دىققەت: دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

دورا نامى: دىققەت: دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2011/09/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

تۇرمۇش مىسالى:
دىليار بۇ يىل 26 ياش بولۇپ، ھەمىشە گېلى ئىششىپ ئاغرىپ، چوڭ تەرىتى قورغاق بولاتتى. ھەر قېتىم شۇنداق بولغاندا، ئۇ ئۆزى تەييارلاپ قويغان «قايتۇرما زەربە بېرىش» دورىسى ــــــ دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسى (牛黄解毒片)نى ئىشلىتەتتى. بەزىدە ئۇنىڭ دورا ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تەكرار ئىشلىتەتتى. بەزىدە كېسىلىنىڭ سەل ئېغىرلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسا دورا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىتەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دىليار ئىشلەتكەن دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسى مىقدارى ھەقىقەتەن ئېشىپ باراتتى...


ئۇنداقتا، سوئال: دىليارنىڭ بۇنداق دورا ئىشلىتىشى توغرىمۇ؟
كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئېڭىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەردە دورا سېتىۋېلىش، ئۆيدە ساقلاش ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرىۋاتىدۇ. بىز دىليارغا ئوخشاش «قايتۇرما زەربە بېرىش» دورىسىنى ئىشلىتىپ ئۆز كېسىلىنى «داۋالايدىغان»لارنى دائىم ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز.
ئەمما، كۆپلىگەن «ئىسسىقنى تارقىتىش» دورىلىرىنىڭ ئىچىدە كىشىلەرگە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغىنى يەنىلا دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسى بولۇپ، ئىشلىتىش بىر قەدەر كەڭرى. مەيلى كۆزىگە قان تولۇپ ئىششىپ قالسۇن، گېلى ئىششىپ قالسۇن، تىلىغا يارا چىقىپ قالسۇن، قىزىپ قالسۇن، چوڭ تەرىتى قورغاق كەلسۇن، دانىخورەكتىن گۇمانلانمىسۇن، سۇلۇق يىرىڭ قېلىپى چىقىپ قالسۇن كىشىلەر ئاساسەن  دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن.
ئەلۋەتتە،  دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولسا، ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى. ئەمما، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر دورا ئىشلىتىش تونۇشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، بەزىلەردە دائىم دورىنى خاتا ئىشلىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. ھازىرقى خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ چېچىلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ-دە، ئادەتتە دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەپ، كېسىلىنىڭ «ئالدىنى ئالىدۇ»، نەتىجىدە، دورىنى خاتا ئىشلىتىش، قالايمىقان ئىشلىتىش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇنداقتا دېڭىزىيا زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىشە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار