كۆپ خىل زۇكام دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەڭ

دورا نامى: كۆپ خىل زۇكام دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەڭ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/01/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

نۇرغۇن ئائىلىلەردە زۇكام دورىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى بىر خىل ئەمەس. بىر قىسىم كىشىلەر زۇكام بولۇپ قالغاندا يېزدىن ساقىيىش ئۈچۈن دائىم بىر قانچە خىل دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىدۇ. ئۇلار بۇنداق قىلغاندا بىر قانچە خىل دورا تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، دەرھالال زۇكامدىن غالىپ كەلگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇبىر قىسىم تېببىي بىلىمى كەمچىل كىشىلەرنىڭ داۋالاش ئىلمىگە خىلاپ ئۇسۇل بولۇپ، دائىم ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلىدۇ. تەركىبلىرى ھەر خىل بولغان زۇكام دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، دورىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتكەن تەقدىردىمۇ زۇكامنى داۋالاشقا پايدىسى بولمايدۇ. بەلكى ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ خەتەر چىقىش نىسبىتى يۇقىرلاپ كېتىدۇ.
شۇڭلاشقا زۇكامنى داۋاشتا كۆپرەك دەم ئېلىش، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندىن سىرت يەنە  بىر خىل زۇكام دورىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىپ كېسەل داۋالاش لازىم. شۇنداقلا كۆپ خىل زۇكام دورىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار