قان بېسىم دورىسىنى توختىتىشقا ياكى ئازايتىشقا بولامدۇ؟

دورا نامى: قان بېسىم دورىسىنى توختىتىشقا ياكى ئازايتىشقا بولامدۇ؟ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/04/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

«قان بېسىم پۇرژىنىغا ئوخشايدۇ، بېسىم بولمىسىلا سەكرەپ چىقىدۇ». يۇقىرى قان بېسىم بەدەندىكى قان بېسىمنىڭ تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسىدا فۇنكسىيەلىك توسالغۇ پەيدا بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنى بەدەننىڭ فۇنكسىيەسىگە تايىنىپ تەڭشىگىلى ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، پەقەت دورا ئارقىلىق  بېسىمنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىلا، قان بېسىمنى نورمال سەۋىيەدە ساقلىغىلى، كېسەلنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.


قان بېسىمنىڭ تىزگىنلىنىشى ھەرگىزمۇ بەدەندىكى قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يۇقىرى قان بېسىمدىن ئىبارەت بۇ «پۇرژىنا» تىزگىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولىدۇ، داۋالاشتىن ۋاز كەچكەن ھامان بۇ «پۇرژىنا» ئېتىلىپ چىقىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىدۇ.
ئۇنداقتا قان بېسىم نورمال ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن دورىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى بىر قانچە قەدەم بىلەن مېڭىش كېرەك:
بىرىنچى قەدەمدە، قان بېسىمى  يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە (كېسەل دەرىجىسى ۋە كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ) كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەدە (80/120mmhg) بولسا، دورا مىقدارىنى ئازايتىشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.
ئىككىنچى قەدەمدە، ناۋادا قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغان ئىككى خىل دورىنى ئىچىۋاتقان بولسا، ئاۋۋال بىر خىل دورىنىڭ مىقدارىنى يېرىم ئازايتىپ، ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن كېسەل ئەھۋالى تۇراقلىق بولسا يېرىمدىن ئىچىۋاتقان دورىنى توختىتىپ، بىرلا خىل دورىنى ئىچسە بولىدۇ. كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىككى خىل دورىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئازايتىپ يېرىمدىن ئىچسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق ئاز مىقداردا بىرلەشمە دورا ئىشلىتىشنىڭ قان بېسىمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بىرلا خىل دورىغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ(دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەڭشەش كېرەك، چۈنكى قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان  دورىلارنىڭ ھەممىسىلا يېرىمدىن پارچىلاپ ئىچىشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ).
ئۈچىنچى قەدەمدە، ناۋادا بىر خىللا  دورا ئىچىۋاتقان بولسا، يېرىمدىن  ئىچىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.
قان بېسىمنى چۈشۈرىدىغان  دورىلارنىڭ ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى چەكلىك، ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورا بولغان تەقدىردىمۇ نەچچە كۈن داۋاملاشمايدۇ. شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ كۈن ئارىلاپ دورا ئىچىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، ئۆز مەيلىچە دورىنى توختىتىپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. دورا ئىچىشنى تەڭشەش مەزگىلىدە قان بېسىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش كېرەك. ھەر قېتىم تەڭشىگەندىن كېيىن كۆزىتىپ تۇرۇش،  داۋالغۇش كۆرۈلگەن ھامان، ئەسلىدىكى دورا مىقدارى بويىچە ئىچىش كېرەك .
قان بېسىمنى دورا ئىچىشتىن بۇرۇن ئۆلچەش لازىم، دورا ئىچكەندىن كېيىنكى نەتىجىنى ئۆلچەم قىلىشقا بولمايدۇ. دورا مىقدارىنى   6ـ ئايدىن  9ـ ئايغىچە تەڭشەش كېرەك، قىشتا تەڭشەشكە بولمايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار