دورىغا مۇناسىۋەتلىك ناچار ئادەتلەر

دورا نامى: دورىغا مۇناسىۋەتلىك ناچار ئادەتلەر | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/11/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

دورا_بىز ئاغرىق توختىتىش كېسەلگە شىپالىق تېپىش مەقسىتىدە ئىشلىتىدىغان داۋالاش بۇيۇمى.قانداق ئادەم دەردىگە داۋا تېپىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىدۇ.لېكىن، بەزىدە دورا ئىشلىتىش ئىچىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىق سەۋەبلىك.ئەكس تەسىر كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن.دورا ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچى، دەملەنگەن چايدا دورا ئىچمەڭ، دەملەنگەن چاي تەركىبىدە، تاننىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، دورىنى چاي بىلەن ئىچكەندە، ئوڭايلا خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، ۋە چۆكمە ھاسىل قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى يوققا چىقىپلا قالماستىن، ئاشقازان ئۈچەيلىرىنى غىدىقلاپ بىئارام قىلىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى، سۈت بىلەن دورا ئىچمەڭ، بەزىلەر دورىنى سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچىۋېرىدۇ، گەرچە سۈت ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان ئىچىملىك بولسىمۇ، تەركىبىدىكى تۆمۈر كالتسىي قاتارلىق ماددىلارنىڭ، دورىلارنىڭ ھەزىم بولۇشىغا ۋە دەرھال ئۈنۈم كۆرسىتىشىگە پايدىسىز، ھەتتا بەزى دورىلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئادەتتە دورا ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى 12 سائەتتىن كېيىن سۈت ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ .
ئۈچىنچى، دورىدىن كېيىنلا قەھۋە ئىچمەڭ، قەھۋە تەركىبىدە ئورگانىزملارنىڭ خىزمىتىنى جانلاندۇرغۇچى غىدىقلىغۇچى كوفېئىن تەركىبلىك ماددىلار مول بولۇپ، توردىن كېيىن قەھۋە ئىچكەندە، كوففېئىن دورا بىلەن بېرىپ، ئاسان ئېرىمەيدىغان چۆكمە ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ داۋالاش رولى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، قان تومۇرلارنىڭ راۋانلىقى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، يەنە كېلىپ،  دورا يەۋاتقان ئادەم چوقۇم  مەلۇم  كېسەللىك ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ، قەھۋە كۈچلۈك جانلاندۇرۇش روھلاندۇرۇش  خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا   يۈرەك  مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ  ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ قان بېسىمىنى  يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يۈرەكنىڭ سوقۇش  رېتىمىنى  تېزلىتىپ، نېرۋىلارنىڭ ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرىدۇ، بۇ بىمارنىڭ داۋالىشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن پايدىسىز، بولۇپمۇ قان بېسىم يۈرەك كېسىلى بار بىمارلار ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك .
تۆتىنچى، ھەرخىل دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلماڭ.بەزىدە بەدەندە، 23 خىل كېسەللىك بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلىپ قالىدۇ، مەسىلەن، زۇكام بولغاندا قىزىتما باش ئاغرىق، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئۆپكە ياللۇغى كۆز بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر قوزغىلىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇنداق چاغلاردا 23 خىل دورا يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، بەزىلەر دورىلارنىڭ ھەممىسىنى 1 قېتىمدىلا ئارىلاشتۇرۇپ يەۋېرىدۇ، ھەتتا بەزىلەر نەچچە خىل دورىنى 1 يېگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ 1 پايدا قىلمىسا يەنە 1 ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىلمىي بولمىغان كۆز قاراش.ھەر 1 دورىنىڭ تەركىبى ئۈنۈمى ھەزىم بولۇش جەريانى ۋە ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، دېمەك، 2 ياكى ئۈچ خىل دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە دورىلار ئارا خىمىيىلىك رېئاكسىيە 100 بېرىپ، بەزى كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە بەزى دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا كۆزنى قارىغۇ قىلىپ قويۇشى، جىگەر بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى ھەتتا يۈرەك كېسىلىنى قوزغاپ تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا، دورىلارنى خالىغانچە ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بولمايدۇ، بىر كۈندە نەچچە خىل دورا يېيىشكە توغرا كەلسە 12 سائەتتىن پارلاندۇرۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم، ياكى دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك.
بەشىنچى، دورىنى يەپلا يېتىۋالماڭ، دورىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال يېتىۋېلىشقا بولۇپمۇ قايناق سۇنى ئاز ئىچكەن ئەھۋال ئاستىدا  يېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا دورا ئوڭايلا ھەزىم يوللىرىغا چاپلىشىۋالىدۇ، بەزى دورىلارنىڭ چىرىتىش كىسلاتالىق رولى كۈچلۈك بولۇپ، ھەزىم يوللىرىغا چاپلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزىم يوللىرىدىكى پەردىلەرنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان بۇزۇلۇش، قۇسۇش، ئاشقازان كۆپۈش قورساق بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇڭا دورا يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال  يېتىۋالماستىن بەلكى قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىپ، دورىنىڭ ئېرىپ پارچىلىنىشى، ھەزىم بولۇشىغا يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
ئالتىنچى، دورىنى خالىغانچە ئالماشتۇرماڭ، دورا ئادەتتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۇ بىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمىز، بەدىنىمىزنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش، دورىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراپ بېرىلىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، توغرا خالىغانچە ئېلىپ بېرىدىغان ياكى ئۆزى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس.بەزىلەر، باشقىلارنىڭ مۇنداق كېسەلگە مۇنداق دورا بەك پايدا قىلىدىكەن، مۇنۇ دورىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، دېگىنىنى ئاڭلىسىلا دەرھال ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىۋاتقان دورىنى توختىتىپ قويۇپ شۇ دورىنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ، ھەتتا تېنى ساق تۇرۇپ مۇشۇنداق دورىلارنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇچۇر چىققان ئەخمىقانىلىقتۇر، ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن ئەھۋالى كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، دېمەك مەلۇم بىر دورىنىڭ ئۈنۈمى 2 ئادەمدە 2 خىل كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بىرەيلەنگە راسا پايدا قىلىدىغان دورا يەنە بىرەيلەنگە بۇنچىۋالا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا دورىنى خالىغانچە ئالماشتۇرماسلىق دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە يەنى ئەسلى داۋالاش تەرتىپى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.خالىغانچە دورا ئالماشتۇرسا، ئەسلىدىكى داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن بۇرۇنقى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۈزۈپ قويۇشى، ياكى يېڭى ئىشلەتكەن دورىنىڭ ئۈنۈمىنى چەكلەپ قويۇشى، ۋە ياكى يېڭى ئىشلەتكەن دورا بۇرۇن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دورا بىلەن بىرلىشىپ،  رېئاكسىيە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار