ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى نورگېستىمات ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

دورا نامى: ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى نورگېستىمات ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2011/09/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

نورگېستىمات (Norgestimate 诺孕酮)
[باشقا نامى]  Cilest; Ticilest 高诺酮放
[تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى] يېڭى، كۈچلۈك ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بولۇپ، تۇخۇم چىقىرىشنى تورمۇزلاش رولى كۆرۈنەرلىك، يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 4 سائەت.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى] ھەيز دەۋرى 5-كۈنىدىن باشلاپ، كۈندە بىر تال جەمئىي 21 كۈن ئىچىلىدۇ. 


[ناچار تەسىرى] بەزىدە كۆڭۈل ئېلىشىش، باش ئاغرىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىش، ئەمچەك چىڭقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار] ئېغىر جىگەر ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلار، قان نۆكچىسى ھاسىل بولغان بىمارلار، سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ راكى، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارغا  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

[ياسالمىسى ۋە ئۆلچىمى] مۇرەككەپ تابلېتكىسى: ھەر تابلېتكا تەركىبىدە نورگېستىمات 0.25mg، ئېستىنىل 0.035mg بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار