سىل (ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى) بىمارلىرى دورىغا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

دورا نامى: سىل (ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى) بىمارلىرى دورىغا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/11/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

سىل (ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى) بىمارلىرى دورىنى چوقۇم قانۇنىيەتلىك ئىچىشى لازىم، بولمىسا كۆپ خىل دورىغا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىپ قالىدۇ. سىل كېسىلى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپ خىل دورىغا تاقابىلچان سىل كېسىلىنى داۋالاشقا ئاز دېگەندە 2 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن ھەمدە داۋالىنىش چىقىمى ئادەتتىكى سىل كېسىلىگە قارىغاندا 130 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
كۆپ خىل دورىغا تاقابىلچان سىل كېسىلى بىمارنىڭ تېنىدىكى سىل باكتېرىيەسىدە ئاز دېگەندە ئىزونىئازىد(异烟肼)، رىفامپىن(利福平)دىن ئىبارەت سىل كېسىلىنى داۋالايدىغان ئىككى خىل دورىغا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ خىل دورىغا تاقابىلچان سىل كېسىلى بىمارلىرىنى داۋالاشتا، داۋالاش ۋاقتى ئۇزۇن، ئىشلىتىدىغان دورا كۆپ، ئەكس تەسىرى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئېھتىمالى تېخىمۇ يۇقىرى، يۇقۇملانغانلارمۇ كۆپ خىل دورىغا تاقابىلچان سىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ.
كۆپ خىل دورىغا تاقابىلچان سىل كېسىلىنى ھەر خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىرىنچىدىن، دورىنى ئۆلچەم بويىچە ئىچمەسلىك. سىل كېسىلىنى داۋالاشتا بىرلا خىل دورىنى ئىشلەتسە، سىل باكتېرىيەسىدە بۇ خىل دورىغا نىسبەتەن ئاسانلا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىپ، داۋالاش ئۈنۈمى روشەن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، سىل كېسىلىنى داۋالىغاندا بىر قانچە خىل دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، داۋالاشنى باشلىغاندا ئاز دېگەندە 4 خىل دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ھەمدە دورا مىقدارىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىزگىنلەش كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ئۆلچەملىك داۋالانماسلىق. سىل كېسىلىنى داۋالاش جەريانىدا، بىمارنىڭ بىنورمال كېسەل ئالامەتلىرى بىر ئاي ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ، يۆتىلىش، بەلغەم كېلىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى يوقايدۇ، شۇڭا بەزى بىمارلار كېسىلىم ساقايدى، دەپ قاراپ، ئۆزى بىلگەنچە دورىنى توختىتىدۇ. بۇ‌نىڭ بىلەن، تىزگىنلىنىپ بولغان سىل كېسىلى باكتېرىيەسى قايتا كۆپىيىدۇ ھەمدە ئاسانلا دورىغا تاقابىلچانلىق شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، بىرلەمچى دورىغا تاقابىلچان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش. نۆۋەتتە، دورىغا تاقابىلچان سىل كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بەزى بىمارلار سىل كېسىلى باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندىلا، بەدىنىدە مەلۇم بىر خىل ياكى نەچچە خىل سىل كېسىلى دورىسىغا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە، بۇ خىل ئەھۋال بىرلەمچى دورىغا تاقابىلچانلىق، دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇڭا، سىل كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش، ھەرگىز كېسەل ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا قاراپلا دورىنى ئۆزى بىلگەنچە توختاتماسلىق كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار