مەددە قۇرت توغرىسىدا ھەكىم ئىبىن سىنانىڭ ئېيتقانلىرى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/01/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ھەزرەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ھەزرەت

 ئەگەر ماددا ھاسىل بولۇپ، ماددا مىزاجلىق بولمىسا، ئۇ ماددىغا مۇۋاپىق شەكىل ۋە رەڭ بېرىلىدۇ. ياراتقۇچى ئاللا بەرگەن تەبىئىي مۇكەممەللىكنى ماددىنىڭ قۇبۇل قىلىشقا ھازىرلىنىشى چەكلەنمەيدۇ. قورساقتىكى مەددە قۇرت مۇشۇ تۈرگە مەنسۇپ بولۇپ، مەددە قۇرت ھېچقانداق خىلىتتىن ھاسىل بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ مەددە قۇرت ھەرگىز سەپرا ياكى سەۋدادىن پەيدا بولمايدۇ. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ ھارارىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھۆل تەبىئەتلىك مەددە قۇرت ھاسىل بولمايدۇ، بەلكى مەددە قۇرت ھارارىتى كۈچلۈك سەپرانىڭ مىزاجىغا قارىمۇ ـ قارشى بولغان بولىدۇ. يەنە بىرسى ھاياتلىقتىن يىراق بولغان قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك سەۋدادۇر. قانغا كەلسەك، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئۇ قاننى كونترول قىلىدۇ. ئەزالار قانغا كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بولۇپ، قان خىلىتى مەددە قۇرتنى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ بەدىنىنى قىزىتىش، ئۆستۈرۈشكە مۇناسىپتۇر.

 ئۈچەيدە تۇرۇپ قالغان نەرسىدىن مەددە قۇرت ھاسىل بولغانمۇ ئەمەس. مەددە قۇرتنىڭ شەكلى، رەڭگىدىن قارىغاندا ئۇ مەددە قۇرتنىڭ قان ماددىسىدىن پەيدا بولمىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، بەلكى ئۈچەيدە كۆپەيگەن، سېسىغان، قىزىغان ۋە ئۈچەيدە تۇرۇپ قالغان بەلغەم ماددىسىدىن مەددە قۇرت پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

يېمەكلىكلەردىن ھەم يېمەكلىكلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن، ھەر قانداق سەۋەبتىن بولغان ھەزىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن بەلغەمنى پەيدا قىلىدىغان كۆپ خىل سەۋەبلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭغا ئوخشاشلا بەلغەم ئەزالارنىڭ مىزاجدىن، بۇغداي، لوبىيا ۋە باقىلەگە ئوخشاش يۇمشاق، چاپلىشاڭغۇ يېمەكلىكلەر پەيدا قىلغان نەرسىلەردىن، تالقان يېيىشتىن، خام گۆش يېيىشتىن، سۈت ئىچىشتىن، سەي ـ كۆكتات يېيىشتىن، تاماقتىن كېيىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشتىن، تاماقتىن كېيىن ھور مۇنچىدا يۇيۇنۇشتىن، قورساق بەك توق ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بەلغەمنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقى مەلۇم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر