قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

دورا نامى: قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/04/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

قىزىتما ئادەم بەندىكى مۇداپىئە خاراكتېرلىك رېئاكسىيە بولۇپ، بۇ كېسەللىك پەيدا قىلغان باكتېرىيەگە پايدىسىز. چۈنكى قىزىغاندا بەدەندىكى ئانىتېتلا (قارشى تەنچە ) كۆپىيىپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلغان باكتېرىيەلەرنى يۇتۇش رولى ۋە جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش پائالىيىتى كۈچىيىپ، بەدىنىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىشقا ياردەملىشىدۇ. شۇڭا ئادەتتە قىزىپ قالغاندا، بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسى 38 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش، مۇۋاپىق دەم ئىلىش، ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش، سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ ۋاقىتتا قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بەدەن قىزىتمىسى يۇقىرى بولۇپ، تېمپېراتۇرا 39 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە ياكى قىزىش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.


ئادەتتە بەدەن قىزىغاندا باش ئاغرىشمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ. قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار ئاغرىق پەسەيتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. بۇ تۈرگە كىرىدىغان دورىلار قىزىتما، زۇكام ، جىددىي خاراكتېرلىك رېماتىزم ياللۇغى، باش ، چىش ،مۇسكۇللار ئاغرىش، نېرۋا ئاغرىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، تېرىدىكى جاراھەتلەرنىڭ ئاغرىشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. لېكىن بەدىنى ئاجىز كىشىلەر قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىپ پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا دورا مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئىستېمال قىلغان دورىنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بەدەندىن تەر كۆپ چىقىپ كېتىپ بەدەن تېمپېراتۇراسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەزىدە ھوشسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بۇنداق دورىلار ئاشقازان شىلىق پەردىنى مەلۇم دەرىجىدە غىدىقلاش تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق دورا كۆپ ئىستېمال قىلىنسا قورساقنىڭ يۇقىرىقى قىسىمى ئاغرىش، كۆڭۈل ئىلىشىش، قۇسۇش، قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ دورىلار ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىنسا، ئاشقازان يارىسى پەيدا بولۇش، ئاشقازان قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزى دورىلار جىگەر بۆرەكنى زەخىملەندۈرگەندىن باشقا، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا قىزىتما قايتۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى، بۇنداق دورىلارنى بۇرۇن ئىستېمال قىلغاندا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنىڭ يۈز بەرگەن - بەرمىگەنلىكىگە قاراش، ئازراق قىزىپ قالغاندا خالىغانچە ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار