ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئارقىلىق داۋالىنىش توغرىسىدىكى بىلىم

دورا نامى: ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئارقىلىق داۋالىنىش توغرىسىدىكى بىلىم | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/11/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

بەزى دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئارقىلىق داۋالىنىش توغرىسىدىكى بىلىمى يېتەرسىز بولغانلىقى، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپلەرنى ۋە ئۇنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىلمىگەچكە، خاتا مەشغۇلات قىلىپ، ئەكسىچە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. قىسقا ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان ياكى ئالدىن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، 20 – 30 مىنۇتتىن كېيىن غىزالىنىش كېرەك. دىيابېت ئاغرىقلىرى بۇنداق چاغدا ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا،كۆپ ھەرىكەت قىلسا بولمايدۇ، بولمىسا قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ.

2. بەزى دىيابېت ئاغرىقلىرى تەكشۈرۈپ قان قەنتى سەل يۇقىرى چىقىپ قالسىلا، دەرھال ئىنسۇلىن ئوكۇلىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ، غىزا مىقدارىنى ئازايتىپ، ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى بىر ۋاخ تاماقتىن بۇرۇن قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ. 

3. ئالدىن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئىنسۇلىن (30R، 50R) كۆيۈۋاتقان قىسقا ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان ئىنسۇلىن بىلەن ئوتتۇراھال ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىننىڭ ئارىلاشتۇرۇلۇشىدىن تەييارلانغان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن بۇرۇن تولۇق ھەم تەكشى ئارىلاشتۇرۇش كېرەك. تولۇق ئارىلاشتۇرۇلمىسا، قىسقا ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان ئىنسۇلىن ئوكۇلىنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كېتىپ، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئىنسۇلىنغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئوكۇل ئۇرغۇچ(شپىرس) ھەر مىللىلېتىردا 40 بىرلىك ياكى 100 بىرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىككى خىل ئۆلچەمدە بولىدۇ. خاتا ھالدا ھەر مىللىلېتىردا 40 بىرلىكلىك ئوكۇل ئۇرغۇچ ئارقىلىق ھەر مىللىلېتىردا 100 بىرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قەلەم ئۆزىكى ئىنسۇلىننى سۈمۈرتكەندە، ئوكۇل مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئىنسۇلىننى ئۇزاق مەزگىل ئوخشاش بىر ئورۇنغىلا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا، قىسمەن دائىرىدە تېرە ئۆسۈپ قېلىش ياكى قورۇلۇپ قېتىشىش كۆرۈلۈپ، ئىنسۇلىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. قېتىشىپ قالغان جايغا ئوكۇل ئۇرۇش ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ شۇنداقلا قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

6. ئەگەر ئوكۇل يىڭنىسى مۇسكۇلغا تىقىلسا، ئىنسۇلىننىڭ سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولغاندا قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا تېرىسى نېپىزرەك دىئابېت ئاغرىقلىرى تېرىسىنى چىمدىپ يۇقىرىغا تارتىپ تۇرۇپ ئاندىن ئوكۇل ئۇرۇشى كېرەك.

7.بەدەن ھەرىكىتى ئىنسۇلىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىپ، ئاسانلا قان قەنتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، دىيابېت ئاغرىقلىرى ئەتىگەندە ۋېلىسىپىت مىنىدىغان ياكى چېنىقىدىغان بولسا، ئىنسۇلىن ئوكۇلىنى يوتا تېرىسىگە ئۇرماسلىقى كېرەك؛ ئەگەر چۈشتىن كېيىن تىكتاك توپ ئوينايدىغان بولسا، بىلىكىگە ئوكۇل ئۇرۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. دىيابېت ئاغرىقلىرىدا قان قەنتى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، قورسىقى ئېچىش، ئىچى تىتىلداش، قولى تىترەش، تەرلەش، بېشى قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا، ئاسانلا ئايلىنىپ كېتىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. يۇقارقىدەك ئالامەتلەركۆرۈلسە، قان قەنتىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ھەم ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئەمەتجان مەمەت تەرجىمىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار