بەل ئاغرىقى توغرىسىدا

سەھىپە: تېبابەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ھەزرەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ھەزرەت

بەل ئاغرىقى مۇسكۇلدا ۋە ئومۇرتقىنى ئوراپ تۇرغان ئىچكى ۋە تاشقى پەيلەردە بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن. سوغۇق مىزاجدىن، خام بەلغەمدىن، كۆپ چارچاشتىن ياكى جىمانى كۆپ قىلغانلىقتىن بولىدۇ. بەزىدە بەل ئاغرىقى تېخىچە ئورۇنلىشىپ بولالمىغان دوكلۇق سەۋەبىدىن بولىدۇ. بەزىدە بەل ئاغرىقى ئىچكى ئەزالارنىڭ شېرىكچىلىكى بىلەن بولىدۇ.

 

 

مەسىلەن: بۆرەك زەئىپلەشكەندە، بۆرەك ئورۇقلىغاندا، ئومۇرتقىغا ئورۇنلاشقاندا چوڭ تومۇر ئېغىر دەرىجىدە تولغاندا بەل ئاغرىيدۇ ياكى ئۆپكە نەيچىسىگە ئىششىق ۋە چۇقۇق چىققاندىمۇ شۇنداق ئاغرىيدۇ. بەزىدە ئاغرىق بەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ.

بەزىدە بەل ئاغرىقى بالىياتقۇنىڭ شېرىكچىلىكى بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن: ھەيز قېنى كېسىلىشكە يېقىنلاشقاندا ياكى بالىياتقۇ بوغۇلغاندا تۇغۇت تولغىقى تۇتقاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بەل ئاغرىق بەزىدە بوھران بەلگىلىرىدىن بىرى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر