سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاندا ئەمچەكتە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

سۈت بېزى راكى 45 ياشتىن يۇقىرىلاردا كۆرۈلىدۇ، 50 ~ 45 ياشقىچە ۋە 65 ~ 60 ياشقىچە بولغان ئىككى باسقۇچتا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. مەن داۋالىغان ئەڭ كىچىك ياشتىكى بىمار 11 ياشتا.
سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان نۇرغۇن بىمارلار يۇيۇنۇۋاتقاندا ياكى ئويلىمىغان ئەھۋالدا ئۆزلىرى سېزىپ قالىدۇ، بۇنداقلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىرى كۆپ بولىدۇ، ئەگەر ئاياللار ئەمچىكىنى داۋاملىق تۇتۇپ سىلاپ بېرىپ، ئەمچىكىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى ئۆگىنىۋالسا، بىرىدىنلا ئەمچىكىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى بايقىسا، دەرھال مەخسۇس دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئەمچىكىدە  ئۆزگىرىش بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردا سۈت بېزى راكىنىڭ قايسى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى بايقاش ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا ئالدىغا سۈرۈلدى، بۇ ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.


1. ئەمچەكتە كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ئىششىق كۆرۈلۈش.
مەن ئامبۇلاتورىيەدە ئەمچىكىنى ئۆزى تۇتۇپ كۆرۈپ، ئىششىق بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەمچىكىمدە راك بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ كەلگەن بىمارلارنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. ئەمەلىيەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەمچەك ئىششىقى ياخشى سۈپەتلىك ئىششىق بولۇپ، ھەتتا ئۇنى خاتا ھالدا « ئىششىق» دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى بەز توقۇلمىلىرى ئەتراپتىكى ماي توقۇلمىلىرىدىن قاتتىقراق بولغاچقا، ئەمچەكنى سىقىپ كۆرگەندە ئىچىدە ئىششىق باردەك بىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق ھوشيارلىقنىڭ بولغىنى ياخشى، لېكىن قورققانغا قوش كۆرۈنگەندەك بولماسلىقى كېرەك.
ئەمچەكتىكى ئىششىق سۈت بېزى راكىنىڭ ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىپادىسى بولۇپ، ئاياللار كۆپىنچە يۇيۇنغاندا ياكى تاسادىپىي ئەھۋالدا سېزىپ قالىدۇ ۋە ياكى ئېرى سېزىپ قالىدۇ. سۈت بېزى راكى ئۆسمىسىنى تۇتسا تاشتەك قاتتىق بىلىنىدۇ. ئىنچىكىلەپ سىلاپ كۆرگەندە ئىششىقنىڭ سىرتى سىلىق، تەكشى بولمايدۇ. ئىششىقنىڭ چېگراسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ھەرىكەتچانلىقى كىچىك بولىدۇ. ئادەتتە ئىششىق ئاغرىمايدۇ، ئۇنىڭغا ئۆسۈش ياكى ياللۇغ ياندىشىپ كەلگەندە، ئاغرىشى مۇمكىن.
ئىششىق يۇقىرىقى 4/1 بۆلەكتە، يەنى كۆپىنچە ئەمچەكنىڭ يۇقىرىقى چارىكى ۋە قولتۇق تەرەپتە كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئەمچەكنىڭ خالىغان يېرىدىمۇ كۆرۈلۈپ قالىدۇ، كۆپ ھاللاردا ئىششىق بىر بولىدۇ. قول بىلەن ئىششىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېرىنى سىقىپ كۆرگەندە، ئىششىق يۈزىدىكى تېرە كۆتۈرۈلمەي ئازراق ئويمانلىشىپ قالسا، بۇ راكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئىششىق بىلەن تېرە چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ. كۆپىنچە ئىششىغان ئورۇن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ئىككى ئەمچەكنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قارىماققا ئوخشاش كۆرۈنمەيدۇ.
سۈت بېزى راكىدا ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشى تېزرەك بولۇپ، بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە يوغىناپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ياش ئاياللاردا ئۆسۈش تېزرەك، ياشانغانلاردا ئاستىراق بولىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدىكى ئەمچەكنى تۇتسا ئىنتايىن سىلىق، ئەۋرىشىم سېزىلىدۇ، ئۆسۈشى ئاستا بولغان ئۆسمىنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى سۈپەتلىك ئەمچەك تالالىق بەز ئۆسمىسى بولىدۇ.
ئاغرىمايدىغان، قاتتىق ئۆسمىنى جەزمەن بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. تەجرىبىلىك مەخسۇس دوختۇرنىڭ قولدا تۇتۇپ قويغان دىياگنوزىنىڭ توغرىلىقى %80 تىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، سۈت بېزى راكىدەك بىلىنسىمۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرتۈپ دىياگنوز قويۇش كېرەك.
2. تېرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
سۈت بېزى راكىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك مەزگىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئەمچەك تېرىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. راك ئىششىقى ئەمچەكتىن تېرىنىڭ Copper تارىمۇشىغا كېڭەيگەن چاغدا، تارمۇش تارتىشىپ قېلىپ يەرلىك ئورۇندىكى، تېرە ئويمانلىنىپ قالىدۇ، يەنى ئەمچەكتە كىچىك بىر ئازگال پەيدا بولۇپ قالىدۇ، كىلىنىكىدا بۇ « زىناق » دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر راك كېسىلىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى بولسا، تېرە ئاستىدىكى لىمفا تورىنى راك ھۈجەيرىلىرى توسۇۋېلىپ، تېرىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، تۈك خالتىلىرى بەكرەك ئولتۇرۇشۇپ، تېرە « ماندارىن پوستى» دەك بولۇپ قالىدۇ. ئىششىغان يەر يېرىلىپ يارىغا ئايلىنىدۇ. راك ئىششىقى ئەمچەك تېرىسىگە كېڭەيگەندە، ئەمچەكتە نۇرغۇن قىزىل قاتتىق تۈگۈنچىلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ « بېقىندى تۈگۈنچە» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، راك ئىششىقىدا قان ئايلىنىش مول بولغاچقا، بەزىدە تېرىدە ۋېنا ئەگرى-بۈگرى بولۇپ قېلىش كۆرۈلىدۇ، يەنى كېسەل پەيدا بولغان تەرەپتىكى ئەمچەكنىڭ تېرىسىدە توم، كېڭەيگەن ئەگرى-بۈگرى ۋېنا كۆرۈنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىكى ئەمچەكتە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
3. ئەمچەك تۈگمىسىدىن سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ.
سۈت بېزى راكىدا ئەمچەك تۈگمىسىدىن سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. بولۇپمۇ قانلىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، قانلىق سۇيۇقلۇق ئاساسەن سۈت نەيچىسى ئىچىدىكى شورىغۇچىسىمان ئۆسمىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىز بۇ ھەقتە تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئەمچىكىدىن قانلىق سۇيۇقلۇق چىققان 45 ياشلىق ئاياللارنىڭ %22 ى سۈت بېزى راكى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. سۈت بېزى راكى سەۋەبىدىن ئەمچەك تۈگمىسىدىن چىققان سۇيۇقلۇق ئادەتتە بىر تەرەپ ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ بىر تال نەيچىسىدىن چىقىدۇ. ئىككى ئەمچەكنىڭ بىرنەچچە سۈت نەيچىسىدىن سۇيۇقلۇق چىقسا ياكى قانسىز سۇيۇقلۇق چىقسا جىددىيلىشپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ياخشى سۈپەتلىكتۇر.
كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەمچەك تۈگمىسىدىن چىققان سۇيۇقلۇق ئاچ سېرىق ياكى رەڭسىز سۈزۈك بولىدۇ، كۆپىنچىسى سۈت بېزى ئۆسۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپتىكى ئەمچەك تۈگمىسدىن چىقىدۇ. بىر قىسىم سۈتكە ئوخشاش سۇيۇقلۇق ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دۇغلۇق ياكى يىرىڭلىق بولۇشى كۆپىنچە سۈت نەيچىسى ياللۇغلىنىشتىن بولىدۇ.
4. ئەمچەك تۈگمىسى ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ ياكى قىيسىيىپ قالىدۇ.
نورمال يېتىلگەن ئەمچەك تۈگمىسى سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ، يەنە بەزى ئاياللارنىڭ ئەمچەك تۈگمىسى ياخشى يېتىلمەسلىك سەۋەبىدىن ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى ئاياللار ئۆزلىرى بىلىدۇ، سۈت نەيچىسى ياللۇغى ياكى سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ئەمچەك تۈگمىسىمۇ ئولتۇرۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغاندا، سۈت نەيچىلىرى زەخىمگە ئۇچرىغاچقا، تارتىشىپ قېلىپ، ئەمچەك تۈگمىسى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ ياكى قىيسىيىپ قالىدۇ، لېكىن تۈگمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى بىلەن ئەمچەكتىكى ئىششىقچە بىرلا تەرەپتە پەيدا بولىدۇ. ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشى بىلەن پەيدا بولغان ئىششىقچە سەۋەبىدىن، ئىككى ئەمچەك ئوخشىماي قالىدۇ.
5. ئەمچەك تۈگمىسى ھۆل تەمرەتكە چىققاندەك بولۇپ قالىدۇ.
بۇنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق: ئەمچەك تۈگمىسى، ئەمچەكنىڭ داغلىق ھالقىسى قايتا-قايتا شەلۋەرەپ، سىرغىپ ئېقىپ، قاقاچ باغلايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋالانسىمۇ ساقايمايدۇ، ئېغىرلىرىدا ئەمچەك تۈگمىسى ئاستا-ئاستا چىرىپ كېتىدۇ. دەسلەپتە ئەمچەك تۈگمىسىدە پەيدا بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ ئەمچەكنىڭ دېغىغا، ھەتتا پۈتۈن ئەمچەككە كېڭىيىدۇ، بەزىدە ئەمچەكتىكى مونەكچە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەمچەككە چىققان ھۆل تەمرەتكە بولماستىن، بىر خىل ئالاھىدە تىپلىق تەمرەتكىگە ئوخشايدىغان راك بولۇشى مۇمكىن. بۇ، Paget’s كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلاملاردىكى كۆپلىگەن دوختۇرلار بۇ كېسەلگە خاتا دىياگنوز قويىدۇ. ئەمچەك تۈگمىسىگە چىقىدىغان ھۆل تەمرەتكە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە چىقىدۇ.
6.  تېرە قىزىرىپ ئىششىپ قالىدۇ.
تېرىنىڭ قىزىرىپ ئىششىپ قېلىشى ئەمچەك ياللۇغىدىن بولۇشى ناتايىن. ياللۇغ بولغاندا، ئەمچەك قىزىرىش، ئىششىش، ئاغرىتىش، قىزىتمىسى ئۆرلەش قاتارلىق ياللۇغلۇق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما، يەنە بىر خىل « ياللۇغقا ئوخشاپ قالىدىغان» سۈت بېزى راكى بولۇپ، ئەمچەكنىڭ تېرىسى قىزىرىپ، قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، قىزىيدۇ، لېكىن ئادەتتە ئاغرىمايدۇ، قىزىتمىسىمۇ ئۆرلىمەيدۇ، پۈتۈن ئەمچەك ئىششىپ قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، ئەمچەكنىڭ ئىچىدىكى ئىششىقنى تۇتۇپ بىلگىلى بولمايدۇ، ياللۇغقا قارشى داۋالىغاندا ئۈنۈمى بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى راك كېسىلى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللاردا ئاسان پەيدا بولىدۇ. بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن، كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېز، يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى، ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭغا تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر