تېرازوزىن

دورا نامى: تېرازوزىن | خەنزۇچە نامى: 特拉唑嗪 | ئىنگىلىزچە نامى: Terazosin
يوللانغان ۋاقتى: 2017/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

تېرازوزىن (Terazosin    特拉唑嗪)
[باشقا نامى]  Hytrine  高特灵
[تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى] –ئادرېنالىن ئاكسېپتورىغا تاللاپ توسالغۇ بولىدىغان دورا. دوۋساقنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى سىلىق مۇسكۇلنىڭ تەرەڭلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، سىلىق مۇسكۇلنىڭ تەرەڭلىكى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدىغان سۈيدۈك چىقىرىش قىيىن بولۇشنى ياخشىلايدۇ. ئاساسلىقى يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى مەزى بېزى يوغىناش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىىلىدۇ.يەنە يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى يۇقىرى قان بېسىمغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى]

ئىچىش: ① دەسلەپتە ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 1mg ئىچىلىدۇ. 4~3 كۈندىن كېيىن كۈنىگە 2mg ئىچسىلا، داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
② مەملىكىتىمىزدە تېرازوزىن مەزى بېزى يوغىناشقا ئىشلىتىلگەندە كۈندە 2mg ئىچىلىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكا بىمارلىرى كۈنىگە 5mg ئىشلىتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمغا ئىشلەتكەندە باشقا دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىپ، مىقدارىنى قان بېسىمى كونترول بولغىچە ئاستا-ئاستا يۇقىرىلىتىشقا بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈنىگە 5mg ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئايرىم بىمارلارنىڭ كۈنلۈك دورا ئىشىلتىش مىقدارى 10mg غا بارىدۇ.


[ناچار تەسىرى] دورا ئىچىشكە باشلىغاندا ياكى ئۇشتۇمتۇت دورا توختاتقاندا باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ. بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان تۆۋەن قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئەھۋاللىرى بار. يەنە پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، چارچاش، كۆرۈش خىرەلىشىش، قول-پۇتلىرى ئىششىش، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسى كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھادىسلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى تۆۋەن ھەم يېنىك. ئەگەر ناچار تەسىرى ئېغىر بولسا دورا توختاتسا بولىدۇ.
[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار] دورا ئىچىشكە باشلىغاندا ماشىنا ھەيدەش ياكى خەتەرلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. باش قېيىش كېلىپ چىققاندا دەرھال ئولتۇرۇۋېلىش ياكى ياتقاندا ئورنىدىن تۇرغاندا ھەرىكىتى ئاستا بولۇشى لازىم.
[ ياسالمىسى ۋە ئۆلچىمى]  تابلېتكا: 5mg ،1mg  ،2mg  لىق.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار