تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ

دورا نامى: تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

كۆزگە تېمىتىدىغان دورا
ئادەتتە كۆزگە تېمىتىدىغان دورىلارنى تېمىتىپ قويۇپلا كارىمىز بولمايدۇ. لېكىن تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، كۆزگە تېمىتىدىغان دورا بۇرۇن-ياش نەيچىسى ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقىغا بارىدىكەن ياكى يۈزىگە ئېقىپ، تولۇق سۈمۈرۈلمەيدىكەن، شۇڭا كۆزگە تېمىدىغان دورىنى تېمىتىپ بولۇپ، كۆز چانىقىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە بېسىپ تۇرغاندا، بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورا
بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورا ئادەمنى سەل بىئارام قىلغاچقا، بىلىپ-بىلمەيلا بۇرۇننى تارتىپ قالىمىز. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورىنى ئىشلىتىپ بولۇپ بۇرۇننى تارتقاندا دورا كېكىردەككە كېتىپ دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىكەن، شۇڭا بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورىنى بۇرۇن دىۋارىغا تېمىتىش، دورىنى تېمىتقاندا يەنە بىر بۇرۇننى ئېتىۋالماسلىق كېرەك.
قۇلاققا تېمىتىدىغان دورا
قۇلاققا تېمىتىدىغان دورىنى ئادەتتە تېمىتىپ بولۇپلا، ئوڭدىسىغا ياتىمىز ياكى ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتىمىز، بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ قىلچىلىك ئۈنۈمى بولمايدىكەن، شۇڭا قۇلاققا تېمىتىدىغان دورىنى تېمىتىپ بولۇپ، ئىككى مىنۇتلارچە يېنىچە يېتىش كېرەك ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار