ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلسا بولمايدىغانلار

دورا نامى: ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلسا بولمايدىغانلار | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2016/12/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

1. زىيادە سېزىمى بارلار: ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار زىيادە سېزىم رېئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ بىر- ئىككى سائەتتىن كېيىن ئېغىز قۇرۇش، پۇت- قولى ئۇيۇشۇپ قېلىش، تىلى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزىلىرىدە قان- تومۇردا تاشما پەيدا بولۇش، تېرە قاپىرىش يۈز بېرىدۇ.
2. زىققا كېسىلى بارلار: ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار پېروستاگلاندىننى، بولۇپمۇ پروستاگلاندىن E     نىڭ بىرىكىشىنى تورمۇزلايدۇ. پروستاگلاننىڭ نەپەس يولىنى كېڭەيتىش رولى بار. ئەگەر پروستاگلاندىن كەمچىل بولسا، دەم سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
3. ئاشقازان كېسىلى بارلار: ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار ئاشقازان، ئۈچەي يولىرىنى قاتتىق غىدىقلاپ، جاراھەت پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاشقازان سىلىمشىق پەردىسىنى بۇزۇش ۋە جاراھەتتىن قان چىقىشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. قان بېسىمى يۇقىرىلار: بەدەندە پروستاگلاندىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە بەدەنگە سۇ يىغىلىۋېلىپ، پېرىفرانىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋېتىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭالاشقا، يۇقىرى قان بېسىمى بارلار ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار