋىرۇس خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغى كۆپ خىل جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىرلىشىپ پەيدا قىلىدىغان دائىم كۆرىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك.

جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى A، B، C، D، E تىپلارغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە E تىپلىق جىگەر ياللۇغى كۆپ ئەھۋاللاردا جىددىي خاراكتېرلىك بولىدۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ داۋالاش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ، سوزۇلما خارەكتېرلىك كېسەل بولۇپ، كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ جىگەر راكى، جىگەر قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھەر خىل ۋىرۇس خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، جىددىي خارەكتېرلىكىدە بىمارلاردا ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتاھاسى تۇتۇلۇش، جىگەر ئىششىپ قېلىش، جىگەر خىزمىتى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، ئاستا خارەكتېرلىك يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەللىك ئالامىتى ئاجىز بولىدۇ ياكى ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

ۋىرۇس خارەكتېلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش

1.A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغى ھەزىم قىلىش يولىدىن يۇقىدۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاندىن، ئانىدىن بالىغا ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.

A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش يولىدىن يۇقىدىغان بولۇپ، سۇ مەنبەسى بۇلغىنىش ۋە يېمەكلىك بۇلغىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زور كۆلەمدە جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاساسلىقى قاندىن، ئانىدىن بالىغا ۋە جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. مەسىلەن ۋىرۇستىن زەھەرلەنگەن قاننى سېلىش، تەلەپ  بويىچە دىزىنفىكسىيەلەنگەن يىڭنە ئىشلەتمەسلىك، تازىلىقى ئۆلچەمگە توشمىغان خەتەرلىك ھۆسۈن تۈزىتىدىغان، بەدەن چەكدۈرىدىغان يەرلەرگە بېرىش، ساقال ئالغۇچ ۋە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش، يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قوغدىنىش ئۇسۇلى قوللانمىغان ئاساستا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، كېسەللىك ۋىرۇسىنى بەدىنىدە ئېلىپ يۈرگەن ھامىلدار ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىقلار. D تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇش يوللىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدىغان بولۇپ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاندىن D تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولىدۇ.

2.B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

دۆلىتىمىزدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا چوقۇم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش كېرەك دېگەن تۈزۈم بار، پۈتۈن باسقۇچ يېڭى تۇغۇلغاندا، بىر ئايلىق بولغاندا، ئالتە ئايلىق بولغاندا جەمئىي ئۈچ قېتىم ئۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئەڭ باشتا ئۇرۇلغىنى چوقۇم بوۋاق تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئۇرۇلۇش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن باشقا، دوختۇرلارغا ئوخشاش قۇرامىغا يەتكەن خەتەرلىك كىشىلەر توپى، دائىم قان بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر، بالىلار يەسلىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، دائىم قان سېلىشنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەر، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر، خىزمەت ئۈستىدە ئاسان زەخمىلىنىدىغان كىشىلەر، ئائىلىسىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارى بار كىشىلەر، ئەر ھەمجىنىسلار، جىنسىي ھەمراسى كۆپلەر، ئوخشاش يىڭنىدە زەھەر چېكىدىغانلارمۇ چوقۇم B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئۇردۇرۇشى لازىم.

3.ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇشنى ئۈزۈۋېتىش ئامالى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان ئۇسۇل.

ھامىلدار ۋاقتىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلارنىڭ جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى بالىغا ئىرسىيەت قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئاستا خاراكتېلىك ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىش خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، شۇڭا، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىش ئامالى ئىنتايىن مۇھىم.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئانىلار تۇغقاندىن كېيىنلا 24 سائەت ئىچىدە بوۋاققا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇرۇش، ئۇنىڭغا قېتىپ B تىپلىق جىگەر ئىممۇنىتېت ئاقسىلىنىمۇ ئۇرۇش، تەلەپكە ئاساسەن جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئۇردۇرۇش لازىم. ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالدىكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى مىقدارى بەكلا كۆپ بولسا، چوقۇم مەخسۇس دوختۇرنىڭ نازارىتى ئاستىدا ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى يېيىش لازىم.

4.غىزالىنىشغا دىققەت قىلىش، ساغلام سۇ ئىچىش ۋە ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش ئارقىلىق A تىپلىق ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، سۇ مەنبەسى باشقۇرىشىنى كۈچەيتىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش شارائىتىنى ياخشىلاش، ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلىنىش، خام يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك A تىپلىق ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ. بۇلاردىن باشقا، ۋاكسىنا ئۇرغۇرۇش ئارقىلىقمۇ A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى دۆلەتنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 18 ياشقا كىرگەن ياشلارغا ھەقسىز ئۇرۇلىدۇ، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچى شەخىسلەر، بالىلار يەسلىسىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر، زىچلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلار چوقۇم A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۇردۇرۇش لازىم، دۆلىتىمىزدە D تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇرغۇزسا بولىدۇ.

5.يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، ئۈنۈملۈك ھالدا C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ھازىرغىچە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىسى يوق، شۇڭلاشقا تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. زەھەرنى رەت قىلىش، قانۇنسىز قان ئېلىش، قان تەقتىم قىلىشنى رەت قىلىش، زۆرۈر بولمىغان ئۇكۇللارنى سالدۇرماسلىق، قان سالدۇرغان ياكى ئالدۇرغاندا چوقۇم نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

6. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى نورمال تۇرمۇش ئالاقىسىدىن يۇقمايدۇ.

B تىپلىق ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى نەپەسلىنىش يولى ياكى ھەزىم قىلىش يولىدىن يۇقمايدىغان بولۇپ، شۇڭلاشقا نورمال خىزمەت، ئۆگىنىش، قول تۇتۇشۇش، قۇچاقلىشىش، بىر ئىشخانىدا ئىشلەش، بىر ئاشخانىدا تاماق يېيىش، ھاجاتخانىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ.

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى گۇماندارلىرى چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىددىي خاراكتېرلىك بولۇپ، تازىلىققا رىئايە قىلماي غىزالانغان، جىگەر ياللۇغى بىمارى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلغان كىشىلەر ئۆزىدە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتاھاسى تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، قورساق كۆپۈش، جىگەر بىئارام بولۇش، سۈيدۈك رەڭگى قېنىقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم، كېسەللىكنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىغاندىلا ياخشى بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى چوقۇم دوختۇرنىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلىش، مۇنتىزىم داۋالاشنى قۇبۇل قىلىش، ئۆزلىكىدىن دورا يېيىشنى توختاتماسلىق، يالغان كۆپتۈرۋېتىلگەن ئېلانلارغا ئىشەنمەسلىك لازىم. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە D تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىددىي خارەكتېرلىك بولۇپ، دەل ۋاقتىدا مۇنتىزىم داۋالانغاندا كۆپ قىسىم بىمارلار يېرىم يىلدىلا ساقىيىپ كېتىدۇ، ئاز قىسىم جىگەر زەئىپلىشىش كۆرۈلگەن بىمارلار چوقۇم ياخشى داۋالىنىشى، كېسەللىك ئەھۋالىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىككە ئۆزگۈرۋالىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتالايدىغان دورا ياسالغىنى يوق، لېكىن مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يامراپ كېتىشى، تارقىلىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى، جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى چوقۇم ئۈمۈدۋار، سەۋىرچان بولىشى، دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشى، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. ئەكسىچە، خالىغانچە دورا يېيىش، ئۆزلىكىدىن دورىنى توختىتىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرتمەي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغاندا كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ. داۋالىنىش مەزگىلىدە ئورۇنسىز ئىقتىسادى ۋە روھىي زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ يالغان، كۆپتۈرۋېتىلگەن ساختا تەشۋىقات ئېلانلىرىغا ئىشەنمەسلىك لازىم.

C تىپلىق جىگەر ياللۇغىمۇ ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، مۇنتىزىم پۈتۈن باسقۇچلۇق ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا كۆپ قىسىم بىمارلار تەلتۈكۈس ساقىيىپ كېتىدۇ.

بارلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر كېسىلى بىمارلىرى چوقۇم ھاراق، تاماكىدىن يىراق تۇرىشى، ئورۇنسىز دورا ئىشلىتىش، جىگەرگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق لازىم.

ھوقۇق ۋە ۋەزىپە

1.ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

ھازىر دۆلىتىمىزدە ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئىنتايىن كۆپ، جىددىي خارەكتېرلىك ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ پەيدا بولىشى، تارقىلىشى بەكلا تېز، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جەمئىيەتتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشى ۋە كۈچ چىقىرىشىغا مۇھتاج.

2.B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان كەمسىتىشنى يوقىتىش لازىم.

ئالاقىدار ھۆججەت بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلار خىزمەتكە قاتناشقۇچىلارغا نىسبەتەن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاشقا زورلىماسلىق، بىمارلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش لازىم، ھەر قايسى مائارىپ ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بارلىقىنى باھانە قىلىپ بالىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلمايدىغان، ئوقۇشتىن چېكىندۈرىدىغان ئىلشلارنى قىلماسلىق، سەھىيە ئورۇنلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا ياخشى داۋالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش لازىم.

3.ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە بولغان مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم.

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش مەركىزى، دوختۇرخانىلارنىڭ مۇنتىزىم داۋالىشىنى قوبۇل قىلىش، داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە چەكلەنگەن خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق لازىم. ئاممىۋى سورۇن يۈرۈشتۈرگۈچى خادىملار ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى، خىزمەتچىلەر چوقۇم ساغلاملىق كىنىشكىسى بېجىرگەندىن كېيىن ئاندىن خىزمەت ئورنىغا چىقىشى لازىم.

مەنبە : xjaids

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر