5 خىل دورىنى چۈچۈكبۇيا تابلېتى (甘草片) بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

دورا نامى: 5 خىل دورىنى چۈچۈكبۇيا تابلېتى (甘草片) بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/11/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى: 5 خىل دورىنى مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتى بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتى (compound licorice tablets 复方甘草片) ئائىلىدە دائىم ساقلىنىدىغان يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشاتقۇچى دورا بولۇپ، ئاساسلىقى چۈچۈكبۇيا ئېكىستراكت پاراشۇكى، ئەپيۈن پاراشۇكى، كامفور، شاكال بەدىيان مېيى، ناترىي بېنزوئات قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىكمە كېسەللىكى بولمىغان قۇرۇق يۆتەلگە بولغان ئۈنۈمى ياخشى.
مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتكىنى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى:

1. يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلىكوزىد تىپىدىكى دورىلار
مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتكىسىنىڭ تەركىبىدىكى چۈچۈكبۇيا ئېكىستراكت بەدەننىڭ كالىينى ھەيدەپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بەدەندىكى قان كالتسىينىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا بەدەننىڭ يۈرەكنى كۈچلەندۈرگۈچى گلۇكوزىدقا بولغان سەزگۈلۈكىنى ئاشۇرىۋېتىپ، ئاسانلا يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلىكوزىدتىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىمارلىرى يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلىكوزىد دورىلىرى بىلەن مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتى (compound licorice tablets 复方甘草片)نى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

2. سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى پرېپاراتلار
مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتى بىلەن سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە تىئازىد (噻嗪类) سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى پرېپارات (利尿剂)نى بىرلىكتە ئىشلەتكەندە، فارماكولوگ قارىشىلىقى ياكى ناچار تەسىرىنى ئاشۇرۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. چۈچۈكبۇيىدىكى سۇلۇق ناترىينىڭ يىغىلىۋېلىش تەسىرىدىن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى پرېپاراتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھەمدە كالىينى ھەيدەپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى تىزلىتىۋېتىدۇ-دە، تۆۋەن قان كالىي كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار
ئۇزۇن مۇددەت مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتى ئىشلەتكەندە، سۇلۇق ناترىينىڭ يىغىلىپ قېلىش تەسىرىدىن قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، قان بېسىمنى چۈشۈرگۈچى دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەتكەندە، ئانتاگونىزم تەسىرىدىن بېسىم چۈشۈرگۈچى دورىنىڭ بېسىم چۈشۈرۈش رولىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ياكى بېسىم چۈشۈرۈش رولىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى ياكى باشقا دورا ئىشلىتىشى كېرەك.

4. قەنت تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار
چۈچۈكبويىنىڭ كورتىكوستېرونلۇق رولى بولۇپ، قاندىكى قەنتنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسولىن، تولبۇتامىد، فېنفورمىن (phenformin) قاتارلىقلار بىلەن قارىشىلىشىش رولى بولغاچقا، قەنت تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ-دە، دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا دىئابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

5. سالىتىسىلىك كىسلاتا تىپىدىكى دورىلار
ئالىملار مۇرەككەپ رېتسىپلىق چۈچۈكبۇيا تابلېتى بىلەن سالىتىسىلىك كىسلاتاسى (水杨酸) ۋە فېنىل بۇتازون (保泰松)نى بىرلىكتە ئىشلەتكەندە، ئاشقازان يولىغا بولغان ناچار تەسىرنى ئاشۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەزىم قىلىش يولى يارىسىنى قوزغىتىشى ياكى ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار