دورا ئىچىشنىڭمۇ مۇۋاپىق پەيتى بار

دورا نامى: دورا ئىچىشنىڭمۇ مۇۋاپىق پەيتى بار | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/10/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

  ئادەتتە، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپىدا ئورگانىزمنىڭ دورا سۈمۈرۈشچانلىقى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىت دورا ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان دورىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ئىچىش ۋاقتىنى قوللىنىش كېرەك. ئادەتتە بەدەن زەئىپلىشىش ۋە ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، تاماقتىن ئىلگىرىكى 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىتتا دورا ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا دورىنىڭ بەدەنگە تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۆپكە، يۈرەك كېسىلى بارلار ۋە باشقا ئادەتتىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى 15~ 30 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا دورا ئىچسە دورىنىڭ ئاشقازانغا بولغان غىدىقلاش تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تەڭشەش رولىغا ئىگە دورىلارنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 30: 10 ئەتراپىدا ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 30: 4 يېرىم ئەتراپىدا ئاچ قورساق ھالەتتە ئىچكەندە دورىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان دورىلار ياكى ئاشقازان ئۈچەيگە غىدىقلاش تەسىرى بولغان دورىلارنى تاماقتىن كېيىن ئىچىش كېرەك. سۈرگە دورىلىرىنى ئاچ قورساق ئىچكەن، بولۇپمۇ رەۋەن، كەندىر ئۇرۇقى قاتارلىق تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئەتىگەن ۋە كۈندۈزدە ئىچكەن ياخشى. نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان دورىلارنى ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت بۈرۈن ئىچكەندە دورىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار