سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 5 خىل ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/08/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

سەكتىنىڭ قوزغىلىشى تېزدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئۇزاق مەزگىل جەريانىدا بىمارنىڭ تېنىدە سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قاتار پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ئاللىبۇرۇن باشلانغان بولىدۇ. بۇ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەزىلىرىنى كېيىن ساقايتقىلى بولايدۇ، مەسىلەن، تۇغما مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى ۋە مېڭە قان تومۇرىنىڭ غەيرىيلىكى. بىراق، خېلى بىر قىسىم بىمارلاردا يۈز بېرىدىغان پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرگە ئۇلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاي ۋە يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قايتىلىنىپ سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى مەلۇم مەزگىلدە ئادەم تېنىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەربىر ئادەمنىڭ يېمەك- ئىچمەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى، مىجەزى ۋە خۇمارىنىڭ سەكتىنىڭ يۈز بېرىشىگە بولغان تەسىرىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.


1) ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق
ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلماسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئارتۇق بولۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېمەكلىك ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىدىكى ماددىي ئاساس بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم تېنىگە كېرەكلىك بولغان ئاقسىل، ياغ، قەنت، ۋىتامىن، ئانورگانىك تۇز ۋە سۇ قاتارلىقلار بار. بۇ ئالتە خىل ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىل بولۇشى ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يېمەك- ئىچمەكتە ئاقسىل كەمچىل بولسا شېكەر ۋە ياغ مېتابولىزمنىڭ  قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە ئىشلەشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلىقچىلىق رايونىدىكى كىشىلەردە دېھقانچىلىق رايونىدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، يېمەك- ئىچمەكتىكى ئاقسىل، مىنېرال ماددا ( مەسىلەن كالتسىي تولۇقلاش ) بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، قوبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقلار نىسپىي ھالدا ئېشىپ قېلىپ، ئىسسىقلىق مايغا ئۆزگىرىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، سېمىزلىك، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ دىيابېت كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىكەن. يېمەكلىكلەردە تۇز، ياغ، شېكەرنىڭ كۆپ بولۇشى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا پايدىسىزدۇر. مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكىلەر كۈندىلىك يېمەكلىكنى تۇزلۇقراق يەيدۇ، شۇڭلاشقا شىماللىقلاردا سەكتىنىڭ يۈز بېرىش نىسىبتى جەنۇبلۇقلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئوخشاشلا، ماي قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئادىتى كىشىلەرنى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ. زىيادە سېمىز كىشىلەردە يەنە ناھايىتى ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. چەت ئەللەردىكى بەزى تەتقىقاتچىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئۇدا بەش يىل كۆزىتىپ، قورساق سېلىپ كەتكەن ئەرلەردە سەكتىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ دېگەن يەكۈننى چىقارغان. يەنە بەزى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ھەر ۋاقلىق تامىقىدا گۆشنى كۆپرەك يەيدۇ، كۆكتات يېيىشنى خالىمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تالا ماددىسىنى بەك ئاز قوبۇل قىلىپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمەي، قايتىدىن قانغا ئارىلىشىپ كېتىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش چوقۇم تۆۋەن مايلىق، يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ، گۆش ۋە دانلىق زىرائەتلەردىن تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى تىزگىنلەپ، كۆكتات ۋە مېۋە- چېۋىلەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنى نىسبەتەن تۇزسىزراق قىلىشتىن ئىبارەت.
2) ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى
ھازىرقى زاماندا كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت بېسىمى تۈپەيلىدىن كۆپىنچە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ، بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر دائىم ناشتا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، چۈشلۈك تاماقتا ئالدىغان كەلگەننى يەيدۇ، كەچلىك تاماقنى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە تويغۇچە يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، يېمەك- ئىچمەكنى بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنىڭدا سەكتىنى پەيدا قىلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت. چۈنكى، كەچلىك تاماقنى بەك تويغۇچە يېيىش ياكى بەك مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاندىكى ماينى تېز كۆپەيتىۋېتىدۇ. كەچتە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى كۈندۈزدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاز بولىدۇ، كىشىلەر ئۇخلىغاندىن كېيىن قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ روشەن ھالدا ئاستىلايدۇ. بۇنداق بولغاندا قاندىكى ماي ئاسانلا قان تومۇر دىۋارىدا چۆكمە پەيدا قىلىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق تاماق يېيىش ئۇسۇلى ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ.
3) ئاسان ھاياجانلىنىش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كۈچلۈك ئىنتىلىدىغان، رىقابەتكە ماھىر، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈش ئىدىيەسى كۈچلۈك، گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكىتى ناھايىتى تېز كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بۇنداق كىشىلەر مەلۇم ئىشلار سەۋەبىدىن ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ ھەمدە دائىم تەشۋىشلىنىپ يۈرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنى كونترول قىلالمىسا ئاسانلا سەكتە يۈز بېرىدۇ. چۈنكى، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىپ، مۇناسىپ ھالدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بەزى خىمىيەلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادرېنالىن بىلەن كاتېخلامىننىڭ كۆپىيىشى پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ قان بېسىمىنىڭ توساتتىن ئۆرلىشى، قان تومۇرلار تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە سەكتە يۈز بېرىدۇ.
4)دائىم تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش
بەزىلەر « تاماقتىن كېيىن بىر تال تاماكا چەكسەڭ ئەۋلىيادىن ئېشىپ چۈشىسەن » دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە تاماكا چېكىش بىلەن سەكتىنىڭ يۈز بېرىشى ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلانغان. تاماكىنى كۆپ چېكىدىغان كىشىلەردە سەكتىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى تاماكىنى ئاز چېكىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە تاماكا چېكىش قان پىلازمىسىدىكى تالا ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى ئاشۇرۇپ، قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىدىكى قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ، قان تومۇرلارنى توسۇۋالىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، مېڭە قان تومۇرلىرىنى قىسقارتىپ، ئەتراپتىكى قان تومۇرلارنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قىسقىسى، سەكتە كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن ھەر خىل پايدىلىق شارائىتلار يارىتىلىدۇ. ئەگەر سىز تاماكىغا خۇمار بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى چېكىدىغان تاماكا مىقدارىنى ئازايتسىڭىز، ھەتتا تاماكىنى تاشلىشىڭىز سەكتىنى يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتە روشەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. بۇ يەردە كۆپچىلىككە يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنى تاشلاپ بەش يىلدىن كېيىن ئۇلاردا سەكتىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكى بىلەن تەڭلىشىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، تاماكا تاشلاشنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ پايدىسى بار.
تاماكا چېكىشكە خۇمار كىشىلەر دائىم ھاراق ئىچىدۇ ھەمدە « تاماكا بىلەن ھاراق ئايرىلالمايدۇ » دېيىشىدۇ. ئۇلار ھاراقنى كۆپ ئىچىش قاننى جانلاندۇرۇپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ دەپ قارايدۇ. ھاراق ئىچىش ياكى ئۇزاق ۋاقىت ئاچ قورساق ھاراق ئىچىش ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىشكە ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياش- قىرانلىق چاغلاردا ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەرنىڭ مېڭە تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ھاراق ئىچمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر ھاراق ئىچكۈچى ئايال بولسا، بۇ نىسبەت بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى، تېزلا مەست بولۇپ قالغان ئەھۋالدا ئىسپىرت قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان نۆكچە ماددىسى B2 نىڭ بىرىكىشىنى تېزلىتىپ، قاننىڭ ئۇيۇشۇش رېئاكسىيەسىنى قوزغىتىپ، قاننىڭ ئۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە سىمپاتىك نېرۋىنى قوزغىتىپ كاتېخولامىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشى ۋە مېڭە قان تومۇرىلىرىنىڭ ئىسپازمىلىنىشى ( تارتىشىپ قېلىشى ) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنىكىدا ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن توساتتىن مېڭە قاناش ياكى مېڭە تىقىلمىسى يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئىسپىرتتىن ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەن ئەھۋالدا، بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىش، ياغ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىش يۈز بېرىپ، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر قېتىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، قاننىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئىسپىرت خاراكتېرلىك زەھەرلەنگەن ئەھۋالدا، بەدەننىڭ ئىچكى ئاجراتما فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىش، ياغ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىش يۈز بېرىپ، قانداق ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەر قېتىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، قاننىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئىسپىرت خاراكتېرلىك يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا كەلسەك، ئۇ يۈرەك مەنبەلىك مېڭە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھاراق ئىچىشكە ھەر ۋاقىت چەك قويۇش لازىم.
5) ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرەلمەسلىك
مەملىكىتىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق تېببىي ئالىمى سۇن سىمياۋ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ « ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەننى گۈزەللەشتۈرۈش » ىنى ھەمدە ئۇنى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تۇرمۇشتا ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشى لازىم، ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدە ئولتۇرۇۋالسا ياكى بەك چارچاپ كەتسە بولمايدۇ. ھارغىنلىق ئەقلىي ئەمگەك ۋە جىسمانىي ئەمگەك كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇلما، ئەزالار ياكى پۈتۈن بەدەننىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تۆۋەنلەيدىغان بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىدۇر. زىيادە ھارغىنلىق سەكتە كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنىكىدا، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، قاتتىق چارچاشتىن سەكتە بولغانلار سەكتە بولغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %25 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ يۇقىرى. چۈنكى، كىشىلەر دائىم خاتا ھالدا ئەقلىي ئەمگەككە كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قىلىدىغان يېنىك ئىش، شۇڭا بەك ھېرىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ، دەپ قارىغانلىقتىن، ئەقلىي ئەمگەك ئارىلىقىدا مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەم تېنىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى دىغىقلىنىش جەريانىدىمۇ ئېنېرگىيە خورايدۇ، شۇڭا ئارام ئېلىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق. ئەگەر ئەقلىي ئەمگەك جەريانىدا بەك جىددىيلەشسە ياكى زىيادە ئۇزاق قادىلىپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلسا چوڭ مېڭىنىڭ پوستلاق ماددىسى بىلەن نېرۋا سىستېمىسى قوزغىلىشتىن تورمۇزلىنىشقا ئۆزگىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەپەككۇرى راۋان بولماسلىق، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، خىزمەت ئىقتىدارى، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىزمەتنى يەنە داۋاملاشتۇرغاندا، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۈكى فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدار چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئادەملەردە كېسەللىك ھالىتى، يەنى نېرۋا ئاجىزلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ، ئېغىر بولغان ئەھۋالدا سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭلاشقا، مەيلى ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلار ياكى جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار بولسۇن، ھەممىسى مەلۇم ۋاقىت خىزمەت قىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق ھالدا ئارام ئېلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئېتىبارسىز قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەمگەك قىلىش بىلەن ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تەن ساغلاملىقنى ئاسراپ، بەدەننىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر