ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇلدى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: شىنخۇا تورى | ۋاقتى: 2012/03/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

شىنخۇا تورىنىڭ 10-مارت خەۋرى، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھىنۇر نىياز خانىم 10-مارت مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا» تەكلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ شىپالىق ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرقى تۆۋەن، تەبىئىي، ئەكس تەسىرى يوق بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن تېببىي پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ  دىققەت-ئېتىبارىغا بارغانسېرى سازاۋەر بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 


ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بولسا ئىسلام تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مول بولغان ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مەدەنلەردىن پايدىلىنىپ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى داۋالاشنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى توپلاپ، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە بولغان ئالاھىدە بىر خىل تېبابەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى جۇڭگونىڭ خەنزۇ جۇڭيى تېبابەتچىلىكى، قەدىمكى مىسىر، ھىندىستان، رىم، ئەرەب، پارس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېبابەتچىلىكى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە.
ماھىنۇر نىياز خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورا ماتېرىيال بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ناھايىتى ئۇزاق چىن، خەن دەۋرلىرىدىن باشلاپلا تېۋىپ-ئەمچىلەر بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى باشلاپ، بارا-بارا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرگەن. ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، مەدەن قاتارلىق دورىلىق ماتېرىياللارنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن ئاشىدىكەن، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى 450 خىلغا يېتىدىكەن.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى سۈنئىي يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، كۆلەملىشىشكە  ۋە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئىكەن. ھازىرغىچە 202 تۈرلۈك ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى دۆلەت دەرىجىلىك دورا قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۆزىگە خاس شىپالىق ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، مۇرەككەپ، قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ساھەسىدە ئىنتايىن زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەن.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا، كۆلۈمىنىڭ كىچىك، يۇقىرى ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل، ئۇل تەتقىقاتنىڭ ئاجىز، تېخنىكا نىسبەتەن قالاق، سانائەتلىشىشى ئارقىدا، مەبلەغ يېتەرسىز بولۇشتەك بىرقاتار ئەمەلىي مەۋجۇد بولغان ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ماھىنۇر نىياز خانىم، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا بولغان قوللاش ۋە سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرش سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلىق ماتېرىياللارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك كلىنىك تەتقىقات بازىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى دۆلەتنىڭ يېمەكلىك، دورا باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكلىپ سۇنغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر