يۇلۇننىڭ تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ ئۆزگىرىشى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
يۇلۇن تىپلىق بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى تۆۋەندىكىدەك 2 خىل:
1)  ئىقتىدارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى: بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىگە ئەگىشىپ كېلىدىغان يۇلۇن كېسەللىكىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشىنى كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ساقايتقىلى بولىدۇ، بۇ يۇلۇن ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
2)  شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى: بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىدە يۇلۇن زەخىملەنگەندىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىت داۋالانمىسا، كېسەللىك بارغانسېرى تەرەققىي قىلىپ يۇلۇننىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، يۇمشاپ ۋە ئىچى بوشاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ. يۇلۇننىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرگە كەلسەك، ئومۇمەن ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك تۆت خىلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
① بېسىلىش ئامىلى: بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئومۇرتقا كانىلى ئۈچ بولۇڭ شەكىلدە، يۇلۇن سوقىچاق يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ. شۇڭا، يۇلۇننىڭ ئالدى-ئارقىسىنىڭ بېسىلىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.
② سىرتتىن زەخىملىنىش ئامىلى: بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قاتتىق پەردىسى بىلەن سۆڭەك ئۆسمىسى ياكى ئارقا تىك تارىمۇشىدا چاپلىشىپ تۇتىشىش پەيدا بولغاچقا، يىلتىز ئۇچىدا تالالىشىپ، نېرۋا يىلتىزى يىرىكلەشسە ياكى سۆڭەك ئۆسمىسى ئىسكەنجىگە ئالغاندا يۇلۇننىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى مۇقەررەر ھالدا ئازىيىدۇ. يۇلۇننىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئازايغىچە سۈركىلىپ زەخىملىنىش پۇرسىتى چوڭىيىپ يۇلۇن ئاسانلا زەخىملىنىدۇ.
③ قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش ئامىلى: بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى بولغاندا ئومۇرتقىنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇلۇننىڭ ئالدى تەرىپىدىكى قان تومۇر ئاسانلا بېسىلىپ، يۇلۇن ئالدى ئارتېرىيەسىدە كەم قانلىق كېلىپ چىقىدۇ.
④ سىمپاتىك نېرۋا ئامىلى: بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە دائىرىلىك سۆڭەكلىشىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ئامىللار دائىرىلىك ئورۇن ياكى يۇمشاق يۇلۇن پەردىسىنىڭ سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلىشى يۇلۇن كېسەللىكى پەيدا بولۇشىنىڭ مۇھىم ئامىلىدۇر.

بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشى
بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆزگىرىدۇ، يەنى بېسىمغا چىداشلىقى ۋە تارتىشقا چىدامچانلىق ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىدۇ.
1) بېسىمغا چىداشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ: بېسىمغا چىداش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى باش سۆڭىكىنىڭ بېسىمى ۋە باش بىلەن كۆكرەك ئارىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارتىش ئىقتىدارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ئۆزگەرتكەن بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىمۇ قىسمەن ياكى تولۇق سىرتقا تومپىيىپ چىقىش يۈز بېرىپ، مۇناسىپ ھالدا ئومۇرتقا ئارىلىق بوشلۇقى تارىيىدۇ، بوغۇمدىكى ئۆسۈكچە بوغۇم خاتا ئورۇنلىشىدۇ ياكى جىپسىلىشىدۇ. ئومۇرتقا ئارىلىق تۆشۈكىنىڭ ئۈستى-ئاستى ئارىلىقى كىچىكلەيدۇ.
2) تارتىشىش كۈچىگە بولغان چىدامچانلىقى ئازىيىدۇ: كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىكى بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ تارتىشىشقا چىدامچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا، بويۇن ئومۇرتقىسى ئالدىغا ئېگىلىش، ئارقىغا سوزۇلۇش، ئوڭ-سولغا قايرىلغان ھەمدە ئايلىنىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىگەندە قوشنا ئومۇرتقا تېنى ئارىسىدىكى مۇقىملىق تۆۋەنلەپ، ئومۇرتقا تېنى مۇقىمسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ھەرىكەت دەرىجىسى ئېشىش، ئومۇرتقا تېنى يېرىم ئاجراپ ئومۇرتقا تېيىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە داۋاملىق كىچىك بوغۇم، ئىلمەكسىمان ئومۇرتقا بوغۇمى ۋە ئومۇرتقا تاختىيىدىكى سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ قېلىش، سېرىق تارىمۇش، بويۇن تارىمۇشى ئۆزگىرىشى، كۆمۈرچەكلىشىش ۋە سۆڭەكلىشىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر