ئائىلىدە ئاددىي دورا ياساش رېتسىپلىرى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: بىلىمدان بلوگى | ۋاقتى: 2011/12/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

بەل چىم بولۇش: ياڭيۇنى ئاقلاپ چوڭراق بولسا بىرنى، كىچىكرەك بولسا ئىككى، ئۈچنى خام يەپ بەرسە بەل چىم بولۇش توختايدۇ، ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە كۈندە يەپ بېرىش كېرەك، ئادەتتە ئىككى قېتىمدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
چىش ئاغرىش: تىتىتقۇنى چوكا بىلەن بىر ئاز ئىلىپ ئاغرىغان چىشنىڭ ئۆستىگە قويسا ئاغرىق توختايدۇ.

جاراھەت: ھۆل زەنجىۋىلنى يانجىپ ،قانىغان جاراھەت ئاغزىغا قويسا قان توختايدۇ.

قاداق: پۇتنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن سوڭپىياز غولىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت پوستىنى ئېلىپ، قاداقنىڭ ئۈسىتىگە قويۇپ پىلاستىر چاپلاپ قويسا، بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاغرىق كۆرۈنەرلىك توختايدۇ ياكى يۇقايدۇ، بۇنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا، قاداقنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلەر ئاقىرىپ يۇمشاپ، قاداق ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇلى: ئاۋال بەكە بىلەن قاداق ئۈستىدىكى قاتتىق ماددىنى ئېلىۋىتىپ، ئاندىن ئاز مىقداردا چاي ئۇۋۇندىسىنى  قاداق ئۈستىگە سېپىپ پىلاستىر بىلەن ھىملاپ كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بەرسە 3-5 كۈنگىچە قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ.
پۇت تەمرەتكىسى: يىلان بېلىق سۈڭىكىدىن 100 گرامنى قۇرۇتۇپ يەنجىپ تالقان قىلىپ، كۈنجۈت يىغى بىلەن تەمرەتكە بار ئورۇنغا ھەر كۈنى بىر قېتىم سۈرتۈپ بەرسە، 3~4 مىنۇتتىلا ئۈنۈمى كۈرۈلىدۇ.

قورساق ئاغرىقى: 50 گرام ئاچچىقسۇغا 50 گرام قارا شېكەر قوشۇپ قازاندا قاينىتىپ سوۋۇغاندىن كىيىن كېسىلى يىنىكلەر بىر قېتىم ،ئېغىرلار ئىككى قېتىم ئىچسە شىپا بولىدۇ. بىر تال ئاچچىق ئانار شۈپىكىنى بىر چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ يېرىم چىنە قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا 50 گىرام قارا شېكەر سىلىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە شىپا بولىدۇ. بالىلار (بۇۋاقلار)نىڭ قورسىقى ئاغرىسا بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، شۆپىكى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ توغراپ قازانغا ئاز مېقداردا سۇ قۇيۇپ 20 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ يىسە شىپا بولىدۇ. (كۈنىگە ئۈچ قېتىم)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر