دورا ئىچىشتىكى خاتا ئۇسۇللار

دورا نامى: دورا ئىچىشتىكى خاتا ئۇسۇللار | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/11/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە دورا ئىچىش
«بىر كۈندە ئۈچ قېتىم»: 24 سائەت ئىچىدە ھەر سەككىز سائەتتە بىر قېتىم دورا ئىچىش كېرەك. پەقەت دەل ۋاقتىدا دورا ئىچكەندە، قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ ياخشى بولغان داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر دورا ئىچىش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى كۈندۈزگە ئورۇنلاشتۇرغاندا، كۈندۈزى قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، كەچتە قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقى ئۆلچەمگە يەتمەي قالىدۇ.
«تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىش» پرىنسىپى بويىچە دورىنى ئاچ قورساققا بىرسائەت ياكى ئىككى سائەت بۇرۇن ئىچسە دورىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بار. «تاماقتىن كېيىن دورا ئىچىش» پرىنسىپى بويىچە توق قورساق ھالەتتە تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇنىڭدا يېمەكلىكنىڭ دورىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەينى غىدىقلىشىنى ئازايتىدۇ ۋە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ دورىنى سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېتىپ تۇرۇپ دورا ئىچىش
يېتىپ تۇرۇپ دورا ئىچكەندە، دورا ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىغا چاپلىشىۋېلىپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، قىزىلئۆڭگەچنى غىدىقلاپ يۆتىلىشنى ۋە قىسمەن ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا قىزىلئۆڭگەچنى زىيانغا ئۇچرىتىپ،  قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ يۇشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئولتۇرۇپ دورا ئىچكەن ياخشى.
دورىنى قۇرۇق يۇتۇش
بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. بىر تەرەپتىن يېتىپ تۇرۇپ دورا ئىچكەنگە ئوخشاش قىزىلئۆڭگەچنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن، ھەتتا ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.
دورىنى پارچىلاپ ياكى ئېرىتىپ ئىچىش
بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، دورىنىڭ ئەكس تەسىر بېرىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئاسپىرىننى مىسالغا ئالساق، ئۈچەيدە ئېرىش پەردىسىنى قوغدىيالمايلا قالماستىن، دورىمۇ بىخەتەر ھالدا ئۈچەي يولىغا كىرەلمەي قالىدۇ. ئاشقازاندا ئېرىپ كېتىپ دورىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرغىلى بولماي قالىدۇ. يەنە ئاسانلا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ. دورىنى سۇدا ئېرىتىپ ئىچسە يەنىلا تەسىرى ياخشى بولماي قالىدۇ.
ئىچىملىك بىلەن دورا ئىچىش
سۈت، مېۋە شەربىتى، چاي، كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەر بىلەن دورا ئىچكەندە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
دورىنى بوتۇلكا ئاغزىغا قويۇپ ئىچىش
بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئاسانلا دورا سۇيۇقلۇقى بولغىنىدۇ ھەمدە دورىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن دورىنىڭ مىقدارىنى توغرا مۆلچەرلىگىلى بولماي، دورىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە تەسىر يېتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار