جۇڭيى دورىسى ئىچىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى

دورا نامى: جۇڭيى دورىسى ئىچىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

چۈشتىن كېيىن، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كېسەل كۆرسىتىدىغانلار بارغانېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. دورا ئىچىشنىڭمۇ «ئەڭ ياخشى پەيتى» بولىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭيى دورىسى ئىچىشنىڭ تېخمۇ ‹‹ئالتۇن مەزگىلى››بولىدۇ، بۇنىڭ سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلشىگە كۆپ پايدىسى بار. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت9 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ئەتراپى ئورگانىزمنىڭ دورا سۈمۈرۈشىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، شۇنداقلا جۇڭيى دورىسى ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ھېساپلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۆسمە كېسلىگە گىرپتار بولغانلار ئوپېراتسىيەدىن كىيىن، ھوشىدىن كەتكەن ۋاقىتتا جۇڭيى دورىسى ئىچىش تېخمۇ پايدىلىق. ئۇنىڭىدىن باشقا، جۇڭيى دورىسى تاتلىق، چۈچۈمەل، قىرتاق، ئاچچىق بەش خىل تەمگە ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان جۇڭيى دورىسىنى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئىچىش قائىدىسگە رىئايە قىلش كېرەك. زەئىپلىشىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر ۋە ئاشقازان ئۈچەي كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار تاماقتىن 30-60مىنۇت بۇرۇن دورا ئىچسە بولىدۇ. ئۆپكە يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا ئادەتتىكى كېسەلگە گىرپتار بولغانلار تاماقىتىن كىيىن 15-30مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن دورا ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى، بۇنداق بولغاندا دورىنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەينى غىدىقلاپقويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مىجەزنى تەڭشەيدىغان دورىلارنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت10دا يېرىم ئاچ قورساق ھالەتتە ياكى چۈشتىن كېيىن سائەت 4دە يېرىم ئاچ قورساق ھالەتتە ئىچكەندە دورىنىڭ تېخمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھەزىم قىلشنى ياخشىلايدىغان ۋە ئاشقازان -ئۈچەينى غىدىقلايدىغان دورىلارنى تاماقتىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ. ئىچىنى سۈرۈپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئاچ قورساق ئىچىش، بۇنىڭ ئىچىدە تۆگە قۇلاق، كەندىر قاتارلىقلار تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىچىنى سۈرۈيدىغان دورا بولۇپ بۇ دورىلارنى ئەتىگەن ۋە كۈندۈزى ئىچسە بولىدۇ. غەيرەت جاسارەت تەرجىمىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار