ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى كۆپ ئىچىش ناھايىتى خەتەرلىك

دورا نامى: ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى كۆپ ئىچىش ناھايىتى خەتەرلىك | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/04/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچسە ھاياتقا خەۋپ يېتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەممە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى نورمال ئۆلچەم بويىچە ئۇزاق ۋاقىت ئىچكەندىمۇ ئۆلۈم خەتىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان.


‹‹ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى›› تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان دوكلاتتامۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 2002 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا دائىم ئۇيقۇسىزلىق دورىسى ئىچىدىغان 10 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەن ھەم ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇيقۇسىزلىق دورىسى ئىچمەيدىغان 20 مىڭ كىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن. نەتىجىدە ئۇيقۇسىزلىق دورىسى ئىچكەنلەرنىڭ ئۆلۈم خەتىرى ئۇيقۇسىزلىق دورىسى ئىچمىگەنلەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولۇپ چىققان ھەم ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىچسە ئۆلۈم خەۋپىنىڭ شۇنچە كۈچىيىدىغانلىقىنى بايقىغان.
 بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى كۆپ ئىچكەندە راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغاندا، ئۇلاردا راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئانچە روشەن بولمىغان. ئەمما بىر مەزگىلئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىچكەنلەردە راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى باشقىلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.
تەتقىقاتچىلار: بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيقۇسىزلىق دورىسى بىلەن ئۆلۈمنىڭ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشى بارلىقىنىلا ئىسپاتلاپبەردى، ئەمما بۇنىڭدا قانداق سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقى ھازىرچە تېخى ئېنىقلانمىدى، دېدى. تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېدى: ئۇيقۇسىزلىق دورىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىشىنىڭ سەۋەبى دورىنىڭ چوڭ مېڭىگە تەسىر قىلغاندىكى ئىنكاس تېزلىكى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئويلىمىغان ھادىسە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار