راكلار شاھى دەپ ئاڭلىغانمۇ؟ بۇ 5 ئالامەت شۇنىڭ بېشارىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2019/09/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa04 | يوللىغۇچى: eldawa04

ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى 5 مۇھىم ئالامىتى
ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىر خىل ئىنتايىن قورقۇنچلۇق راك كېسىلى، ھەر يىلى نۇرغۇن ئادەم ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئاشقازان ئاستى بېزى زاكىغا گىرىپتار بولغان بولسا داۋالىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامىتى روشەن بولمىغاچقا، ئاخىرقى باسقۇچتا ئاندىن بايقىلىپ، بىراقلا جاننى ئالىدۇ» دېيىشكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئۇنداقتا، بەدەندىكى قايسى ئالامەتلەر ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى بېشارىتى؟
ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى

 

1-سىگنال : تېرە رەڭگىنىڭ سېرىق بولۇشى
تېرە رەڭگىنىڭ سېرىق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ئۆت نەيچىسى ۋە ئۈچەينىڭ نورمال خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلغاچقا، ماي پارچىلىنالماي دۆۋىلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەرەت راۋان بولماي، ئۆت سۇيۇقلۇقى كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قالىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دەسلەپكى مەزگىلدە تېرە سارغىيىش ھەتتا كۆز ئېقى سارغىيىش، ئارقىدىن تېرە قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2-سىگنال : كىچىك تەرەت قارا، چوڭ تەرەت مايلىق بولۇش
كىچىك تەرىتىڭىز قوڭۇر ياكى قارا رەڭلىك كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ.
بەلكىم بۇ خىل ئالامەت سىزنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنىڭ دەسلەپكى بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر سىز چوڭ تەرەت قىلغاندا، تەرەت رەڭگى بىنورمال، خۇددى سىز ماي چىقىرىۋاتقاندەك مايلىق ھالەتتە بولسا، بەلكىم ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

3-سىگنال: دۈمبە ياكى قورساق ئاغرىش
بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارغا دىياگنوز قويۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلاردا دائىم قورساق ياكى دۈمبە ئاغرىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئاغرىق تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ناھايىتى قاتتىق ۋە ئازابلىق ئىكەن.
دېمەك، سىزدە ئېغىر دەرىجىدە قورساق ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماڭ. بۇ بەلكىم ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.

4-سىگنال: ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولماسلىق، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
سىزدە تۇيۇقسىز چىش بوشاپ قېلىش، چىش مىلىكى ياللۇغى، ئېغىر بولغان ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ  ئاشقازان ئاستى راكىنىڭ بېشارىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

5-سىگنال: كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش
ئەگەر سىز ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، ئۆسمە ئۆت نەيچىسىنى بېسىۋېلىپ، ئۆت نەيچىسىنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، ئۆت نەيچىسى نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. بۇ سىزنىڭ تاماقنى يۇتۇش ۋە ھەزىم قىلىشىڭىزغا تەسىر قىلىپ، ياندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

گەرچە كىلىنىكىدا ئاشقازان ئاستى بېزى راكى « راكلار شاھى » دەپ ئاتالغان بولسىمۇ،  پەقەت بۇنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىغاندا، ھاياتنى يەنىلا ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە، كىلىنىكىدا جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنى داۋالىماقتا. غەربچە تېبابەتتە ئاساسەن ئوپېراتسىيە قىلىش، خىمىيەۋى داۋالاش، نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭيىچە داۋالاشتا جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى خىل تېبابەتنى بىرلەشتۈرۈلۈپ داۋالاش قىلغاندا، بىمارنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە ياخشى ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر