ۋىتامىن E نىڭ يېڭى ئىشلىتىلىش يولى

دورا نامى: ۋىتامىن E نىڭ يېڭى ئىشلىتىلىش يولى | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/01/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

ئېغىز بوشلىقى يارىسى. ۋىتامىن E قىل قان تومۇر ۋە كىچىك قان تومۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىش. جىگەرنى ماي قاپلاپ كىتىش جەريانى ماينىڭ ئوكسىدلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا، ۋىتامىن E بولسا بىر خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى دورا.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە %43كىشى ئىسپىرىتسىز جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش كېسىلىگە گىرپتار بولىدىغان بولۇپ، بۇخىل كېسەلگە گىرپتار بولغۇچىلار ۋىتامىنE نى ئىشلەتكەندە كېسەللىك ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنش بولىدىكەن. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك. جىمغورلۇق كېسىلى بولسا ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئوكسىدلىنىش بېسىمى ۋە تېلمومىرنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆزگۈرۈشى ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئالاھدىلىك ھىساپلىندۇ. ۋىتامىن E نى ئىشلىتىپ 6 ئايدىن كىيىن جمغۇرلىق كېسىلىگە گىرپتار بولغۇچىلاردا ئوكسىدلىنىش بېسىمى يىنكلەيدۇ، ئەڭ قىسقا تېلمومىرنىڭ ئوكسىدلىنىش بېسىمى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىدۇ. بوۋاسىر. جاھىل خارەكتىرلىك بوۋاسىردىن باشقا ھەر قانداق ئادەتتىكى بوۋاسىرنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرماي داۋالىسا بولىدۇ. ۋىتامىن E ئارقىلىق بوۋاسىرنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى سىناپ باقساق بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەر قېتىمدا 50 مىللىگىرامدىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئادەتتە مىقدارى ھەر كۈنى 100 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۈزۈلدۈرمەي 2-3 ئاي ئىشلەتكەندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى بىر ئاي توختىتىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار