زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ

دورا نامى: زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/02/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

 يېقىندىكى بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدا بالىلارغا ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى بايقالغان، ھەم ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا زۇكام دورىسى بەرمەسلىك، ئالتە ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېھتىيات بىلەن دورا بېرىش، 12ياشتىن تۆۋەن بالىلار زۇكام بولغاندا، دورا چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپ بويىچە رېتسېپسىز زۇكام دورىسىنى توغرا تاللاپ ئىستېمال قىلىش تەكلىپى بېرىلگەن. يېقىندا ئەنگلىيە دورا ۋە داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقان 69 خىل بالىلار زۇكام، يۆتەل دورىسىنىڭ ‹‹ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى يوق››لۇقى ھەم بۇ دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى، كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدىكى بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردە قان تومۇرىنى تارايتىدىغان 15خىل تەركىبكە جىددىي قاراش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ ساختا ئېفېدرىن، ئېفېدرىن، نېئوفرىن، ئوكىس مېتازولىن؛ ھېستامىنغا قارشى دورىلار –– بېنادرىل، خلور فېنىرامىن، پرومېتازىن، ترىپرولىدىن، دوكسىلامىن؛ يۆتەل توختىتىدىغان دورىلاردىن دىكسترو مېتوتارپان، فونكودىن، گېيفنسېن، قۇسۇشنى توختىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن زۇكام دورىلىرىدا بۇ 15خىل تەركىبنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچە خىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەركىبلەر بالىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار