قان بېسىمنى دورىسىز چۈشۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەڭ ياخشى دوختۇر - ئۆزىڭىز | ۋاقتى: 2012/03/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: مەخبۇبە ئابدۇراخمان | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى دورا ئارقىلىق داۋالاش دائىم قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇل بولسىمۇ، ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك دورىسىز داۋالاش ئۇسۇللىرىمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ:
ئاستا سۆزلەش: تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار بەك تېز سۆزلىسە، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولۇشى تېز سۆزلەشنىڭ نېرۋىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
چېنىقىش: ھەپتىدە ئۈچ قېتىم نورمال ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىپ بېرىش، ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە 20 مىنۇت ئاستا ياكى تېز مېڭىش، تەيجى گۇمپىسىنى مەشىق قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئارقىغا كېرىلىش: يۇقىر قان بېسىم كېسىلى بارلار ئاستا كېرىلىپ ئاندىن تۈزلتىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بېرىشى كېرەك. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى تۈپەيلىدىن باش ئاغرىغاندا بۇ ھەرىكەتنى ئون قېتىم ئىشلەپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
تەرتىپلىك يۇيۇنۇش: يۇيۇنغاندا ئاۋۋال سوغۇق سۇدا ئۈچ مىنۇت، ئاندىن ئىسسىق سۇدا ئۈچ مىنۇت يۇيۇنۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. بۇنداق قېلغاندا قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تەرتىپلىك يۇيۇنۇش يەنە ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
بانان يېيىش: باناننىڭ تەركىبىدە كالىيلىق تۇز مول بولۇپ، كالىيلىق تۇزنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى تۇرغۇن ھالەتتە ساقلاشقا ياردىمى بولىدۇ. ھەر كۈنى بىر-ئىككى تال بانان يەپ بەرسە كۇپايە.
خاسىڭنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ يېيىش: خاسىڭنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ بىر ھەپتە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۈچ-تۆت تالدىن ئۇدا بىر ھەپتە يەپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
سامساق يېيىش: يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر كىشىلەر ھەر كۈنى سامساقنى بىر-ئىككى تالدىن ئۇدا 12 ھەپتە يەپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمنى نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر