ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە ...

دورا نامى: ياشانغانلار دورا ئىشلىتىشتە ... | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2017/07/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

 ياشانغانلار تېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، بەدەندە ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

 
ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزاق مۇددەت ئىچمەسلىك كېرەك
بەزى ياشانغانلار دائىم ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇيقۇ دورىسى ئىشلىتىدۇ. ئۇيقۇ دورىسىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە خۇمار قىلىدۇ ھەم ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تىلى توسالغۇغا ئۇچراش، قەدەم ئېلىشى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
 
ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئۇزاق مۇددەت ئىچمەسلىك كېرەك
ياشانغانلاردا بويۇن، ئومۇرتقا كېسىلى ۋە رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش ئۈچۈن ياشانغانلار كۆپىنچە ئاسپىرىن (阿司匹林)، ئانتىنفان (消炎痛) ياكى برۇفېن (布洛芬) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. بۇ دورىلار ھەزىم يوللىرىدا قاناش پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە بۆرەك ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
 
 
بىرلا ۋاقىتتا ئۆزئارا چىقىشالمايدىغان دورىلارنى ئىچمەسلىك كېرەك
ياشانغانلار كۆپ ھاللاردا بىرقانچە خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولىدۇ، شۇڭا كۆپ خىل دورىلارنى ئىچىدۇ. كۆپ خىل دورىنى بىللە ئىچكەندە داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپلا قالماستىن يەنە دورىنىڭ زەھىرى كۈچىيىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، دىگوكسىن (地高辛) بىلەن ھىدروخىلوروتىئازىد (氢氯噻嗪) بىللە ئىشلىتىلسە كالىي كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى (降糖药) دورا ياكى ئىنسۇلىن (胰岛素) بىلەن ئادەتتىكى نافتالېن لولتوڭلار (普萘洛尔) بىللە ئىشلىتىلسە قان شېكىرى تۆۋەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ.
 
 
بۆرەككە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك
ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاجىزلىغان بولىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار بۆرەككە زىيانلىق دورىلار، مەسىلەن، سىترېپتومىتسىن (链霉素)، كانامىتسىن (卡那霉素) ۋە گېنتامىتسىن (庆大霉素) قاتارلىق دورىلارنى ئامال بار ئىچمەسلىكى ياكى مىقدارىنى ئازايتىشى ۋە ۋاقىت ئارىلىقىنى ئۇزارتىشى كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار