بۈيۈك ئالىم، داڭلىق تېبابەتشۇناس − ئەبۇ نەسىر فارابى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئۇيغۇر تېبابىتى | ۋاقتى: 2011/10/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر تېبابىتى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان فارابى (870 − 950) مىلادىيە 870 − يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب − ئوترار − جەۋھەر شەھىرىنىڭ ۋاسىچ ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز − توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىستېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 10 − ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىدى، ئۇ ئاساسلىق شەھەرلەرنى كۆردى. ئۇيغۇر − تۈركىي تىل − ئەدەبىيات ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى، جۈملىدىن پارس تىلىنى پىششىق ئىگىلىدى. 30 ياشتىن ھالقىغاندا ئەينى زامان ئىسلام شەرقىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداد شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە باغدادتا ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىددىندىن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىۋالدى. مەشھۇر خرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گرېك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى. كېيىن ھەرران شەھىرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خرىستىئان ئالىمى، ئارىستوتېل لوگىكىچىسى يۇھەننابىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، نەزەرىيىۋىي تېبابەتچىلىكىنى ئۆگەندى.


فارابى ناسىر ئىبىن ئەخمەت (914− 943) زامانىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا بىر قېتىم كېلىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ يەردە قالالماي ئوتتۇرا يېقىن شەرققە قايتىپ كەتتى. ئۇ ناسىر ئىبىن ئەخمەتكە «ئەتتەلىم ئەسسانى» (ئىككىنچى تەلىمات) ناملىق كىتاب سوۋغا قىلدى ۋە «ئىككىنچى ئۇستاز» دېگەن ھۈرمەتلىك نامغا ئىگە بولدى. فارابى خەلىپە مۇقتەدىر (908−923) دىن باشلانغان ۋە بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشكەن دىنىي ئەسەبىيلىك تۈپەيلى شىمالىي سۈرىيە ھەمەدان خانلىقىغا سۇلتان سەيپۇد − دەۋلە ھۇزۇرىغا سەپەر قىلدى. بۇ چاغدا شەرقنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە شائىرلىرى − مۇتەنەببى (915− 965)، ئەبۇ پىراس (923 − 968)، مۇئەررى (937 − 1057) قاتارلىقلار سەيپۇد − دەۋلە سارىيىغا توپلانغانىدى. فارابى سەرگەردان قىياپەتتە، تۈركىي لىباستا سەيپۇد − دەۋلە ئالدىغا كىرىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ كىملىكىنى ساراي ئەھلى بىلمىگەن بولسىمۇ، ئىلمىي مۇھاكىمىلەر ۋە مۇزىكا ماھارىتى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى تونىدى ۋە ئۇنىڭغا دۆلەت ئۇستازى سۈپىتىدە ھۈرمەت بىلدۈردى. ئۇ ھەلەب، دەمەشق، مىسىرغا بېرىپ ئىلمىي لېكسىيىلەر سۆزلىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارىستوتىلى، ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر