سېمىزلىكنى كونترول قىلغاندا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :
سېمىزلىكنى كونترول قىلىش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ، بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلقئارا دىيابېت كېسەللىكى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس مارتېن شىللىنك شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون يىغىنىدا : « Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئىچىدە %90 كىشى سېمىزلىكتىن بۇ كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئازراق تۆۋەنلەتسە، مەسىلەن: %10 ~ %5 تۆۋەنلەتسە، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ » دېگەنىدى. شۇڭا، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى قاتتىق كونترول قىلىشىمىز لازىم.
 


1)  ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى ۋە سېمىزلىك ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن سېمىزلىكنى ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇلى: بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئادەتتە سەھەر تۇرۇپ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ناشتىدىن بۇرۇن، ئىچ كىيىم بىلەن تۇرغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش، ئەڭ ياخشىسى ھەر ھەپتىدە ياكى ھەر ھەپتىنىڭ ئوخشاش ۋاقتىدا، ئوخشاش شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىنى ھېسابلاش فورمۇلاسى تۆۋەندىكىچە:
(ئەرلەر) 105-( cm ) بوي ئېگىزلىكى = ( kg ) ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى
( ئاياللار) 107.5-( cm ) بوي ئېگىزلىكى= ( kg ) ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى
 يەنى ئەرلەردە بوي ئېگىزلىكىدىن 105 نى، ئاياللاردا بوي ئېگىزلىكىدىن 107.5 نى ئېلىۋەتسە، ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
يەنى ئەمەلىي بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىنى ئېلىپ، ئېشىندىنى ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىغا بۆلۈپ، ئاندىن ئۇنى 100 گە كۆپەيتسەك، ئېشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقى پىرسەنتى كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %10 ئېشىپ كەتسە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن دېيىلىدۇ؛ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %20 ئېشىپ كەتسە، يېنىك دەرىجىدىكى سېمىزلىك دېيىلىدۇ؛ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %30 ئېشىپ كەتسە، ئوتتۇرھال سېمىزلىك دېيىلىدۇ؛ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %50 ئېشىپ كەتسە، ئېغىر دەرىجىدىكى سېمىزلىك دېيىلىدۇ. ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىدىن %20 تۆۋەن بولسا، ئورۇقلاش دېيىلىدۇ.
مەسىلەن: بوي ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 90كىلوگرام كېلىدىغان ئەر كىشىنىڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىنى ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرىقى فورمۇلاغا ئاساسەن بۇ كىشىنىڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى 70=105-175، يەنى 70 كىلوگرام بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئېشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقى %29 ≈ 70 ÷ ( 70-90 )، يەنى %29 بولۇپ، ئوتتۇرھال سېمىزلىككە يېقىنلاشقان دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
② سېمىزلىكنى بەل ئايلانمىسى ئۇسۇلىدا ئۆلچەش. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلار ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى مەھكىمىسى ( FDA ) سېمىزلىكنى بەل ئايلانمىسى ئۇسۇلىدا ئۆلچەش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بىر كىشىنىڭ بەل ئايلانمىسى 63.5 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، سالامەتلىكىدە مەسىلە يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. بۇنداق كىشى سېمىزلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشتىن يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىيات قىلىشى لازىم. بەل ئايلانمىسى 76 سانتىمېتىردىن ئاشسا، سېمىزلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەر كىشىنىڭ بەل ئايلانمىسى 102 سانتىمېتىردىن ئاشسا ياكى ئايال كىشىنىڭ بەل ئايلانمىسى 89 سانتىمېتىردىن ئاشسا، ئوتتۇرھال ئېغىر دەرىجىدىكى سېمىزلىك دەپ دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ. شۇڭا، بەل ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەمنىڭ سالامەتلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ « كەمەر ئۇزارغانسېرى ئۆمۈر قىسقىرىدۇ » دېگەن تەمسىلى بۇنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرىدۇ.
③ ئالما تىپلىق سېمىزلىك ۋە نەشپۈت تىپلىق سېمىزلىك. ئالما تىپلىق سېمىزلىك يەنە مەركەز خاراكتېرلىك سېمىزلىك دەپمۇ ئاتىلىپ، ئەرلەردە بەل ئايلانمىسىنىڭ ساغرا ئايلانمىسىغا نىسبىتى 0.9 دىن چوڭ بولغان، ئاياللاردا بەل ئايلانمىسىنىڭ ساغرا ئايلانمىسىغا نىسبىتى 0.85 دىن چوڭ بولغان سېمىز بەدەن تىپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ بەدەن تىپى خۇددى ئالمىغا ئوخشاش يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، قورسىقى بەك يوغان،پۇت-قوللىرى بىرقەدەر ئىنچىكە كېلىدۇ. شۇڭا « ئالما تىپلىق سېمىزلىك » دېيىلىدۇ. بۇ خىل سېمىزلەردە ماينىڭ ھەممىسى يۈرەك، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە بۆرەك ئەتراپىغا يىغىلغان بولۇپ، سالامەتلىككە تەسىرى زور، بۇ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ مۇھىم ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇنداقلار تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.


 ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
1. ئاستا يېگەندە قورساق تويۇش سېزىمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئادەم تويۇنغان چاغدا، ئاشقازان چوڭ مېڭىگە سىگنال يوللايدۇ، ئاندىن كېيىن چوڭ مېڭە ئىشتىھانى كونترول قىلىدۇ. ئاشقازان بىلەن چوڭ مېڭە ئارىسىدىكى نېرۋا مەركىزى « تويۇش مەركىزى » دەپ ئاتىلىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاشقازان تويۇنۇش سىگنالىنى يوللاشتىن بۇرۇن، كۆپ ھاللاردا ئازراق ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئالدىرىماي يۇتقاندا، تويۇش مەركىزى رول ئويناپ، سەككىز ئۈلۈش تويغاندا بولدى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقنى ئالدىرىماي يېگەندە، يېمەكلىك ئېغىر بوشلۇقىدا تولۇق چاينىلىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئازىيىدۇ. تاماقنى ئاستا يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، كۆپ يەۋالدىم دەپ ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، تەبىئىيكى سەمرىپ كېتەرمەنمۇ دەپ تىت-تىت بولۇشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
2. تاماقنى قەرەللىك، نورمىلىق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش.
بەزىلەر يۇقىرىقى بايانلارنى ئوقۇپ، بۇ بىر تاماق يېيىشقۇ، يەنە مۇنچىۋالا كۆپ تەلەپ قويغان بارمۇ؟ دېيىشىدۇ. توغرا، ھەربىر ئادەم تۇغۇلۇپلا بىرنەرسە يېيىشنى بىلىدۇ. ئەمما قانداق يېگەندە ساغلام بولغىلى بولىدۇ؟ بۇ يەردە ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتا بار.
ئالدى بىلەن، تاماقنى ھەر كۈنى قەرەللىك يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. سىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوقۇم ناشتا قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ساغلام بەدەنگە ئىگە بولمىساممۇ مەيلى دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇ چاغدا ئىختىيارىڭىز. ھەر كۈنلۈك تاماق يېيىش ۋاقتىدا، ئىمكانقەدەر زور ئۆزگىرىش بولمىسۇن. چۈنكى، تاماق يېيىش ۋاقتىدا مەلۇم قانۇنىيەت بولمىسا، قان شېكىرىنىڭ ھەر ۋاخلىق تاماق ئارىلىقىدىكى چوققا قىممىتى قاتلىنىپ كېتىپ، قان شېكىرى قىممىتىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى مۇناسىپ يېمەك-ئىچمەك مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر ھەر ۋاخلىق تاماق ئارىلىقىدىكى ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولسا، بەدەن ئاچلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇمۇ ساغلاملىققا پايدىسىز.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تاماقتىن مىقدارىنى ئىمكانقەدەر مۇقىملاشتۇرۇپ، « ئەتىگەندە ياخشى يېپىش، چۈشتە تويۇپ يېيىش، كەچتە ئاز يېيىش » نى پىرىنسىپ قىلىش لازىم. بىر ۋاخ ئاچ، بىر ۋاخ توق يۈرۈشكە بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر ئورۇقلىماقچى بولۇپ، بەزىدە كۈندە ئىككى ۋاخ ياكى پەقەت بىر ۋاقلا تاماق يەيدۇ. ھەتتا كۈن بويى تاماق يېمەي، ئاچلىققا چىدىيالمىغان چاغدا بولۇشىغا يەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر ياخشى يېمەكلىكنى ياكى ئۆزى ئامراق تاماقنى كۆرسە، ئەتىلىككە ئورۇقلىۋالارمەن دەپ نەپسىنى قويۇۋېتىپ تازا كۆپ يەيدۇ؛ تاماق ئېغىزىغا تېتىمىسا ئۇنى يېمەيدۇ، بەلكى ئورۇقلاۋاتىمەن، دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بولۇپ، قانۇنىيەتلىك يېيىشتەك ياخشى ئادەمنى ئىمكانقەدەر يېتىلدۈرۈش لازىم.
3. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش
 ئوزۇقلۇقنىڭ مول ۋە يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش: ئادەم ھەر كۈنى مۇئەييەن مىقداردىكى ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىدۇ. بەدەندىكى ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇشى، ھەر كۈنلۈك يېمەكلىك ئەڭ ياخشىسى كالا سۈتى ياكى سۈت ياسالمىلىرى، تۇخۇم، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، پۇرچاق ياسالمىلىرى، كۆكتاتلار، مېۋىلەر، ئاشلىق ۋە ياغ تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. شۇنداق بولغاندا، بەدەنگە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىپ، ساغلاملىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
 ② قارا ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش: بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، قارا ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئىمكانقەدەر كۆپ يېيىش لازىم. قارا ئاشلىق قارا بۇغداي، قوناق، يالىڭاچ سۇلۇ، ئارپا، كېپەك ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنى تەركىبىدە زور مىقداردىكى تاماق تالالىرى ۋە مول ۋىتامىنلار. مىنېرال ماددا قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ سېرىق، يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلاردا ۋىتامىن  ۋە تۆمۈر تەركىبى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق. ھەر كۈنى 500 گىرام كۆكتات ( ئىسسىقلىق مىقدارى 100 كىلوكالورىيە ) ياكى پۇرچاق ياسالمىلىرى ( دادۇر، دۇفۇ، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار ) دىن 100 گىرام ( 60 كىلوكالورىيە ) يېسە، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
③ تەركىبىدە ماي كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، مۇۋاپىق مىقدارىدىكى ماي ئادەمگە پايدىلىق، ئەگەر ماي زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئادەم ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتىكى كۈنلەردە ماينى ئىمكانقەدەر كونترول قىلىپ، تەركىبىدە ماي كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. بەزى قوش گۆشلىرىنى ۋە بېلىق، راك قاتارلىقلارنى كۆپ يېسە بولىدۇ. بۇنداق گۆشلەرنىڭ رەڭگى كۆپىنچە ئاق رەڭلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ بېلىق گۆشىنىڭ تەن ساغلاملىققا بولغان پايدىسى كۆپ، تەركىبىدە ماي كۆپ بەزى يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئەڭ ياخشىسى مېيىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىلغىۋېتىش لازىم. ياغدا پىشۇرۇلغان تېز تاماقلارنى كۆپ يېمەسلىك لازىم، ئەگەر بۇنداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم يېيىش، شۇنداقلا ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ تاشقى پوستىنى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك لازىم. ئۆيدە قورۇما تەييارلىغاندا، ئالدى بىلەن گۆشنى قىزىق سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭ مېيىنى چىقىرىۋەتسە بولىدۇ. قورۇما قورۇيدىغان ياغ ئەڭ ياخشىسى پۇرچاق يېغى، خاسىڭ يېغى، كۈنجۈت يېغى قاتارلىق ئۆسۈملۈك ياغلىرى بولۇشى لازىم. قورۇمىنى ھورداش، قاينىتىش، دۈملەش، ئىلەشتۈرۈش قاتارلىق ياغ ئاز ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللاردا تەييارلىسا ياخشى بولىدۇ.
تۇزنى ئاز قوبۇل قىلىش: تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن دىيابېت كېسەللىكى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت بولمايدۇ. لېكىن، ئاش تۇزىنى زىيادە كۆپ يېگەندە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىپ، ئارتېرىيە قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىيابېت كېسەللىكىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەك تۇزلۇق قورۇمىلار ئاساسىي يېمەكلىكنى كۆپ يېگۈزۈپ، ئادەمنى ئاسانلا سەمرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئىشلىتىدىغان ئاش تۇزىنىڭ مىقدارىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش لازىم. ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلىنىدىغان تۇز ئون گىرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك؛ ئەگەر يەتتە گىرامدىن ئاز سەۋىيەدە كونترول قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئاش تۇزىنى ئازايتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى كۈندىلىك تىرىشچانلىقتا. شۇڭا، ئىمكانقەدەر تۇز تەركىبى ئاز تېتىتقۇلارنى ئىشلىتىش، يېڭى ھالەتتىكى پەسىل كۆكتاتلىرىنى كۆپ يېيىش، كۆكتاتلارنىڭ ئەسلىي تەمىنى ئىمكانقەدەر ساقلاش لازىم. تۇزلىغان كۆكتاتلارنى ئاز يېيىش كېرەك. تۇزلىغان كۆكتاتنى يېگەندە، ئۇنى نېپىز ۋە ئىنچىكە توغراش لازىم. تۇز تەركىبى ئاز تۇزلىغان كۆكتاتلارنى يېگەندە جاڭيۇ قوشماسلىق كېرەك. قۇرۇتۇپ تەييارلانغان يېمەكلىكلەرنى تۇز تەركىبىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يېسە بولىدۇ. ئادەتتە قورۇما تەييارلىغاندا، جاڭيۇ قاتارلىق تۇزلۇق تەمدىكى تېتىتقۇلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش لازىم؛ ئاچچىقسۇ، لىمون قاتارلىق چۈچۈمەل، خۇش پۇراق ئاچچىق تېتىتقۇ ۋە خۇش پۇراق كۆكتات، كۈنجۈت قاتارلىقلار بىلەن تەم تەڭشىسە بولىدۇ؛ تۇزنى ئىمكانقەدەر ئەڭ ئاخىرىدا قورۇمىنىڭ ئۈستىگە چېچىش كېرەك. خىمىيەلىك تېتىتقۇلارنى ئاز ئىشلىتىش ( چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىنىڭ تەڭدىن تولىسى ناترىيدىن ئىبارەت ) لازىم. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تۇز تەركىبىنى تەكشۈرۈش لازىم. تېز تاماقلار ۋە تۇزلۇق پېچىنە-تورتلارنى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
… سۇنى كۆپ ئىچىش: سۇنى كۆپ ئىچسە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشى تېزلىشىدۇ، يەنە ماينىڭ پارچىلىنىشى ۋە قان شېكىرىنىڭ سۇيۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشتىھانى سۇسلاشتۇرۇپ، تاماق ئىستېمال مىقدارىنى ئازايتىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم بولۇپ شۈمۈرۈلۈشنى ئازايتىدۇ. بولۇپمۇ سېمىز كىشىلەر سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچسە، سەمرىشنى كونترول قىلىپ، ساغلاملىقنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدىغان سۇ مىقدارىنى ئۆزىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش، ئومۇمەن ئاشقازان كۆپمەسلىك، كۆڭۈل ئېلىشماسلىق، ئىشتىھاغا تەسىر يەتمەسلىكنى پىرىنسىپ قىلىش لازىم، ئادەتتە 500 ~ 100 مىللىلىتىر بولسا ياخشى. كۈندۈزى خىزمەت ئارىلىقىدىمۇ سۇنى كۆپ ئىچىش، ئۇسساپ ئېغىز قۇرىغاندا ئاندىن ئىستاكاننى قولغا ئېلىشنى ساقلاپ تۇرماسلىق. ۋاقتىدا سۇ ئىچىشنى بىر خىل ئادەت قىلىش لازىم. ئەگەر ئۈچ ۋاخ تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالىسا، ئورۇقلاش ۋە ساغلاملىققا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بولىدۇ.
† تاماق تاللاش: يەنى ئىشتىھا قىسىمەن تۇتۇلۇش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئادەتكە كۆنۈپ قالسا، ئۆزگەرتىش بىرقەدەر تەس بولىدۇ. يېمەكلىك تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش مول ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشنىڭ زۆرۈر شەرتى بولۇپ، قارا ئاشلىق بىلەن ئاق يېمەكلىكنى تەڭشەش لازىم. شۇڭا، ساغلام بولاي دېسىڭىز ئىمكانقەدەر يېمەكلىكلەرنى تاللىماي يەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم. بىر خىللا يېمەكلىكنى ياكى ئاز ساندىكى بىرقانچە خىل يېمەكلىكنى تاللاپ يېسە، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. توخۇ تۇخۇمى، كالا سۈتى قاتارلىق ئوزۇقلۇق موللۇقىنى ھەممە ئېتىراپ قىلغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ يېتەرسىز تەرەپلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: توخۇ تۇخۇمىدا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ۋىتامىن C كەمچىل بولىدۇ؛ كۆكتاتلاردا گەرچە ۋىتامىنلار، تالا ۋە مىنېرال تۇز قاتارلىقلار مول بولسىمۇ، ئەمما ئاقسىل ۋە ماي تەركىبى ناھايىتى ئاز بولۇپ، پەقەت كۆكتاتلارنى يېسىمۇ بولمايدۇ.
يەنە گۆشلۈك يېيىش ۋە گۆشسىز يېيىش مەسىلىسىمۇ بار. گۆشسىز يېمەكلىك بىلەن گۆشلۈك يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرقايسىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ، كەمچىلىكىمۇ بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، پەقەت بىر خىلغىلا ئامراق بولۇۋالماسلىق لازىم. ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئىگىلەپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ يەپ، ئارتۇقچىلىق ئارقىلىق كەمچىلىكنى تولۇقلىسا، ئاندىن ساغلاملىققا پايدىلىق بولىدۇ.
‡ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر ياكى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش: بەزى سېمىز كىشىلەر كۈندىلىك ئۈچ ۋاخ تاماقتا كۆپ يېمەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئازراق يەڭ دېسىڭىز، ئۇ « ئۇۋاللىق » ھېس قىلىپ، « مەن نەدە جىق نەرسە يېدىم » دەپ خاپا بولىدۇ. ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز، كۈن بويى قولىدىن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئايرىلماي، ئۈچ ۋاخ تاماق ئارىلىقىدىمۇ ئېغىزى بىكار تۇرمايدۇ. شۇڭا، رەسمىي تاماقنى ئانچە كۆپ يېمىسىمۇ، دائىم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېگەنلىكتىن، بارغانسېرى سەمرىپ كېتىدۇ.
تاتلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە شېكەر بىرقەدەر كۆپ، ئۇنى زىيادە كۆپ يېگەندە، ئېشىپ قالغان ئىسسىقلىق بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، بەدەن ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىپ سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە تاتلىق يېمەكلىكنى ئاز يېيىش لازىم.
 


بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، سېمىزلىكتىن يىراق ئۇرۇش
كۆپلىگەن تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى بىزگە ئېنىق ئۇقتۇردىكى، ھەرىكەت ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ساغلام ياشاپ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى رېتسېپتور. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتناش قوراللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىشخانا ۋە زاۋۇتلارنىڭ ئاپتوماتلىشىشى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەردە ھەرىكەت ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدىغان بولۇپ قالدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، كىشىلەر توپىدا سېمىزلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. سېمىزلىك دىيابېت كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالماقتا. پائال تۈردە تولۇق ھەرىكەت قىلىش يۈرەك، ئۆپكىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قان تومۇرنىڭ  ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەمرىپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا، سېمىزلىكتىن، دىيابېت كېسەللىكىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش لازىم. شۇنى بىلىش كېرەككى، ساغلام بەدەن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، روھىي ئۇرغۇپ، كىشىگە گۈزەللىك سېزىمى پەيدا قىلىدۇ؛ ئەگەر ئورۇقلىتىدىغان دورىغا تايىنىپ، كاناينى قىسىپ ئاچ يۈرگەندە، گەرچە زىلۋا بوي بولسىمۇ، ئەمما ئاجىزلىقىدىن سارغىيىپ، كېسەل چىراي كۆرۈنىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا پائالىيەت ۋە ھەرىكەتنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، ھەربىر كىشى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزى قىزىقىدىغان بىر خىل ياكى بىرقانچە خىلىنى تاللىسا بولىدۇ. يېنىك ھەرىكەتلەردىن پىيادە ئاستا مېڭىش ( نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىش، سەيلە قىلىش )، كىر يۇيۇش، ئوت ئوتاش، باغۋەنچىلىك، ئادەتتىكى پىيادە مېڭىش ( ئىشقا بېرىپ-كېلىش ياكى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش )، تازىلىق قىلىش، تانسا-ئۇسسۇل ئويناش. رادىيو گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىقلار بار؛ ئوتتۇرھال ھەرىكەتلەردىن تېز مېڭىش، پەلەمپەيدىن چۈشۈش، قورغان توپ، ۋېلسىپىت مىنىش، پىيادە مېڭىپ ساياھەت قىلىش، چاڭغا تېيىلىش، تىكتاك توپ ئويناش، گولف توپى ئويناش قاتارلىقلار بار؛ قاتتىق ھەرىكەتلەردىن بىناغا چىقىش، دالىدا چاڭغا تېيىلىش، پەي توپ ئويناش، مۇز تېيىلىش، تاغقا چىقىش، پۇتبول ئويناش، سۇ ئۈزۈش ( يىراققا ئۈزۈش )، ئارغامچا سەكرەش ( مىنۇتىغا 70 ~ 60 قېتىم )، تېز سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش ( مىنۇتىغا 160 مېتىر )، يۈگۈرۈش ( مىنۇتىغا 200 مېتىر ) قاتارلىقلار بار.
ھەرىكەت قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يېشى، جىسمانىي كۈچى قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت شەكلى ۋە ھەرىكەت ۋاقتىنى تاللاش لازىم. 30 ~ 20 نەچچە ياشلىق كىشىلەر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، تېز سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش، رىتىمى بىرقەدەر تېز تانسا، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ؛ 50 ~ 40 نەچچە ياشلىق كىشىلەر ئوتتۇرھال ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن: ئوتتۇرا سۈرئەتتە پىيادە مېڭىش، ئوتتۇرا سۈرئەتتە سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، تانسا ئويناش قاتارلىقلارنى تاللىسا بولىدۇ؛ 60 ياشتىن ئاشقانلار سەيلە قىلىش، ئاستا مېڭىش قاتارلىق بەزى يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلسا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق ھەرىكەت ئاز دېگەندە ئون مىنۇتتىن ئارتۇق ئىشلىنىشى، ھەر ھەپتىلىك ئومۇمىي ھەرىكەت ۋاقتى 180 ~ 140 مىنۇت بولۇشى لازىم. ئەلۋەتتە، ئەمگەك سىجىللىقى زور بولغان كىشىلەر ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىغا ئېسىلىۋالماي، بەلكى ئادەتتە ئانچە كۆپ ئىشلەتمىگەن مۇسكۇللىرىنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرسىلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشلىقىدىن تارتىپ تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامراق كىشىلەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلىگە بارغاندا، بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. مەيلى قايسى خىل ھەرىكەت شەكلى قوللىنىلسۇن، ھەرىكەت قىلىشنى چوقۇم ھەر كۈنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قېتىم ئانچە-مۇنچە تەر چىققۇدەك ھەرىكەت قىلىش لازىم.
بەزى ھۇرۇن سېمىزلەرنى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇش ناھايىتى تەس، ئەمما ئۇلارغا بۇنىڭ « باشقىدىن ئادەم بولۇش » ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. ھەرىكەت قىلىشنى ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىن باشلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: سىز يۈگۈرمىسىڭىزمۇ بىرقەدەم يولنى ئارتۇق مېڭىڭ، بىناغا چىقىپ-چۈشكەندە ئىمكانقەدەر لىفتقا چىقىۋالماي، پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈڭ، ئاستا-ئاستا لايىقلاشقاندىن كېيىن، ھەرىكەت مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىسڭىز بولىدۇ.
بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشتا بولۇپ، ئارىلىقتا تولا ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك. ئەگەر بىرمەھەل نورمىدىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىپ، بىرمەھەل بارلىق چېنىقىشنى توختىتىپ قويسا، سەمرىپ كېتىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا، ھەرىكەتنى ھەر كۈنى چوقۇم ئىشلەيدىغان « تاپشۇرۇق » قىلىپ، ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قەتئىي داۋاملاشتۇرسا، قەددى-قامىتى زىلۋا بولۇپلا قالماي، بەدىنىمۇ ساغلام بولىدۇ.
قىسقىسى، ھەربىر كىشى زىلۋا، ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سېمىزلىكنى كونترول قىلىشنى سەمرىپ كەتمىگەن چاغدا باشلاپ، تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، يېمەكلىك قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلىش، تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىشنى كۈچەيتىش لازىم. مېڭىڭىز سەگەك، قول-پۇتىڭىز چاققان، يېيىشىڭىز نورمال بولسا، زىلۋا قەددى-قامەت ۋە ساغلام بەدەن سىزگە مۇقەررەر ھالدا بىرلا ۋاقىتتا مەنسۇپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دىيابېت كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەر تەبىئىي ھالدا سىز بىلەن « يېقىنچىلىق » قىلمايدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر